版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/160059183.html

    5-سېنتەبىر سوتقا تارتىلغان ھوقۇقدارلار


    2011-يىلى 5-سېنتەبىر، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك، فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى شىراك، ئىسلاندىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى خارد قاتارلىقلار خۇددىي دېيىشىۋالغاندەك بىر كۈندە سوتقا تارتىلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پارىخورلۇق ياكى خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان دەپ ئەيىبلەندى.
     

    ماتېرىيال سۈرەت: مۇبارەك سوتتا
    83 ياشلىق مۇبارەك 2-ئايدا «تەخت»تىن چۈشكەندىن كېيىن، قاھىرە ئەتراپىدىكى بىر دوختۇرخانىدا نەزەربەنت قىلىنىپ، 3-ئاۋغۇست ۋە 15-ئاۋغۇست ئىككى قېتىم سوتقا تارتىلىپ، پارىخورلۇق قىلغان، بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىپلەنگەن. مۇبارەك قەتئىي ھالدا ئۆزىنى گۇناھسىز دەپ ئاقلىغان.
    5-سېنتەبىر، مۇبارەك ئۈچىنچى قېتىم سوتقا تارتىلدى، بىراق مىسىر تېلېۋىزىيە ئىستانىسى بۇ قېتىمقى سوتنىڭ ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن تارقاتمىدى. سوت بىناسىنىڭ سىرتىدا بولسا مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى.


    ئىسلاندىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى خاردې
    2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىستا بىپەرۋالىق قىلىپ، ئسلاندىيە پۇل مۇئامىلە سىسىتېمىسىنى قاتتىق زەربىگە ئۇچراتقان سابىق زۇڭلى خاردې 5-سېنتەبىر سوتقا تارتىلدى.
    بۇلتۇر سېنتەبىردە، ئىسلاندىيە پارلامېنتى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق خاردېنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى سوتلايدىغان ئالاھىدە سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغانىدى، 9-ئىيۇن سوت خاردنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىستىكى قىلمىشىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان.
    ئىگىلىنىشىچە، ئەگەر خاردېغا جىنايەت بېكىتىلسە، ئۇنداقتا خاردې ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. ئۇ 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن سوتقا تارتىلغان تۇنجى سىياسىي ئەرباپ ئىكەن، شۇنداقلا ئىسلاندىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى سوتقا تارتىلغان تۇنجى دۆلەت  رەھبىرى ئىكەن.


    فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى شىراك
    فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى 4-سېنتەبىر: فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى شىراك 5-سېنتەبىر سوتقا تارتىلىدۇ،-دەپ خەۋەر قىلغانىدى. بىراق، شۇ كۈنى سوت باشلىنىشتىن بۇرۇن شىراكنىڭ دوختۇرى ئۇنى ئاغرىپ قالدى سوتقا چىقالماسلىقى مۇمكىن دەپ سوتنى كىچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
    ئىگىلىنىشىچە، شىراك بۇ يىل 3-ئايدىكى تۇنجى قېتىملىق سوتقىمۇ چىقالمىغان ئىكەن. سوت شىراكنى 1977-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە پارىژنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان مەزگىلىدە، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئوغىرلىقچە ئىشلەتكەن دەپ ئەيىپلەنگەن. ئەگەر جىنايىتى بېكىتىلسە 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.


    رىۋاندا ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ئىنگابىرې
    5-سېنتەبىر، رىۋاندا ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ۋېكتور ئىنگابىرېمۇ سوتقا تارتىلدى. ئىنگابىرې (ئايال) 1968-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى گوللاندىيەدە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن گوللاندىيەدىكى بىر شىركەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان. بۇ جەريانىدا ياۋروپادىكى رىۋاندالىق ئۆكتىچىلەرنى ئاكتىپ قوللىغان. 2010-يىلى يانۋاردا راۋانداغا قايتىپ بېرىپ، شۇ يىلى 8-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق بىر ئايدىن كېيىن ئۇ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان ۋە رىۋاندادىكى ئېرقى قىرغانچىلىقنى قوللىغان دېگەن ئىككى جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان، ھەمدە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش سالاھىتى ئېلىپ تاشلانغان.


    سلوۋېنىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى جانېز جانسا
    جانېز جانسا 2004-يىلى نويابىردا سىياسىي سەھنىگە چىققان بولۇپ، 2008-يىلى سېنتەبىردە ئاخبارات ۋاستىلىرى جانېز جانسا فىنلاندىيەدىكى ھەربىي قورال-ياراق زاۋۇتىدىن نەچچە مىليون ياۋرو پارە ئالغان دەپ خەۋەر قىلغان. گەرچە جانېز جانسا بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خەۋەر يەنىلا سلوۋېنىيە سىياسى ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغانلىقى ئۈچۈن، سوت بۇ ئىشقا دېلو تۇرغۇزغان.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2011-09-06)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    چەتئەلنىڭ بەش رەھبىرى سوراق قىلىندى


    2011-يىلى 5-سىنتەبىر، مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇبارەك، فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى شىراك، ئىسلاندىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى خارد قاتارلىق بەش مۇھىم ئەرباب كېلىشىۋالغاندەكلا بىر كۈندە سوراق قىلىندى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇنى تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش دېيىشكە بولمايدۇ.


    بىرىنچىسى، مۇبارەكنىڭ ئۈچىنچى قېتىم سوراق قىلىنىشى

    سوت ئۈچ ھەپتە توختىتىلغاندىن كېيىن، مىسىر 5-سىنتەبىر مۇبارەكنى ئۈچىنچى قېتىم سوتلىدى. فېۋرال تەختتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، 83 ياشلىق مۇبارەك قاھىرەنىڭ شەھەر سىرتىدىكى بىر دوختۇرخانىدا نەزەربەند قىلىنىپ، خىيانەتچىلىك قىلىش ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك شىكايەت قىلىندى.
    3-ئاۋغۇست بىلەن 15-ئاۋغۇست، مۇبارەك ئىككى قېتىم سوراق قىلىندى، ئۇ تۆمۈر قەپەزدە سوتلىنىپ، باشتىن ئاخىر ئۆزىنى گۇناھسىز دېدى.
    شۇ يەر ۋاقتى 5-سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇبارەك سوراق مەيدانى قاھىرە ساقچى ئىنستىتۇتىغا يېتىپ كەلدى، مىسىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سوراقنى نەق مەيداندىن كۆرسەتمىدى.
    يەرلىك تاراتقۇلار: مۇبارەكنىڭ ئۈچىنچى قېتىم سوراق قىلىنىشىنىڭ بىخەتەرلىك كۈچى ئىلگىرىكىدەكلا قاتتىق بولدى. سوت سىرتىدا، مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار قاتتىق توقۇنۇشتى، توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. تەھلىلچىلەر: ئىلگىركىسىگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى سوراق نەچچە يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.


    ئىككىنچىسى، ئىسلاندىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى خارد

    2008 -يىلدىكى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدە خىزمەتكە سەل قاراپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ گۇمران بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى دەپ شىكايەت قىلىنغان ئىسلاندىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى خارد 5-سىنتەبىر سوراق قىلىندى.
    ئۆتكەن يىلى سىنتەبىردە، ئىسلاندىيە پارلامىنتىدا كەسكىن مۇنازىرىدىن كېيىن 33 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 30 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك ئاجىز ئۈستۈنلۈك بىلەن خاردنى مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالىي ئەمەلدارلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئالاھىدە سوتنىڭ سوتلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلدى. 9-ئىيۇن ئالاھىدە سوت خاردنىڭ ئىسلاندىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىكى قىلمىشىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.
    ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ئەزاسى: خاردنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى قىلىدىغاننى قىلماسلىق دېدى. ئەگەر جىنايىتى بېكىتىلسە، بۇ كىشى ئىككى يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. خارد پۈتۈن دۇنيادىكى 2008-يىللىق پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ھەققىدە سوتلانغان تۇنجى دۆلەت رەھبىرى شۇنداقلا ئىسلاندىيە مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان سوتلانغان مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۇنجى ئەمەلدار.


    ئۈچىنچىسى، فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى شىراك، ئۇ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن سوتقا چىقالمىدى

    فىرانسىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: ئەسلىدىكى پىلان بويىچە فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى شىراك 5-سىنتەبىر خىيانەتچىلىك بىلەن تۇنجى قېتىم سوراق قىلىناتتى، ئەڭ يېڭى خەۋەردە، سوت باشلىنىشتىن بۇرۇن، شىراكنىڭ مەسئۇل دوختۇرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 79 ياشقا كىرىپ قالغان شىراكنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي، شۇ يەر ۋاقتى 5-سىنتەبىر ئالاقىدار دېلو ھەققىدىكى سوراققا قاتنىشالمىغان، شىراك پارىژ شەھەر باشلىق بولغان مەزگىلدە ئومۇمنىڭ پۇلىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن دەپ شىكايەت قىلىنغان دېيىلدى.
    فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شىراكنىڭ ئادۋوكاتى بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ: فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى شىراك سوراقنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئادۋوكاتلار ۋەكىللىرىگە 5-سىنتەبىر ۋە 23-سىنتەبىر پارىژدىكى يېنىك جىنايەت سوتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سوراققا قاتنىشىشنى ھاۋالە قىلدى دېگەن. ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچىنىڭ كارغا كېلىش كەلمەسلىكىنى ئاخىرقى ھىساپتا سوت مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ. شىراكمۇ فىرانسىيەنىڭ سوراق قىلىنغان تۇنجى دۆلەت باشلىقى.
    ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان، شىراكنىڭ سالائەتلىكى تازا ياخشى ئەمەسكەن، ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئىنسانىيلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت شەرتى ئاستىدا سوتقا چىقالمايدىكەن.
    شىراك 1977-يىلىدىن 1995-يىلغىچە پارىژ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ دوستلىرىغا شەكىلدە بار، ئەمەلدە يوق ھۆكۈمەت خىزمەت ئورنى بەرگەن. ئەگەر ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، شىراك ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 150 مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇ يىل مارتتا، ئالاقىدار دېلولارنى تۇنجى قېتىم سوتتا قاراپ چىققاندا، شىراك سوتقا قاتماشمىدى.


    تۆتىنچىسى، رۋاندادىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى ئىنگابىلېي

    5-سىنتەبىر، ئافرىقىنىڭ رۋاندادىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايال رەھبىرى ۋېكتوۋار ئىنگابىلېيمۇ سوراق سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىلدى.
    1968-يىلى تۇغۇلغان ئىنگابىلېي ئىلگىرى گوللاندىيەدە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن گوللاندىيە كارخانىسىدا ئالىي باشقۇرغۇچى بولغان. شۇ مەزگىلدە، ياۋروپاغا ئېقىپ بارغان رۋاندا ئۆكتىچىلىرىنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 2010-يىلى يانۋار، ئۇ رۋانداغا قايتىپ كىلىپ، ئاۋغۇستتىكى پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
    لېكىن بىر ئايدىن كېيىن، ئۇ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنغان ۋە رۋاندانىڭ ئېرىقى قىرغىنچىلىقىدا ئىككى جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش سالاھىتىدىن قالدۇرۇلغان.


    بەشىنچىسى، سلوۋېنىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى يانېز يانسا

    سلوۋېنىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى يانېز يانسامۇ خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن سوتلاندى. 2004-يىلى نويابىر سەھنىگە چىققان چولپان يانسانىڭ ئەسلىدە ئىستىقبالى پارلاق ئىدى. لېكىن 2008-يىلى سىنتەبىر سلوۋېنىيە پارلامېنت سايلىمىغا ئىككى ھەپتە قالغاندا، تاراتقۇلار ئۇنىڭ ئىلگىرى فىنلاندىيە ئارمىيەسى كارخانىسىنىڭ نەچچە مىليون ياۋرو پارىسىنى ئېلىش شەرتى ئاستىدا مەزكۇر شىركەتنىڭ سلوۋېنىيەگە 135 بىرونىۋىك سېتىپ بېرىشىگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
    گەرچە يانسا ئارقىدىن بۇنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئىش دۆلەتنىڭ سىياسىي سەھنىسىنى تاڭ قالدۇردى. ئارقىدىن سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزدى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-09-09)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: