ئوساما بىن لادېن ۋە «بازا» تەشكىلاتى - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2011年05月03日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/125085285.html

    ئوساما بىن لادېن




    ئوساما بىن لادېن 1955-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قۇرۇلۇش ماگناتى. لادېن جىددەدە ئوقۇغان، كېيىن رىياد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن.
    ئۇ ئىنژېنېر بولغان، نېفىت ۋە قۇرۇلۇش كەسپىدىن نۇرغۇن پۇل تاپقان. ئۇنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە قۇرۇلۇش، نېفىت، ياسىمىچىلىق ۋە گۆھەر قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدىغان بىر قانچە شىركىتى بولغان، خۇسۇسىي مۈلكى نەچچە مىليارد دوللارغا يەتكەن.
    1979-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، بىن لادېن ئامېرىكا قوللىغان ئافغانىستان «ئىسلام غازاتچىلىرى تەشكىلاتى»غا قاتناشقان ھەم باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ «غازاتچىلار مۇلازىمەت مەركىزى» قۇرغان. 1988-يىلى ئافغانىستاندا «بازا» ھەربىي لاگېرى ۋە مەشىق بازىسى قۇرغان.
    1989-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، بىن لادېن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتقان. 1990-يىلى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدىن ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن نارازى بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەتكەن. پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سۇدانغا بارغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى 1994-يىلى 2-ئايدا تېررورچىلارغا ياردەم قىلدى، دېگەن گۇمان بىلەن ئۇنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى رەسمىي بىكار قىلغان.
    1995-يىلى رىيادتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان ئىمارەت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، 1996-يىلى 6-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ زەھراندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى لاگېرى ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئامېرىكا بىن لادېننى بۇ ئىككى قېتىملىق ۋەقەنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، دەپ قارىغان ھەم 1999-يىلى 6-ئايدا بىن لادېننى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، 5 مىليون دوللار ئىنئام بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.
    2001-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى نيۇ يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزى ۋە ۋاشىنگتوندىكى بەشبۇرجەكلىك بىنا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىن لادېننى باش جىنايەتچى، دەپ بېكىتكەن.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-05-03)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    «بازا» تەشكىلاتى




    «بازا»تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى
    بىن لادېن 1988-يىلى ئافغانىستاندا «بازا» تەشكىلاتىنى قۇرغان. دەسلەپتە ئۇ ئافغانىستان پىدائىيلىرىنى مەشىقلەندۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، بىراق سوۋېت قوشۇنى چېكىنگەندىن كېيىن، بۇ تەشكىلات نىشانىنى ئامېرىكا ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى «چىرىك ھاكىمىيەت»كە زەربە بېرىشكە قاراتقان.
    «بازا» تەشكىلاتىنىڭ يەمەن، ئىراق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىدا تارماق ئاپپاراتى بار. ئۇ ئىنتېرنېت ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ۋە ئالاقە باغلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، ھەتتا ياۋروپادىن خادىم قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئافغانىستاندىكى ئون نەچچە بازىدا مەشىقلەندۈرگەن، ئەسلىيەتچىلىك تەلىماتى ۋە قورال ئىشلىتىشنى ئۆگىتىشنى ئاساسىي مەشىق مەزمۇنى قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 2001-يىلىغىچە، «بازا»دا مەشىقلەندۈرۈلگەنلەر 30 مىڭدىن ئاشقان، ھازىر مەشىقلەندۈرۈلگەنلەرنىڭ كونكرېت سانىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغىلى بولمايدىكەن.
    «بازا» تەشكىلاتى 1992-يىلىدىن باشلاپ نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، پىلانلىدى ۋە يۈرگۈزدى. 2001-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۆت يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلاپ، ئىككى ئايروپىلاننى نيۇ يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ «قوشماق بىنا»سىغا، بىر ئايروپىلاننى بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ بىر بۇرجىكىگە سوقتى، بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى. شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 3000دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى، نەچچە يۈز مىليارد دوللار زىيان بولدى.
    بۇ تەشكىلاتنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئامېرىكىغا قاراتقان بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى 2009-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى يۈز بەرگەن، يەنى نىگېرىيەلىك بىر ياش ئامېرىكا «دېلتا» ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ گوللاندىيەنىڭ ئامىستىردامدىن ئامېرىكىنىڭ دىترويىتقا ئۇچقان، ئايروپىلان قونۇشقا 20 مىنۇت قالغاندا، بەدىنىدىكى بومبىنى پارتلاتماقچى بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.
    ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت شۇنداقلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ش ئا ئە ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار «بازا» تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-05-03)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: