ئىسىرائىلىيەنىڭ بەدەل تۆلەيدىغان ۋاقتى كەلدى - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2011年09月04日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/159569572.html

    «ئىسىرائىلىيەنىڭ بەدەل تۆلەيدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى»


    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(03.09.2011) خەۋىرى:
    ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە - ئىسىرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 2-كاتىپ سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
    ماۋى مارمارا دوكلاتىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاشكارىلىنىشى ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىماسلىقى سەۋەبلىك ئەنقەرە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي خاراكتېرگە ئىگە باياناتلارنى ئېلان قىلدى.
    ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە-ئىسىرائىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپ سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بارلىق ھەربىي كېلىشىملەرنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدا ئەڭ ئۇزۇن ساھىلغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن دېڭىز قاتنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە يولغا قويۇۋاتقان مۇھاسىرەسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مۇھاسىرە خەلقئارا ئادالەت دىۋانىدا تەكشۈرۈلىشى لازىم.»
    ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، خەلقئارا سەھنىلەردە ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنى قانۇنىي جەھەتتىن قوللاش ئىشلىرىنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئىسىرائىلىيەنىڭ مەسئۇل بولدىغانلىقىنى، ئىسىرائىلىيەنىڭ بەدەل تۆلەش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بۇ باياناتلىرىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىز ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن رەسمىي ئەپۇ سورىشىنى، ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ ئائىلىلىرى ۋە يېقىن كىشىلىرىگە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ناھايىتى ئېنىق تەنقىد قىلىنغان غەززە مۇھاسىرەسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدۇق. تەلەپلىرىمىز ۋە شەرتلىرىمىز ئورۇندالمىغىچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نورمال ھالغا كەلمەيدۇ.
    ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ ماۋى مارمارا ھۇجۇمىدا ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ ئاددىي جىنايەت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياشاش ھوقۇقى دەپسەندە قىلىندى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ھېچكىم بۇنىڭغا چاپان ياپالمايدۇ. دۆلەتلەر قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس. ھەممە قانۇن ئالدىدا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر. ئىسىرائىلىيە ۋىجدان سوتىغا مەھكۇم بولدى»
    ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ كىشىلەرنىڭ ئاق دېڭىزدا تۇنجۇقۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەلەپلىرىنىڭ ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
    ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئاخىرىدا، ماۋى مارمارا دوكلاتىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاشكارىلىنىشىنىڭ كىشىنى تولىمۇ ئويغا سالىدىغانلىقىنى، ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭمۇ بۇنىڭدىن ھەيران قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئىسرائىلىيە تۈركىيىدىن كەچۈرۈم سوراش مەسىلىسىدە ئۈچ ھەپتىلىك پۇرسەتكە ئېرىشتى


    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(26.07.2011) خەۋىرى:
    ئىسرائىلىيە تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سوراش مەسىلىسىدە ئىچكى سىياسەتتىكى تالاش - تارتىشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن يەنە 3 ھەپتىلىك پۇرسەتكە ئېرىشتى. ماۋى مارمارا ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى 20 - ئاۋغۇستقا كېچىكتۈرۈلدى.
    ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىغا قارىتا تەخمىنلەر ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، بىراق ھەممىنىڭ كۆڭلىدە «ئىسرائىلىيە كەچۈرۈم سورمىسا تۈركىيە قانداق قىلار؟» دېگەن سوئال بار... ئىسرائىلىيە تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىمىغان تەقدىردە، تۈركىيە ب پىلانىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. تۈركىيەنىڭ ب پىلانى، ئالدى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ دىپلوماتىك تەرىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ماۋى مارمارا ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدە باش ئەلچى سەۋىيەسىدە ۋەكىلى يوق. ئىسرائىلىيە كەچۈرۈم سورىمىغان تەقدىردە ۋەكىللىك سەۋىيەسى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گابى لېۋىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشقا ناھايىتى ئاز ۋاقىت قالدى. ئىسرائىلىيە كەلگۈسىدە ئەۋەتىدىغان باش ئەلچىسىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماسلىقىدىن خەۋپسىرىمەكتە. تۈركىيەنىڭ ب پىلانى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش كەنتەرتىپكە كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. خەلقئارا ساھەدىمۇ تۈركىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى تاسادىپىيلىق بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. 9 نەپەر تۈرك پۇقراسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشگە سەۋەبچى بولغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۈستىدىن خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش مەسىلىسى كەنتەرتىپكە كېلىدۇ. نۆۋەتتە ھەممىنىڭ دىققىتى 20 - ئاۋغۇستتا «ئىسرائىلىيە قانداق قىلار؟» دېگەن سوئالغا مەركەزلەشتى. چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىمۇ ئىسرائىلىيەگە پايدىلىق ھېچقانداق بىر دەلىل يوق. باشقىچە ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيە ئۈچ ھەپتىلىك پۇرسەتنى ناھايىتى ياخشى تەھلىل قىلىشقا مەجبۇر.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ب د ت نىڭ ماۋى مارمارا كېمە ۋەقەسى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى


    نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 1-سىنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش ھەيئىتى سىنتەبىرنىڭ بىرىنچى كۈنى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، 2010-يىلى 31-ماي ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى گازاغا ياردەم ئېلىپ ماڭغان تۈركىيە كېمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ 9 نەپەر تۈركنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن "ماۋى مارمارا ۋەقەسى" گە بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك داۋام قىلغان تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئاشكارىلىغان.
    ب د ت تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيىنىڭ گازانى دېڭىزدىن قامال قىلىشى "پۈتۈنلەي قانۇنلۇق ۋە رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر ھەرىكەت"، "ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى كېمىگە چىققاندىن كېيىن يولۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان" دېيىلگەن. لېكىن دوكلاتتا يەنە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كېمىگە چىققاندىن كېيىنكى ئوق چىقىرىش ھەرىكىتى ۋە يولۇچىلارنى قولغا ئېلىشىغا "سەۋەپسىز ۋە چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت" دەپ باھا بېرىلگەن.
    105 بەتلىك بۇ دوكلات تۈنۈگۈن ئېلان قىلىغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر قانچە ئاي بۇرۇن پۈتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە ۋە تۈركىيە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ قويۇۋاتقان ۋە ئۆز-ئارا ئەيىبلىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنىش ۋاقتى بىر قانچە قېتىم كېچىكتۈرۈلگەنىدى.
    تۈركىيە تەرەپ دوكلاتتا ئىسرائىلىيىنىڭ گازانى قامال قىلىشى "قانۇنلۇق ۋە زۆرۈر" دەپ قارالغانلىقىدىن نارازى بولغان ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ تۈركىيىدىن رەسمىي كەچۈرۈم سورىشى ۋە گازا قامىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىدىن ئىبارەت ئىككى تەلىپىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (Hechkim)

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2997
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: