版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/125095330.html

    بىن لادىن ئۆلتۈرۈلدى

    (2)

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 2011-يىلى 1-ماي تېلېگراممىسى.
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2011-يىلى 1-ماي «بازا» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادېننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈندىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
    ئوباما 2011-يىلى 1-ماي كەچ ئاقسارايدا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۈگۈن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا يېقىن ئەببۇدئابادتا بىن لادېنغا قارىتىلغان نۇقتىلىق ھەرىكەت قوزغىدى، ھەرىكەتتە بىن لادېنغا ئوق تېگىپ ئۆلدى، دېدى.


    بىن لادېن يوشۇرۇنغان جاي

    ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاخبارات تارمىقى بۇلتۇر 8-ئايدا بىن لادېن يوشۇرۇنغان جايغا ئالاقىدار يىپ ئۇچىنى مەلۇم قىلىپ، ئۇنى پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن، دېگەن ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە يېتەرلىك ئاخباراتقا ئاساسەن، بىن لادېنغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىغا ئىجازەت بەردىم.
    ئوباما مۇنداق دېدى: مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەت بىن لادېننى تۇتۇش ياكى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشنى ئىزچىل تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ كەلدى، بۇ قېتىم بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى ئامېرىكىنىڭ «بازا» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىسى، «ھەققانىيەتنى ياقلاشنىڭ نامايەندىسى».
    ئوباما نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئەھۋالدىن بۇرۇنلا خەۋەر تاپقان ئامېرىكا پۇقرالىرى ئاقساراي سىرتىغا توپلىشىپ، بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئالقىشلىدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بۇش بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ: بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى «زور نەتىجە»، بۇ «ئامېرىكا، شۇنداقلا دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بىر غەلىبە» دېدى.
    ئوباما بىن لادېننىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقماقچى بولغانلار ۋە چەت ئەلدىكى ئامېرىكا، پۇقرالىرىغا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئامېرىكىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.
    ئوباما نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، خەلقئارا پېرېۋوت بازىرىدا دوللارنىڭ ياۋرو ۋە يېنغا ئايرىۋاشلاش قىممىتى ئۆستى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: بىن لادېننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ.

    پاكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پاكىستاننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى سەھەر سائەت 1دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئىسلامئابادنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەببۇدئابادتا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى، پاكىستان ھەربىي تەرەپ ئارقىدىنلا بۇ رايوندا ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى ھەم بىر توپ قوراللىقلار بىلەن ئېتىشتى. ئېتىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەسىرگە چۈشكەن قوراللىقلار ئىككى تەرەپ ئېتىشقاندا، بىن لادېننىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئوق تېگىپ ئۆلگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-05-03)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىنىڭ خەۋپسىزلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2011-يىلى 1-ماي «بازا»تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. «11-سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بېرىپ توققۇز يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى شۇنىڭدەك ھەربىي قىسىملىرى ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق جايلاردا بىن لادېننىڭ دېرىكىنى قىلدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىن لادېن ئاخىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
    ئۇنداقتا بۇ ۋەقە ئامېرىكا ۋە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى بىر قەدەر جانلىق بولغان دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ پاكىستان، ئافغانىستان، ئىراق ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىمىز بۇ مەسىلىگە جاۋاب ئىزدىدى.



    «11-سېنتەبىر» ۋەقەسى

    ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز:
    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئاقساراي، بەشبۇرجەكلىك بىنا قاتارلىق جايلار شاد-خۇراملىققا چۆمگەن. ئامېرىكا ئۇزاقتىن بۇيان پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاختۇرۇپ تۇتماقچى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادېن زور سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى شەك-شۈبھىسىزكى، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەڭگىۋارلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
    بىراق، تەھلىلچىلەر بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى «ئىككى بىسلىق شەمشەر»گە ئوخشايدۇ، ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، دەپ قاراشتى.
    ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز: بىن لادېن پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاكىستاننى ئەيىبلىشى ئازىيىشى مۇمكىن، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە دۇچ كېلىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بېسىمى تېخىمۇ زورىيىدۇ.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىزچىل بىن لادېن پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلە رايونىدا يوشۇرۇنغان، دەپ قارىدى. پاكىستان رەھبەرلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق، دېگەن ئىدى.
    پاكىستاننىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى گۈل مۇنداق دېدى: بىن لادېننىڭ پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى ئامېرىكا بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن، چۈنكى، ئۇ پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ كۆز ئالدىغىلا يوشۇرۇنغان، يەنە كېلىپ ھەرىكەت قىلغان جايمۇ پاكىستاننىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىگە يېقىن.

    يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر: بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە ئامېرىكا بىلەن پاكىستان بىللە قاتناشقان، بۇ، پاكىستاننىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق، شۇنداقلا پاكىستاننىڭ تاشقى بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ، دەپ قارىدى.
    بىن لادېن ئۆلگەندىن كېيىن، «بازا» تەشكىلاتىدىكى 2-نومۇرلۇق شەخس زاۋاھىر كاتتىباش بولۇشى مۇمكىن. پاكىستان قەبىلە رايونىدا ھازىرمۇ «بازا» تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى بولۇپ، ئۇلار يېڭى رەھبىرىنىڭ باشچىلىقىدا ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى مۇھىم ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىغا، شۇنداقلا پاكىستان ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ھەربىي-ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. پاكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ئۈچ كونسۇلخانىسىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتتى.
    كابۇلدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز: «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكمىيىتىدىن بىن لادېن ۋە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، تالىبان رەت قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 2001-يىلى 10-ئايدا ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىدى. بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانىنى يېڭى مۇھىم دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.
    ئۇنىڭدىن باشقا، بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىن لادېن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرا شەرقتە مەبلەغ توپلاپ «غازات» قىلغان. ئۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، «سىمۋوللۇق شەخس»تىن ئايرىلىپ قالغان «بازا» تەشكىلاتى يېتەرلىك مەبلەغ توپلىيالامدۇ-يوق، بۇ بىر مەسىلە. ئۇنىڭدىن باشقا، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش-كەتمەسلىكى ھەم تالىباننى داۋاملىق مەبلەغ ۋە قورال بىلەن تەمىنلەش-تەمىنلىيەلمەسلىكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەت يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    باغدادتا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز: «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى تارمىقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆز ئالدىغا گۇرۇھ بولۇپ تەشكىللىنىپ، بىن لادېن رەھبەرلىكىدىكى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابى بىلەن قويۇق ئالاقىلەشمىگەن، شۇڭا ئۇنىڭ بىن لادېننىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقى كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى «بازا» تەشكىلاتىنى بىن لادېنغا باغلىشى ئىراق ئۇرۇشىنى دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى قاتارىغا كىرگۈزمەكچى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    «ئىراق ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنى ئالايلۇق، بۇ تەشكىلات ئىككى يىلدىن بۇيان باغدادنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىدى، پىلانلىغۇچىلىرى ئاساسەن ئىراقلىق. شۇڭا بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى تارمىقىنىڭ ھەرىكىتىگە ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتمەسىلىكى مۇمكىن، ئەكسىچە، سۈننىيلەردىن بولغان تېخىمۇ كۆپ قوراللىق تەشكىلات ئۆچ ئېلىشنى باھانە قىلىپ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-05-03)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالىشى ناتايىن



    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2011-يىلى 1-ماي «بازا» تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادېننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈندىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا باشلانغان بىن لادېننى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ زور غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما، بىن لادېن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «بازا» تەشكىلاتىنىڭ مەنىۋى داھىيسى سۈپىتىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ناھايىتى ئاز قوماندانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرغانسېرى تېررورلۇق كۈچىيىش»تەك غەلىتە ھالەتتىن قۇتۇلدۇرالىشى ناتايىن.
    2001-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى نيۇ يورك دۇنيا سودا مەركىزى ۋە ۋاشىنگتوندىكى بەشبۇرجەكلىك بىنا قاتارلىق جايلار تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىن لادېن ئامېرىكىنىڭ 1-دۈشمىنىگە ئايلاندى. ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئافغانىستان ۋە ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىپ، تالىبان ۋە سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئىككى دۆلەتنى ئېغىر بالايىئاپەتكە ئۇچراتتى.
    ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىراق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا كۈچىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستاندا داۋاملىق ئەسكەر كۆپەيتتى. ئۇرۇش سىياسىتى ئامېرىكىغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە تېررورلۇق تەھدىتىنى مەلۇم دەرىجىدە كۈچەيتىۋەتتى: «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقى يەمەندە كۈچەيدى؛ ئامېرىكىدا يەرلىك تېررورچىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. بولۇپمۇ 2009-يىلى 12-ئايدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە بۇلتۇر «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتى مەيدانىدىكى سۇيىقەست ئامېرىكىلىقلارنى تېخىمۇ يۈرەكئالدى قىلىۋەتتى.
    بۇ ئەھۋاللار شۇنى چۈشەندۈردىكى، «بازا» تەشكىلاتى يوقالمىدى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيدى، بىن لادېن قاتارلىق يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەر يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىشقا ئامالسىز قالدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ تارماقلىرى ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇپ، تېررورلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش تېخىمۇ قىينلاشتى.
    «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ بىن لادېننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بېسىلغان ئاخبارات تور بېتىدە بىر يانداشما تەكشۈرۈش ماتېرىيالى بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئوقۇرمەنلەردىن بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خاتىرجەملىك ھېس قىلدىڭىزمۇ-يوق؟ دەپ سورالغان. تەكشۈرۈش باشلانغاندا، خاتىرجەملىك ھېس قىلغانلار بىلەن خاتىرجەمسىزلەنگەنلەرنىڭ سانى ئوخشاش چىققان، ئارقىدىنلا خاتىرجەمسىزلەنگەنلەرنىڭ سانى ئېشىپ كەتكەن، ئوباما خەۋەرنى جاكارلاپ ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، خاتىرجەمسىزلەنگەنلەرنىڭ نىسبىتى %57 كە يەتكەن.
    ئون يىللىق ئۇرۇش تېررورلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. تېررورىزمدىن ئىبارەت بۇ غەلىتە مەخلۇقنى كۈچەيتىۋەتكىنى دەل ئۇرۇش سىياسىتى ۋە مۇشتۇمزورلۇق پەيدا قىلغان ئاداۋەت. تېررورىزمنى مەغلۇب قىلىشتا زۇلۇم ئۈستىگە زۇلۇم پەيدا قىلىدىغان بومبا، مىلتىق ۋە زەمبىرەككە ئەمەس، بەلكى پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ھەرىكەتكە تايىنىش كېرەك. ئامېرىكا بۇ نۇقتىنى توغرا تونۇپ يەتكەندىلا، تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنالايدۇ.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-05-03)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىن لادىننىڭ ئايالىنى قالقان قىلىشى دېڭىز يىلپىزى زەربىدار ئەترىتىنىڭ ئوقىدىن ساقلاپ قالالمىدى


    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2011-يىلى 3-ماي خەۋىرى:
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەل-قائىدنىڭ رەھبىرى بىن لادىن ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى ئادەم قالقان قىلىشىمۇ، ئۆزىنىڭ كاللىسىنى تېشىپ ئۆتكەن ئوقنى توسۇپ قالالمىغان.
    ئامېرىكا پىرىزدېنتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسلىھەتچسى جون 2-ماي دېيىشىچە، لادىننىڭ بىر خوتۇنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەركىتىدە، باشقا 3 نەپەر ئەر بىلەن بىرگە ئۆلگەن.
    خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، «دېڭىز يىلپىزى 6-تارماق ئەترىتى» ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئايال بىن لادىننىڭ 4 خوتۇنىنىڭ بىرى ئىكەن.
    جوننىڭ دېيىشىچە، ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىن لادىننىڭ بىر ئايالنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنىۋېلىپ، ئۇنى ئادەم قالقان قىلغان. «بىن لادىن باشقا ئادەملىرىنى ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق قىلغان، ئۆزى ئايالنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنىۋالغان».

    ئىگەللىنىشچە، جەمئىي 24 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرى بۇ قېتىمقى ھەركەتكە قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ئىلغار كېچىدە كۆرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە قوراللىرى بىلەن، كېچىدە 4 دانە «قارا بۈركۈت» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، مەخپىي ھالدا بىن لادىننىڭ تۇرالغۇسى ئۈستىگە ئۇچۇپ كەلگەن، ئارغامچا بىلەن چۈشكەن، ئەمما ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
    زەربىدار ئەترەت «قارا بۈركۈت» تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا سەپلەنگەن قوراللار بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئوت كۈچىنى تارمار قىلغان.
    ئۆز ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە زەربىدەر ئەترەتنىڭ لادىننىڭ تۇرالغۇسىغا كۈچلۈك ھۇجۇم قىلغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دېگەن يەرلىك كىشى:«يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا، زەربىدار قىسىملار ئۇ تۇرالغۇنى قورشىۋالدى، 3 تىك ئۇچار ئايروپىلان بوشلۇقتا ئايلىنىپ يۈرەتتى... تۇيۇقسىز بىرى يەر يۈزىدىن تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئوق چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى، مەن بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن.
    ئىككى تەرەپنىڭ ئېتىشىش تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملاشقان، ئامېرىكا ئارمىيىسى جەمئىي 22 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان ياكى ئەسىرگە ئالغان.
    بىن لادىندىن سىرت، ئامېرىكا ئارمىيىسى باشقا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان كىشىلەرنى پاكىستان تەرەپنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

    ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ 2011-يىلى 2-ماي ئاشكارلىشىچە، ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، بىن لادىننىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كارل ۋېنسون ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى ئىشقا سېلىپ، بىن لادىننىڭ ئەرەب دېڭىزىنىڭ شىمالىغا دەپنە قىلغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2027
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    بىن لادىننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا تۈزىتىلگەن خەۋەر



    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2011-يىلى 4-ماي خەۋىرى:
    ئەنگىلىيە كۈندۈلۈك يوللانمىلار  تورىنىڭ 2011-يىلى 4-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇرۇنقى خەۋەرلەردە ئامېرىكا زەربىدار ئەترىتى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندا بىن لادىن ئايالىنى قالقان قىلدى، قولىدا AK-47 ئاپتوماتى بار ئىكەن دېيىلگەن ئىدى، لېكىن ئامېرىكا ئاق ساراي ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، بىن لادىننىڭ ھەقىقەتەن ئۆلگەنلىكى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا بىن لادىندا قورال يوقلىقىنى ھەمدە 27 ياشلىق ئايالى ئامال ئەل-ساداھ ( Amal Al-Sadah) نى قالقان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    ئامېرىكا بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بىن لادىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى سۈرەتلەرنى ئاشكارلاش توغرىسىدا ئىچكى قىسىمدا ئوخشىمىغان قاراشلار بولغان.  مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پانېتتا چوقۇم ئاشكارلاش كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىن لادىننى ھەقىقەتەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاش كېرەك دېگەن، بىراق ئاق ساراي تېخى قارار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاق ساراي باياناتچىسى ئەڭ ئاخىرقى باھانى بېرىپ، بىن لادىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىكى قىياپىتى ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق، شۇڭا ئاق ساراي مۇبادا ئېلان قىلىنسا، ئاممىغا زەربىسى ئېغىر بولۇپ، يامان ئىنكاس پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ دېگەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2048
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    پاكىستان ئاممىسى بىن لادىنغا ھۆرمەت بىلدۈردى

    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2011-يىلى 3-ماي خەۋىرى:
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قۇتتە شەھىرىدە ئامما كوچىلارغا چىقىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېتىپ تاشلىغانلىقى ئىسپاتلانغان بىن لادىنغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە ئامما ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەن. بۇ بىن لادىن پاكىستاندا ئېتىپ تاشلانغاندىن كېيىن، پاكىستاندا يۈز بەرگەن بىرىنچى قېتىملىق نامايىش ئىكەن.

    يىغىلىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، قاتناشقان ئادەم 1000~1200 ئادەم بولۇپ، قاتناشقۇچىلار ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن دىننىي خادىملار ئىكەن.
    تەشكىللىگۈچىلەر:«بىن لادىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ قەھرىمانى، ئۇنىڭ شېھىد بولىشى ئۇنى مۇسۇلمان جەڭچىسى دېگەن ئاتاققا ئىگە قىلدى» دېگەن.
    پاكىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى 2-ماي بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان ئاخبارات ئىدارىسى (جاسۇسلۇق ئىدارىسى) نېمە ئۈچۈن ئىسلام ئابادقا يېقىن جايدا بىن لادىننى تاپالمىغانلىقىنى ھەققىدە «ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش» قىلىدىكەن. پاكىستان ئەلچىسى ھۈسنى ھەققانى:« بىن لادىننىڭ ئارقا سەپ ياردەم سېستىمىسى بارلىقى ناھايىتى ئېنىق، مەسىلە شۇكى بۇ سېستىما پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىچىدىمۇ ياكى پاكىستان جەمئىيىتىدىمۇ؟ دېگەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2027
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىن لادىننىڭ قوللىغۇچىلىرى داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ قىساس ئېلىشقا قەسەم قىلدى

    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2011-يىلى 3-ماي خەۋىرى:
    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەل-قائىد تەشكىلاتىنىڭ بىر قوللىغۇچىسى 2-ماي بىن لادىن ئۈچۈن قىساس ئالىدىغانلىقىغا قەسەم قىلغان.
    ئېنتىرنېت تورىدا، ئىسلام جىھاد تەشكىلاتىنىڭ خادىمى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى «قەھرىمان» بىن لادىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىگە بولغان ئىنكاسى بىردەك بولمىغان: بەزىلەر گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بەزىلەر قىساس ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بەزىلەر ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    تور نامى «ئاساد ئەل-جىھاد-2» بولغان ئوبزورچى بىر ئاشقۇنلار (رادىكاللار) تورىدا بىن لادىن ئۈچۈن مەدھىيە يېزىپ، غەربكە قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغىچە ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاساد ئەل-جىھاد2:«بىز بىلەن خەلقئارادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش ناھايىتى ئۇزۇنغىچە بولىدۇ، بىز چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەمنىڭ شېھىت بولىشى بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ» دېگەن.
    خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستان، ئالجىرىيە ۋە يەمەننىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى ئەل-قائىدنىڭ خادىملىرى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.
    كۆپ قىسىم تەھلىلچىلەر بىن لادىن بۇرۇنلا ئاشقۇنلارنىڭ كۈندۈلۈك ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قول ئاستىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، ئۇ ئىسلام جىھاتچىلىرىنىڭ مەنىۋى داھىيسى بولۇپ قالدى دەپ قارىغان.
    ئاشقۇنلار تور بېتىنىڭ مۇنبىرىدە داڭلىق يازغۇچى ھۇسەيىن بىن مەخمۇد 2-ماي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنى نەچچە كۈن خوش قىلىپ قويۇپ، ئاندىن قايتىدىن ئىسلام جىھاد ئۇرۇشىنى باشلايدىغانلىقى ھەمدە ھەر قېتىملىق ھەرىكىتىنىڭ مەخپىي پىلانلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ 3 نەپەر ئەمەلدارى دېيىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى بىن لادىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئالاقىچىسىدىن يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا بىن لادىن يوشۇرۇنىۋالغان ئورۇننى تاپقان. بۇ ئالاقىچىنىڭ ئىسمى شەيىخ ئەبۇ ئەخمەد بولۇپ، كۇۋەيتتە تۇغۇلغان. ئۇ بۇلتۇر ئۇرغان بىر تېلىفۇن ئەڭ ئاخىرىدا بىن لادىننىڭ دېرىكىنى ئاشكارلاپ قويغان.
    ئۇزۇندىن بۇيان، ئەبۇ ئەخمەد ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىغا نىسبەتەن بىر «مۇجمەل» شەخس بولۇپ، كۆپ يىلدىن كېيىن سالاھىيىتىنى بېكىتكەن. ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەت قىلغان، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى قولغا ئالغانلاردىن ئۇنىڭ دېرىكىنى بىلگەن.
    بۇلتۇر، ئەبۇ ئەخمەد ئالغان بىر تېلىفۇن ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىغا بىن لادىننىڭ يىپ ئۇچىنى ئاشكارلاپ قويغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2033
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    ئامېرىكا ئارمىيىسى بېن لادىننىڭ ئىككى خوتۇنىنى تۇتىۋاپتۇ

    ئەلكۈيى تورىنىڭ 2011-يىلى 2-مايدىكى خەۋىرى:
    ئامېرىكا ھۆكۈمېتىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ 2-چىسىلا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بېن لادىنغا قارىتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، پاكىستانغا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ئىكەن.
    بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېگەن:«بىز بېن لادىننىڭ يورۇشۇنغان جايى توغرىسىدىكى ئاخباراتنى ھېچقانداق دۆلەت بىلەن ئورتاقلاشمىدۇق، پاكىستانمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.»
    بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى مەخپىي ھەرىكەتنىڭ مۇكەممەل بولۇشى ۋە مەخپىيەتلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇر ئىسلامئاباتقا ئاشكارىلانمىغان. لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن بولغانىكەن.
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 1-چىسىلا كەچتە ئاقسارايدا «11-سىنتەبىر» تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، بېن لادىننىڭ ئاخىرى پاكىستاندا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مەخپى قىسمى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
    ئوباما ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن پاكىستاننىڭ ئابودئاباد رايونىدىن قاتتىق قوغدالغان بىر قۇرۇلۇشقا ھۇجۇم قوزغاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن ھۇجۇم ھەرىكىتى 40 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلاشقان.
    بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، بېن لادىندىن باشقا، يەنە ئۈچ نەپەر ئەر ھۇجۇمدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ بىرى لادىننىڭ بىر ئوغلى، قالغان ئىككىسى لادىننىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىكەن. يەنە بىر ئايالمۇ نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
    بەزى خەۋەرلەردە يەنە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا لادىننىڭ ئىككى ئايالى، 6 بالىسى ۋە 4 تۇغقىنىنى قولغا ئالغانلىقى ئېيتىلغان.
    بېن لادىننىڭ جەسىتى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن تىك ئۇچار بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن.
    بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىلىشىچە، «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاللىقاچان پاكىستان تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، «مەيلى بېن لادىن قەيەردە بولمىسۇن،»ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېگەن:«پاكىستان خېلى بۇرۇنلا بىزنىڭ بازا تەشكىلاتى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلىدۇ. قانۇنى ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىگەللىگەن ئاخباراتقا ئاساسەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بار.»
    تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا، پاكىستان ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلدى. لېكىن ئىسلامئاباد دائىم سىرتقى جەمئىيەتتىكىلەر تەرىپىدىن ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە قەتئىي ئەمەس دەپ ئەيبلىنىپ كەلدى.
    نۆۋەتتە، پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى پايتەخت ئىسلامئابادتا زۇڭلى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى بىلەن ئامېرىكا ئېلان قىلغان بېن لادىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى توغرىلىق جىددى يىغىن چاقىرغان.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبەسى: «شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى»
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئوباما بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش جەريانىنى ئاق سارايدا كۆرۈپ ئولتۇرغان



    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-ماي خەۋىرى:
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدار ئەترىتى پاكىستاننىڭ ئاببوتابادتا بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، پىرىزدېنت ئوباما ئاق سارايدا ئېكرانغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ، رازۋېتكا سۈنئىي ھەمراسى ۋاقتىدا ئەۋەتىپ بەرگەن نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان.
    ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدار ئەترىتى ئالدى بىلەن لادىن تۇرغان جاينى مۇقىملاشتۇرغان، ئاندىن ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا لادىننىڭ تۇرالغۇسىغا ھەركەت باشلىغان.
    ھەرىكەتتە، بىن لادىننىڭ بىر ئايالى ئۆزىنىڭ تېنىنى قالقان قىلىپ ئېرى بىن لادىننى قوغدىغان، نەتىجىدە ئايالىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاندىن ئوباما ئاق سارايدا تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ، ئەل-قائىدنىڭ رەھبىرى بىن لادىننىڭ ئالاھىدە ھەرىكەتتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
    پۈتكۈل ھەرىكەتكە 40 مىنۇت كەتكەن بولۇپ، پىرىزدېنت ئوبامانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاق ساراي ئەمەلدارلىرى بۇ 40 مىنۇتنى «كىشىنى ئەڭ تەشۋىشلەندۈرگەن 40 مىنۇت بولدى» دېگەن. ئوباما ئاق سارايدىكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ئىشخانىسىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ، «بىر مىنۇت خۇددى بىر كۈندەك ئۇزۇن بىلىندى» دېگەن.
    بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن، فرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىي 2-ماي كەچتە پىرىزدېنت ئوباماغا تېلىفۇن قىلىپ تەبرىكلىگەن، ئىككى تەرەپ تېرورلۇققا داۋاملىق قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. ساركوزىي بىلەن ئوباما تېلىفۇندا بىردەك ھالدا، گەرچە بىن لادىننىڭ ئۆلىمى ئەل-قائىدنىڭ «تارىخىي خاراكتېرلىك مەغلۇبىيىتى» بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ داۋاملىق تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان.
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پىرىزدېنت ئوباما 5-ئاينىڭ 5-كۈنى نيۇيورك دۇنيا سودا بىناسى خارابىلىقىنى زىيارەت قىلىدىكەن ھەمدە ئۇ يەردە «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن كۆرىشىدىكەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىن لادېننىڭ جەسىتى دېڭىزغا دەپنە قىلىندى

    ئامېرىكا بەش بۇرجەلىك بىنانىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈنىىدىكى ئاشكارا باياناتىغا قارىغاندا، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننىڭ جەسىتى ئىسلام ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە قائىدىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا Karl .Vincent نۇمۇرلۇق ئاۋىئاۋماتكىنى ئىشلىتىپ  جەسەتنى ئەرەپ دېڭىزىغا دەپنە قىلغان .بۇ ئامېرىكىنىڭ بىن لادىننىڭ دەپنە جايى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشى ئىكەن.
    ئامېرىكا بەش بۇرجەك بىنانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەرلىك قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ خەۋەرلەرنى ئاشكارلىغان ئەمەلدارلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشقا بولمايدىكەن.
    يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىن لادىننى دەبنە قىلىشتىن بۇرۇن، جەسەتنى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە  بىر تەرەپ قىلغان، مەسىلەن جەسەتنى يۇيۇش ھەمدە ئاق رەختكە ئوراش قاتارلىقلار. بۇ قېتىمقى دەپنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئامېرىكا ۋاقتى سەھەر سائەت 1 دىن 10 مىنوت ئۆتكەندە باشلىنىپ،سائەت 2 دە ئاخىرلاشقان.
    ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە،  دۇنيادىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق تېررورچىنىڭ جەسىتىنى قۇبۇل قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتنى تېپىش ئىنتايىن قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە بىن لادىننىڭ جەسىتى 24 سائەت ئىچىدە دەپنە قىلىنىشى كېرەككەن، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى دېڭىزغا دەپنە قىلىشنى قارار قىلغان.
    جەسەتنى دېڭىزغا دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن، بىن لادىننىڭ جەسىتى رەسىمگە تارتىۋېلىنغان، بىراق ئوباما ھۆكۈمىتى تېخىچە بۇ رەسىملەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسدا ھېچقانداق ھەمدە بۇ رەسىملەرنى قاچان، قەيەردە قانداق ئېلان قىلىش توغرىسىدىمۇ ھېچقانداق قارار چىقارمىغان.
    جەسەتنى دەبنە قىلىشتىن بۇرۇن كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ جەسەتنىڭ راستىنلا بىن لادىننىڭ جەسىتى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، بىن لادىننىڭ ئايالمىمۇ بۇ جەسەتنىڭ  بىن لادىننىڭ ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان، DNA تەكشۈرۈشىمۇ بۇ جەسەتنىڭ دەل بىن لادىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ھەمدە توردا جەسەتنىڭ يۈز قىسمىنىڭ رەسىمى تارقىتىۋېتىلگەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: news.xinhuanet.com(2011-05-03)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: