版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/159564840.html

    ئەرەب ئىنقىلابى ئىسرائىلىيە نى ۋەھىمىگە سالدى


    ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى داۋالغۇش زومىگەرلىك قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەنى ۋەھىمىگە سالدى
    ئەرەب دۇنياسىدا ئۇدا داۋالغۇش يۈز بەرگەنلىكتىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدە بۇنىڭدىن تەۋرىنىش پەيدا بولدى. ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرى نىتانىياخۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئارقا-ئارقىدىن تېلېفونلىشىپ كېڭەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كابىنېت توختىماستىن يىغىن ئاچتى ھەمدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مۇلاھىزە ئېلان قىلماسلىقى توغرىسىدا قاتتىق بۇيرۇق چىقىرىلدى. بىراق مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇبارەك ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە يەنە غەربنىڭ مەيدانىغا پىسەنت قىلماي ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى، مۇبارەكنى ئەيىبلىمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى. بىراق ئامېرىكا كازافىينىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىشتەك ئېنىق نىشانىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئاخبارات تورى يېقىندا كازافىينى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى سوتقا تارتىلغۇچە پۇت تېرەپ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئىسرائىلىيەلىك كۆپلىگەن ئالىملار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا رەھبەرلىرى: ئوتتۇرا شەرق رايونىنى چۈشەنمەيدۇ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا قوش ئۆلچەم زىددىيىتىگە كېرىپ قالدى، ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ مەنپەئەتىنى ئويلىمىدى، دېدى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك پوزىتسىيەسىدىن غەزەبلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلدى.
    مۇبارەك ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، نىتانىياخۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ قالسا، مىسىردا ئىرانغا ئوخشاش ئىسلام ئىنقىلابىي پارتلايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىران ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ، يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلەتمەكتە. ئىسرائىلىيە ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: مىسىرنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولۇشى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن دۈشمەنلىشىش تەرەپكە قاراپ مېڭىش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىشلار خام چوتىنى كۆپەيتىشى كېرەك. ئىسرائىلىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى شاۋىر مائازېل مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە تېخىمۇ قىيىن مەزگىلگە يولۇقماقتا. ئىران قاتارلىق دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ ئورنى ۋە تەسىر كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئىسرائىلىيەدە يەنە ئاز ساندىكى رەھبەرلەر بۇنىڭدىن ئۈمىدۋارلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولدى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى پىرىز مۇنداق دېدى: ئۇزۇندىن بېرى، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نامراتلىقى ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئەرەب ئەللىرىنى ئىسرائىلىيەگە ئۆچ قىلىۋەتتى. ئەگەر «ئىنقىلاب» غەلبە قىلىپ قالسا، ئەرەب ئەللىرىگە تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىيە ۋە گۈللىنىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنداقدا ئىسرائىلىيە كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى قوشنىلارغا ئىگە بولىدۇ.
    ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى باھالىرىدىمۇ سەلبىي مەزمۇنلار كۆپ بولدى. ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «دۆلەت زېمىن گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ھازىر مىسىرنىڭ ئالدىنقى سەپ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تىنچلىقپەرۋەر كۈچلەر ئازىيىپ قاتتىق قول كۈچلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. ئىران، سۈرىيە، پەلەستىندىكى خاماس ۋە لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ تەسىرى كۈچى زورايغان. ئۇلار بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ قالىدىغان بولسا، ئىسرائىلىيەگە بولىدىغان تەھدىتى تېخىمۇ چوڭىيىدىكەن. تىل ئاۋىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كامېر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەردە دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرماستىن، بەلكى تەشكىللىك ئىسلام رادىكال كۈچلىرى ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن. ئاز ساندىكى ئوبزورچىلار مىسىردىكى ئۆزگىرىش ئەرەب ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، دەپ ھېسابلىدى. «ئېروسالىم پوچتا گېزىتى»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىلگىرى مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە تىنچلىقى ئىزچىل تۈردە سوغۇق تىنچلىق يەنى ئەل ئېھرامغا ئوخشايدىغان تىنچلىق بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتى كۆزلەنگەن، دەپ قارىلىپ كەلگەن. نۆۋەتتە بۇ خىل تەڭپۇڭ بولمىغان ئەھۋال ئۆزگەرتىلىپ، ئەل ئېھرامنىڭ ئاساسىي قىسىمىدا كەڭ دېموكراتىك تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ ۋاقتى بولۇپ قالدى.
    يېقىندا «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى تەكلىپكە بىنائەن ئىسرائىلىيە دۆلەت تەتقىقات ئورگىنى بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتى. مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دېموكراتىيە دولقۇنىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بولغان تەسىرى مۇھاكىمە قىلىندى. كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مىسىر كرىزىسى ئىران ئىنقىلابى بىلەن 1979-يىلى مىسىر ئىسرائىلىيە تىنچلىقىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش. بۇ ئىسرائىلىيە ئاخبارات تارماقلىرى ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى بولغان تەھدىت. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئىسرائىلىيە ئاخبارات تارماقلىرى مىسىردا چوڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ بولۇشىنى ئويلىمىغان، ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا يەنە دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىدا، مىسىر ھاكىمىيىتى مۇستەھكەم، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى خىرىس قىلالمايدۇ، دېگەن. ھازىرقى كرىزىس ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 20 يىلدىن بۇيان ئويلاپ باقمىغان مىسىردىن كەلگەن تەھدىت بولۇپ، ھازىر قايتىدىن پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىم بولۇپ قالدى.
    ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئوتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن دۆلەت بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى ئۇرۇش ياكى قوراللىق توقۇنۇش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلمەكتە. 1978-يىلى مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە تىنچلىق ئورناتقان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ باشلىرى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلىكتە مادرىد ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق يىغىنىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئاندىن بىخەتەر مۇھىتنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە كىردى. بىراق بۇ ئۇزۇنغا داۋاملاشمىدى. 2000-يىلى پەلەستىن ئىسرائىلىيە سۆھبىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. پەلەستىنلىكلەر 2-قېتىملىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇنىڭ بىلەن بىخەتەرلىك مۇھىتى يامانلاشتى. 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن ۋە ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتى يەنە بىر قېتىم ياخشىلاندى. بىراق 2005-يىلى ئىراندىكى كونسېرۋاتىپلاردىن بولغان پىرېزىدېنت ئەخمەد نىجاد تەختكە چىققان ھەمدە 2007-يىلى پەلەستىندە بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ خاماس گازا رايونىنى مۇستەقىل ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان بېسىم يەنە شىددەت بىلەن كۈچەيدى.

    ئىسرائىلىيە دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىت تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە كۆرۈلدى.
    1. مىسىر، ئىئوردانىيە، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلدى.
    2. ئەرەب دۇنياسى.
    3. ئىسلام دۇنياسى.
    4. خەلقئارادىكى يەھۇدىيلارغا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈچلەر.

    ئىستراتېگىيەسى كەمچىل بولغان ئىسرائىلىيە چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قوشنا ئەرەب ئەللىرى بىلەن بەش قېتىم چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى ھەمدە بىر مەزگىل مىسىرنىڭ سىناي يىرىم ئارىلى، سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكى، لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسىمى، گازا رايونىنى ھەمدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى قاتارلىق ئەرەبلەرنىڭ كۆپلىگەن زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ تۇردى. بىراق، زېمىننى ئىشغال قىلىش ئىسرائىلىيەگە بىخەتەرلىك ئېلىپ كەلمىدى. ئەرەب ئەللىرى قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىپ دۈشمىنىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى توختاتمىدى. 1979-يىلى ئىسلام ئىنقىلابى پارتلىغان ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە بىر كۈچلۈك دۈشمىنىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ئىران بىلەن سۈرىيە بىرلىكتە پەلەستىندىكى خاماس بىلەن لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيىسى قاتارلىق رادىكال تەشكىلاتلارنى قوللىغانلىقتىن، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بىردىنبىر ئىسلام ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ گازا رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاشكارا ئەيىبلەپ، خاماس بىلەن ئىراننى ئاشكارا قوللىغانلىقتىن، ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى رايون رەقىبىگە ئايلاندى.
    ئىسرائىلىيە ئەتراپتا بىخەتەر مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، ئۇرۇشۇش بىلەن ئۆزىگە تارتىشنى بىرلەشتۈرۈپ بۆلەكلەرگە ئايرىپ ئىدارە قىلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىنى قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن مىسىر، ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى قاتارلىق تىنچلىقپەرۋەر كۈچلەرنى ئۆزىگە تارتتى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەرەب دۇنياسىنىڭ سەركىسى دەپ ئاتالغان مىسىرنى قارشىلىشىش لاگىرىدىن تارتىپ چىقتى. ئارقىدىن ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. يەنە بىر تەرەپتىن زېھنى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىران باشچىلىقىدىكى ئىسرائىلىيەگە قارشى فىرونتقا زەربە بەردى.
    ئىسرائىلىيە مىسىر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە جەنۇبى لىنىيەسىدە ئۇرۇش بولمىدى. مىسىر ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۇرۇشىنى ئارقىغا سۈردى. بىراق خاماس 2007-يىلى گازانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مىسىر ئىزچىل تۈردە ئاستىرتتىن ئىسرائىلىيەگە ماسلىشىپ، جەنۇبدىكى رافا چېگرا ئېغىزىنى قامال قىلىپ ماددىي ئەشيالار ۋە خادىملارنىڭ رافا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق گازاغا كىرىشى ۋە چىقىشىنى قاتتىق قامال قىلدى. مۇبارەك ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، مىسىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، مىسىر گازا بىلەن بولغان چېگرا سىياسىتىنى تەڭشەش ئۈستىدە ئويلىشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىسرائىلىيە جامائەتچىلىكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ گازا رايونىغا ئۇزۇندىن بېرى قارىتىپ كېلىۋاتقان قامىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، گازا رايونىنى ئاللاھ پارتىيەسى كونترول قىلىپ تۇرغان يەنە بىر لىۋانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
    مۇبارەك دەۋردە ئىسرائىلىيەدە تەبىئىي گازانىڭ %40 مىسىردىن كېلىدىغان بولۇپ، مىسىر ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەنى تۆۋەن باھادا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ئىدى. بىراق ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «يېڭى خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋەر قىلىشچە: مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ناپىر ئارابىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىسرائىلىيە تۆۋەن باھادا مىسىردىن سېتىۋالغان تەبىئىي گازغا تۆلەم بېرىشى كېرەك، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەگە تەبىئىي گازنى تۆۋەن باھادا بېرىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن مىسىرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك بايلىق ئىسكىلاتى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىسىرنىڭ شىمالىي قىسىمدىكى ئالېكساندرىيە شەھىرىدە يېقىندا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش پارتلاپ ئىسرائىلىيەگە قارشى 3-قېتىملىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش مۇراجىئەت قىلىنغان.
    2008-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 2009-يىلنىڭ باشلىرىغىچە ئىسرائىلىيە گازا رايونىغا قارىتا ھەرىكەت قوللانغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى گازا رايونىنى كونترول قىلىپ تۇرغان خاماس قاتارلىق رادىكال كۈچلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق زەربىسى ۋە ئىقتىسادىي قامىلىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بىر مەزگىل سىلجىشقا مەجبۇر بولدى. بىراق ئوتتۇرا شەرق ئىنقىلاب دولقۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، خاماسمۇ بۇنىڭدىن ئىلھاملاندى. 16 مىڭ كىشى رويخەتكە ئالدۇرغان خەلق پەلەستىننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق 3-قوزغىلىڭى تورى بىتىدە خاماس ۋە ئۇنىڭ ھەربىي تەشكىلاتى كاسان بىرىگادىسى ئۆزىمىزنىڭ قۇربانى ئارقىلىق پەلەستىننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قولغا كەلتۈرەيلى، نەچچە يۈز مىڭ ئۆزىنى تەقدىم قىلغۇچى ئېروسالىمغا قاراپ يۈرۈش قىلدى، دېگەن لوزۇنكا بارلىققا كەلدى. بىر قىسىم رادىكال ئۇنسۇرلار يەنە ئەرەب ئىنقىلابى ئىشغالىيەت زېمىنىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى. ئالدىنقى ھەپتە گازا رايونى ئىسرائىلىيەگە 160 دىن كۆپرەك راكىتامىيوت قويۇپ بەردى ۋە توپقا تۇتتى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ گازا رايونىدىكى ئاز دېگەن 15 پۇقرانىڭ جىنىغا زامىن بولدى.
    بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى، مىسىرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوللىشى ئارقىسىدا ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى سۇۋەيىش قانىلى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزغا بېرىپ مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئىراننىڭ دېڭىز قىرغىقىغا ئاسانلا يېقىنلاشتى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا كومېدىيەلىك ئۆزگىرىش بولدى. مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان ھەربىي ھۆكۈمەت ئىسرائىلىيەنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ئىران دېڭىز ئارمىيىسى فىلوتىنىڭ 1979-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈپ سۈرىيە پورتىغا بېرىشىنى تەستىقلىدى. 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە ئىسرائىلىيە دېڭىز قىرغىقىغا 320 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوچۇق دېڭىز ساھىلىدا لىۋىيەنىڭ بايرىقى ئىسسىقلىق بىر يۈك پاراخوتىنى تۇتۇپ قالدى ھەمدە پاراخوتتىن ئاتالمىش ئىراندىن گازاغا يۆتكەلگەن كۆپلىگەن قورال-ياراقلارنى قولغا چۈشۈردى.
    سۈرىيەدە ئۇدا داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشمۇ ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ساقالغا ئوت تۇتاشقاندەك ئىش بولدى. بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇغ كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان سۈرىيە ھۆكۈمىتى نىشانىنى ئىسرائىلىيەگە قاراتتى. سۈرىيە پىرېزىدېنتى باشار سۆز قىلىپ، سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش چەت ئەللەرنىڭ سۈيقەستى دەپ ئەيىبلەپ، بۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئاستىرتتىن كۆرسەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە باشار تەختتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ئەسەبىي رەھبەردىن بېرى چىقسا ئىسرائىلىيەگە تېخىمۇ كۈچلۈك مەيدان قوللىنىشىدىن ئەندىشە قىلدى.
    لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا قارىتا ئىسرائىلىيە ناھايىتى سالماق بولدى. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسرائىلىيە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ساداسى يۇقىرى بولۇپ كەلگەن كازافىيغا ئەزەلدىن ئانچە قىزىقماي كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىگە زەربە بېرىشىنى ماختاپ كەلگەن ئىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيە دائىرىلىرى بۇ قېتىم لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئارىسىدا بازا تەشكىلاتى خادىملىرى بار، ئۇلار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قوراللارنى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ساقلاۋاتىدۇ، دېدى.
    ئوتتۇرا شەرق رايونى ئىنقىلابى ئىسرائىلىيەگە قارشى جامائەت پىكىرىنى بىر قەدەر كۈچەيتىۋەتتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان «بۈگۈنكى پارس قولتۇقى» گېزىتىدە 18-ئاپرېل ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئەرەبلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى يەھۇدىيلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى، بۇنىڭدىن ئىسرائىلىيە قورقىدۇ. شۇڭا ئەرەبلەرنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئىسرائىلىيەنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. ھازىر، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشتە ئەرەبلەرنىڭ ئېغىز بۇرۇن قانغا بويالغان بولسىمۇ، بىراق ئەرەبلىكلەر دىققىتىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت زېمىنىدىكى ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشتىن بۇرۇماسلىقى كېرەك. دۇنيا ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنى بىلەن ئەرەب زېمىنىنى مەڭگۈ ئىشغال قىلىپ تۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
    لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى نەسرۇللا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ داۋالغۇشتا ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەمۇ پالاكەتكە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ماڭغان بارلىق دۆلەتلەرنىمۇ نەس باسىدۇ. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پولكوۋنىكى ئىفىرا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئوتتۇرا شەرق رايونى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ داۋالغۇشنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. ھەر قانداق ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىش مۇمكىن. بىراق پەرەز قىلىدىغان سۆزلەرنى دېيىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىشى ۋە ئەڭ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى كېرەك.
    بىراق يەنە بىر قىسىم ئوبزورچىلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، بىخەتەرلىك چوڭ ئالدامچىلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى «مۇلاھىزە خەۋەرلىرى» تورىدا 17-ئاپرېل ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە بىخەتەر ئەمەس دېگەن مۇنداق ئۈچ خىل ئىغۋانى تارقاتتى. 1. ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ھالاك بولۇشى قوراللىق زەربىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى. 2. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى زوراۋانلىق ھۇجۇمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى. 3. ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ھالاك بولۇشى پۈتكۈل دۇنيا دائىرىسىدا قورشاۋغا ئىلىندى. ئەمەلىيەت ئىسرائىلىيە بىلەن قوشنا ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئۇرۇش قوزغاپ ئىسرائىلىيەنى يوقىتىۋېتىش پۇرسىتى يوق. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي راسخوتى ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭكىدىنمۇ كۆپ. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ سانى قازا قىلغان ۋە يارىلانغان ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىدىنمۇ كۆپ. خەلقئارا جەمئىيەت ئېيتقان قورشاۋ ئىچىگە ئېلىش دېگەنلىك ئىسرائىلىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىشغا خاتىمە بېرىشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.
    يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش ئىسرائىلىيەدىكى قاتتىق قوللار گۇرۇھىنىڭ پوزىتسىيەسى تېخىمۇ چىڭىدى. تىنچلىقپەرۋەرلەر ئاجىزلىدى. چۈنكى تىنچلىق پەرۋەرلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىنچلىق سۆھبىتىگە تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن رايون داۋالغۇشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى. بىراق قاتتىق قوللار بولسا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى داۋالغۇش ئىسرائىلىيەنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە مۇستەھكەم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىخەتەر بولغاندىلا ئاندىن تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
    قاتتىق قوللارنىڭ پوزىتسىيەسى ئىسپاتلىنىشقا باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئىسرائىلىيە بىر مەزگىل ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىنى سېلىشنى توختاتقانلىقتىن، پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئۆتكەن يىلى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلىدى. بىراق مىسىر ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى مۇقىم بولغان ئارقا سېپىدە تۇيۇقسىز مۇقىمسىز ۋەزىيىتى كېلىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، شەرققە كېڭىيىش ئىستراتېگىيەسىنى قايتىدىن باشلىدى. بۇ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە تېخىمۇ كۆپ توسالغۇلارنى پەيدا قىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرى نىتانىياخۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ رايوندىكى بەزى دۆلەتلەردە ئۆزگىرىش بولماقتا. بىز ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىز تىنچلىق شەرتنامىسىنى قارىغۇلارچە ئىمزالىمايمىز. چۈنكى بىز بۇنىڭغا ئەمەل قىلىنىش-قىلىنماسلىقىنى بىلمەيمىز.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبەسى: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-04-28)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: