版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/125089156.html

    بىن لادىن ئۆلتۈرۈلدى

    (1)



    ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 2011-يىلى 1-ماي ئاقسارايدا بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادىننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
    ئوساما بىن لادىننىڭ يۇرتى يەمەن خادالاماۋ ئۆلكىسى. 1955-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىدا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىنژېنېر بولۇپ، نېفىت ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدە نۇرغۇن پۇل تاپقان. ئۇنىڭ غەرب ئەللىرىدە نۇرغۇن شىركەتلىرى بار بولۇپ، قۇرۇلۇش، نېفىت، ياسمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىشلىق. شەخسىي مۈلۈكى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
    1979-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، بىن لادىن ئامېرىكا قوللىغان ئافغانىستان «ئىسلام غازات تەشكىلاتى» غا قاتناشقان. شۇنداقلا باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «غازاتچىلار مۇلازىمەت مەركىزى»نى قۇرغان. 1988-يىلى ئۇ ئافغانىستاندا «بازا» ھەربىي چوڭ لاگېرى ۋە مەشىق مەركىزى قۇرغان. سەئۇدى ئەرەبىستان بىن لادىننىڭ تېرورلۇق پائالىيىتىنى ئاستىرتتىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، 1994-يىلى دېكابىر ئۇنىڭ گىراژدانلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىغان. كېيىن ئۇ ئافغانىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
    «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، ئامېرىكا بىن لادىننى «باش جىنايەت گۇماندارى» دەپ بېكىتكەن. 2001-يىلىدىن بۇيان بىن لادىننىڭ ئىز-دېرىكى بىر تېپىشماق بولۇپ قالغان. بەزىلەر ئۇنى: «ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرىسىدىكى قەبىلە رايونىدا يوشۇرۇنۇۋالغان» دەپ قارىغان.


    بۇ 2001-يىلى 17-سېنتەبىر ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىدا تارقىتىلغان بىن لادىننى تۇتۇش بۇيرۇقى


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-02)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئوباما بىن لادىننىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2011-يىلى 2-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
    ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 2011-يىلى 1-ماي «بازا»تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادىننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈندىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
    ئوباما 2011-يىلى 1-ماي يېرىم كېچىدە ئاقسارايدا تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ: شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا ئارمىيەسى پاكىستاننىڭ ئىسلامئابادقا يېقىن جايدىكى ئاببادئابادتا بىن لادىننىڭ تۇرالغۇسىغا قارىتا ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ئىككى تەرەپ توقۇنۇشتى، بىن لادىن ئېتىپ تاشلاندى. ئۇنىڭ جەسىتى ھازىر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قولىدا، دېدى.
    ئوباما مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى ئۇنىڭغا بىن لادىن يوشۇرۇنۇش ئېھتىماللىقى بولغان جاي توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىنى دوكلات قىلىپ، ئۇ پاكىستاندا دەپ ھېسابلىدى. ئۆتكەن ھەپتە ئوباما مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات تولۇق بولغاچقا، بىن لادىنغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقى بەردى.
    ئوباما مۇنداق دېدى: مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىزچىل بىن لادىننى تۇتۇش ياكى ئېتىشنى ھۆكۈمەتنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئالدىنقى ۋەزىپىسى قىلدىم، بۇ قېتىم بىن لادىننى تۇتۇش ياكى ئېتىپ تاشلاش-ئامېرىكىنىڭ «بازا تەشكىلاتى»غا زەربە بېرىشتە قوللانغان مۇھىم نەتىجىسى.
    ئوباما يەنە مۇنداق دېدى: مەن شۇ كۈنى پاكىستان پىرېزىدېنتى زەردارى بىلەن تېلېفونلىشىپ، بىن لادىننى ئېتىپ تاشلاش ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارىخى خاراكتېرلىك كۈن، دېدىم.
    ئوباما سۆز قىلغاندا، بۇ ئىشتىن ئالدىن خەۋەر تاپقان نۇرغۇن ئامېرىكا پۇقرالىرى ئاقساراي سىرتىغا يېغىلىپ بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلدى، دېدى.
    ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كىچىك بۇش بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىن لادىننىڭ ئېتىپ تاشلىنىشى زور نەتىجە، بۇ ئامېرىكا ۋە يەر شارىدىكى تىنچلىقنى سۆيەر كىشىلەرنىڭ غەلبىسى، دېدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-02)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرى بىن لادىننىڭ ئۆلۈش تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىدى
     
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2011-يىلى 2-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
    پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 2011-يىلى 2-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ئارمىيە دائىرىلىرى قولغا ئېلىنغان قوراللىق خادىملار ئاغزىدىن «بازا تەشكىلاتى»نىڭ رەھبىرى بىن لادىننىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلگەن.
    پاكىستان يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شۇ يەر ۋاقتى 2011-يىلى 2-ماي ئەتىگەن سائەت تەخمىنەن 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچارى ئىسلامئابادنىڭ شىمالىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاببادئابادتا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. پاكىستان ئارمىيە دائىرىلىرى ئارقىدىن بۇ رايوندا ئاختۇرۇش ھەرىكىتى قوللاندى ھەمدە بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن توقۇنۇشتى. توقۇنۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسمى نۇرغۇن قوراللىق خادىم ۋە بىرنەچچە ئەرەب ئاياللار ۋە بالىلارنى قولغا ئالغان.
    خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە بىن لادىننىڭ ئىككى خوتۇنى، ئالتە بالىسى، تۆت يېقىن ئادىمى باركەن. بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ بىر ئوغلى ئېتىۋېتىلگەن.
    بىن لادىننىڭ جەسىتى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى تىك ئۇچارى بىلەن ئاببادئاباد رايونىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-02)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ساياھەتكە چىقىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2011-يىلى 2-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
    چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2011-يىلى 1-ماي «بازا» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادىننىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يەر شارىغا سەپەر قىلىش سىگنالى چىقىرىپ، ئامېرىكىغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھۇجۇم يۈز بېرىشى مۇمكىن، دېگەن.
    ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى سەپەرگە چىققان ۋە چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ يېقىندا پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن ياكى ئامېرىكىغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىش مۇمكىنچىلىقىدىن ھوشيار بولۇشىنى سەمىگە سالدى.
    ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يەنە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىن لادىننى ئېتىپ تاشلاش ھەرىكىتى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئامال بار سىرتقا چىقماسلىقىنى، كەڭ دائىرىدە يىغىلىش ۋە نامايىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.
    ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى: «بۇ قېتىمقى ئاگاھلاندۇرۇش 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ» دېدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-02)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئوباما بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى
     
    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2011-يىلى 2-ماي خەۋىرى:
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى دېيىشىچە، پىرىزدېنت ئوباما 1-ماي ئەل-قائىد تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
    ئافغانىستان ئەمەلدارى بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە جەسىتىنىڭ ئامېرىكىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
    ئەمەلدار بىن لادىننىڭ ئافغانىستاندا ياكى پاكىستاندا ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى خالىمىغان، ئەمما ئەل-قائىدنىڭ رەھبىرى ئۆلىشى «سىمۋوللۇق غەلبە» دېگەن.
    پاكىستاننىڭ بىر بىخەتەرلىك ئەمەلدارى 2011-يىلى 2-ماي بىن لادىننىڭ بىر قېتىملىق «قەتئىي مەخپىي ئالاھىدە ھەرىكەت» تە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، ئەمما كونكرېت تەپسىلاتىنى ئاشكارلىمىغان.
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەل-قائىدنىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادىن پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، جەسىتى بايقالغان.
    ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى بىن لادىننىڭ پاكىستان پايتەختى ئىسلام ئاباد شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر تۇرلغۇدا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ تۇرالغۇغا ھۇجۇم قىلىپ بىن لادىننى ئۆلتۈرگەن. ئامېرىكا بىن لادىننىڭ جەسىتىگە DNA تەكشۈرۈشى قىلغاندىن كېيىن سالاھىيىتىنى بېكىتكەن.
    CNN تورى خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن تېرورچىلار قوزغىشى مۇمكىن بولغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا تېرورلۇق ھۇجۇمىغا بولغان ھوشيارلىق دەرىجىسىنى چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
    ئامېرىكا ئەمەلدارى بىن لادىننى يوقىتىش ھەرىكىتىگە پاكىستان ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات خادىملىرى قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلىغان. پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى يەنە ئىسپاتلىشىچە، ھەرىكەتتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن بىن لادىننىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن نەچچە ئادەم بار ئىكەن. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ھەرىكەتتە ئەل-قائىدنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاتامانلىرى ۋە نەچچە نەپەر ئەرەب ئايالنى تۇتۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئامېرىكا ئارمىيىسى بىن لادىننىڭ بېشىغا ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2011-يىلى 2-ماي خەۋىرى:
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىمى پاكىستان ئىسلام ئاباد شەھىرىنىڭ شىمالىغا 150كىلومېتىر كېلىدىغان ئاببوتاباد (Abbottabad) تا بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. لادىن يوشۇرۇنىۋالغان ئۆيگە ئوت كەتكەن، لادىننىڭ بېشىغا ئوق تەككەن.
    پاكىستان يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىپ، شۇ جاي ۋاقتى 2011-يىلى 2-ماي سەھەر سائەت 1:20 ئەتراپىدا، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئىسلام ئابادقا 150 كىلومېىتر كېلىدىغان ئاببوتاباتتا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، پاكىستان ئارمىيىسى كېيىن بۇ رايوندا ئاختۇرۇپ تۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ھەمدە بىر توپ قوراللىق كىشىلەر بىلەن ئېتىشقانلىقىنى ئېيتقان. ئېتىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى كۆپلىگەن قوراللىق خادىملارنى ۋە نەچچە نەپەر ئەرەب ئايال ۋە بالىلارنى قولغا ئالغان.
    خەۋەردە دېيىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلاردا بىن لادىننىڭ ئىككى خوتۇنى، 6 بالىسى ۋە 4 نەپەر تۇغقىنى بار ئىكەن، بىن لادىن ۋە بىر ئوغلى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بىن لادىننىڭ جەسىتىنى ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ئاببو تابادتىن ئېلىپ كەتكەن.
    ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېيرۇن 2011-يىلى 2-ماي بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇردىن خوش بولغانلىقىنى، دۇنيا خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    ھىندىستان ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرى 2011-يىلى 2-ماي دېيىشىچە، بىن لادىننىڭ پاكىستان پايتەختى ئىسلام ئابادقا يېقىن جايدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشى تېرورچىلارنىڭ پاكىستاندا «پاناھ جاي» تېپىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئامېرىكا ئەمەلدارى بىن لادىننى دەپنە قىلىپ بولغانلىقىنى ئاشكارلىدى

    يەر شارى تورىنىڭ 2011-يىلى 2-ماي خەۋىرى:
    ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئاشكارلىشىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە ئېتىپ تاشلانغان ئەل-قائىد تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئاتامانى بىن لادىننى ئاشقۇنلارنىڭ (رادىكاللار) تاۋاپ قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دېڭىزغا دەپنە قىلىنغان.
    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2011-يىلى 2-مايدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئەمەلدار دېيىشىچە، بىن لادىن ئېتىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن ئەمەلدارلىرى جەسىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشقان. ئەڭ ئاخىرى ئۇلار 24 سائەت ئىچىدە بىن لادىننى دېڭىزغا دەپنە قىلىشنى، مۇنداق قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. بۇ ئەمەلدار قەيەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ئېيتمىغان.
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەل-قائىدنىڭ يەمەندىكى تارمىقىنىڭ بىر خادىمى 2011-يىلى 2-ماي رەھبىرى بىن لادىىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان ھەمدە لادىننىڭ ئۆلىمى بىر مەيدان «ئاپەت» دېگەن. مەزكۇر خادىم:« بۇ ئۇچۇر بىزگە نىسبەتەن بىر ئاپەت. دەسلەپتە ئىشەنمىگەن ئىدۇق، ئەمما بىز پاكىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئۇلار بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى» دېگەن.
    فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2011-يىلى 2-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان پىرىزدېنتى زەردارى ۋە باش مىنىستىر گىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاكىستاننىڭ كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىن لادىننى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېتىپ تاشلىغانلىقى ھەققىدە، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى جددىي يىغىن ئاچقان.
    پاكىستان دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى 2011-يىلى 2-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، بىن لادىننى ئېتىپ تاشلاش ھەربىي ھەرىكىتىنى ئامېرىكا ئارمىيىسى قوزغىغانلىقىنى، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قاتناشمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى 2-ماي بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىن لادىنغا قارىتىلغان ھەرىكەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى، پاكىستان تەرەپكە ئۇختۇرۇش قىلمىغان. مەزكۇر ئەمەلدار بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ قەتئىي مەخپىي بولىشى ئۈچۈن، ئىسلام ئابادقا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
    ئافغانىستان پىرىزدېنتى كارزاي 2011-يىلى 2-ماي كابۇلدا سۆز قىلىپ، بىن لادىننىڭ ئۆلىمىدىن خوشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تالىباننىڭ قورال تاشلاپ، ئەل-قائىد بىلەن چەك-چېگرىسىنى ئايرىشقا دەۋەت قىلغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئىران «بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قېلىش باھانىسى يوق» دېدى

    بەزىلەر بىن لادىننىڭ ئوغلى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شىتابى ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى 4 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، بىن لادىن تۇرۇۋاتقان قوروغا ھۇجۇم قىلغان. بىن لادىن ئاتا-بالا ۋە باشقا ئادەملىرى بىلەن ئېتىشقاندا، بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. ئامېرىكا ئاخباراتلىرى خەۋەر قىلىپ، ئامېرىكا  ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئادەملىرى ئۆلمىدى ۋە يارىدار بولمىدى دېگەن. پاكىستان ئارمىيىسى بۇ قاراشتىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    يەر شارى تورىنىڭ 2011-يىلى 2-ماي خەۋىرى:
    ئىران ھۆكۈمىتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېرورلۇققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ ئوتتۇرا شەرقتە قوشۇن تۇرغۇزىشىنىڭ «ھېچقانداق ئاساسى» يوق ئىكەن. ش ئا ئە ت تەرەپ گەرچە بىن لادىن ئۆلگەن بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسىنىڭ خېلى ئۇزۇنغىچە ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 2011-يىلى 2-مايدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئىران دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى:«ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تېرورلۇققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ ئوتتۇرا شەرقتە قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئەمدى ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېگەن. ئۇ يەنە ئىراننىڭ بۇ ۋەقەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىران سىياسىتى «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېرورىزىمنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ» غانلىقىنى كۆرسەتكەن.
    بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ش ئا ئە ت تەرەپ ئامېرىكا ئارمىيىسى بىن لادىننىڭ ئېتىپ تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئەل-قائىدقا زەربە بېرىشتىكى زور غەلبە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ش ئا ئە ت نىڭ تېرورىزىم بىلەن بولغان ئۇرۇشى ئۇزۇنغىچە ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ SPA ئاگېنتلىقىنىڭ 2011-يىلى 2-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرلىرى ئەل-قائىدنىڭ رەھبىرى بىن لادىننىڭ ئۆلىمى خەلقئارالىق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا زور تۆھپە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى خاماسنىڭ رەھبىرى ھانىيە 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ھۇجۇم قوزغاپ، ئەل-قائىدنىڭ رەھبىرى بىن لادىننى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
    فرانسىيە پىرىزدېنت مەھكىمىسى 2011-يىلى 2-ماي دوكلات ئېلان قىلىپ، بىن لادىننىڭ ئۆلىمى «دۇنيا تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشىدىكى زور ۋەقە» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. دوكلاتتا بىرلا ۋاقىتتا:«تېرورىزم تارىخىي خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرىدى، ئەمما بۇ ئەل-قائىدنىڭ قىيامەت كۈنى ئەمەس» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فرانسىيە RTL تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بىن لادىننىڭ ئۆلىمى ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى نەپەر فرانسىيە مۇخبىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە پايدىلىق بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «ئوكيان تورى»
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئەلقائىدە رەھبىرى بىن لادىن ئۆلتۈرۈلدى



    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(02.05.2011) خەۋىرى:
    «11-سېنتەبىر ۋەقەلىرى»دىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەلقائىدە تەشكىلاتى رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىن ئۆلتۈرۈلدى.
    ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ «تېررورنىڭ زېيىنىغا ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە خىتاب قىلىمەن، ئادالەت ئىشقا ئاشتى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى جەزملەشتۈردى.
    پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدىن بىر قانچە مىنۇت ئىلگىرى، بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر خەۋەر دۇنيا كۈنتەرتىپىدە ئالاھىدە غۇلغۇلا قوزغىدى.
    ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى 4 تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بېرىپ، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا يېقىن جايدىكى يوشۇرۇنۇپ تۇرىۋاتقان ئۆيىگە ھۇجۇم قىلدى.
    ئۆيدىن ئېتىلغان ئوقتا ئامېرىكىنىڭ بىر تىك ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.
    ھەرىكەتتە، ئوسامە بىن لادىن ۋە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىككى كىشىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
    پىرېزىدېنت ئوباما، «تېررورىزمغا قارشى كۆرەش مەسىلىسىدە پاكىستان بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقىمىز داۋام قىلىدۇ. بۈگۈن ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن تارىخىي بىر كۈن» دېدى ۋە ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتتى.
    بىن لادىنغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ باشقا بىر دۆلەت بىلەن ئورتاقلىشىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
    لادىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا خوشاللىق كەيپىياتى ياراتتى.
    ئامېرىكىلىقلار، پايتەخت ۋاشىنگتوندىن سىرت نىيۇ يوركتىمۇ لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن يىغىلىشقا باشلىدى.
    بىن لادىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىدا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى.
    11-سېنتەبىر ھۇجۇملىرىنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى دەپ كۆرسىتىلگەن ئەلقائىدە رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىن 10 يىلدىن بويان تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئوبېكتى ئىدى.
    ئۇسامە بىن لادىن رەھبەرلىكىدىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى 3 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالماقتا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    بىن لادىن ئۆڭكۈردىن ئەمەس، ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن بىر سارايدىن چىقتى

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(02.05.2011) خەۋىرى:
    ئۇسامە بىن لادىننىڭ شۇنچە يىللاردىن بويان، پەرەزلەرنىڭ دەل ئەكسىچە دەشتۇ –باياۋانلاردىكى مەخپىي بىر ئۆڭكۈردە ئەمەس، ئېسىل بىر ئۆيدە ھايات كەچۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
    بىن لادىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۆينىڭ ساقچى ئىدارىسىغا 250 مېتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، بىن لادىننىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى پەرەزلەرنىڭ ئەكسىچە، تاغلاردىكى مەخپىي ئۆڭكۈرلەردە ئەمەس، ئېسىل بىر ئۆيدە ياشىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان بولدى.
    پاكىستاننىڭ گېئو تېلېۋىيە قانىلى، بىن لادىن ياشىغان ئۆينىڭ يىراقتىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى. كۆرۈنۈشتە ئۆينىڭ ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالغانلىقى كۆرۈلدى.
    ئىسلامئابادنىڭ تەخمىنەن 50 كىلو مېتىر شىمالىغا جايلاشقان جايدىكى ئۆينىڭ 5 يىل ئىلگىرى سېلىنغانلىقى، ئېگىز تاملار ۋە تىكەنلىك سىملار بىلەن قورشالغان ئۆيدە، «دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىزدىلىنىۋاتقان ئادىمى بىن لادىن» نىڭ قاچانلاردىن بويان ياشىغانلىقى ھازىرچە بىر مۇئەمما.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    لادىننىڭ جەسىتى دېڭىزغا تاشلىۋېتىلدىمۇ

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(02.05.2011) خەۋىرى:
    ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىننىڭ جەسىتىنىڭ دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
    بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىق مەسئۇللار بىن لادىننىڭ جەسىتىنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت تېپىشنىڭ قىيىنلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، جەسەتنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    دۇنيا رەھبەرلىرى بىن لادىننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە توختالدى

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(02.05.2011) خەۋىرى:
    بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئادالىتىنى غەلىبە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە ئەلقائىدەنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
    دۇنيا رەھبەرلىرى، ئەلقائىدە رەھبىرى بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىر بايان قىلدى.
    دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقىنىڭ بۇ شەكىلدە قولغا چۈشۈرۈلۈشى ھەممىگە ئىبرەت بولغۇسى. خوشال بولدۇم» دېدى.
    ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى جورج بۇش، «بۇ ئۇتۇق ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىنچلىقنى تەلەپ قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەر ۋە 2011-يىل 11-سېنتەبىر ۋەقەلىرىدە ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئۈچۈن بۈيۈك غەلىبە ھېسابلىنىدۇ. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش داۋام قىلىدۇ، بىراق بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان بىر سىگنال بەردى: قانچىلىك داۋاملاشسا داۋاملاشسۇن، ئادالەت ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ» دېدى.
    بىن لادىننى ئۆلتۈرگەن ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بۈيۈك ئۇتۇق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى شىمون پېرېسمۇ، «يالغۇز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا بىن لادىنغا كېچىكىپ بولسىمۇ بېرىلگەن بۇ جازادىن كېيىن ئەركىن نەپەس ئالىدۇ» دېدى.
    ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېيۋىد كامېرون بولسا، «ئۇسامە بىن لادىن دۇنيا شاھىت بولغان ئەڭ ۋەھىمىلىك تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ جاۋابكارى ئىدى. 11-سېنتەبىر ۋە باشقا كۆپلىگەن ھۇجۇم كۆپ سانلىقى ئىنگىلىز مىڭلارچە ئىنساننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى. بىن لادىننىڭ تېپىلىشى ۋە خەلقئارادا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان بولۇشى ناھايىتى زور غەلىبە ھېسابلىنىدۇ» دېدى.
    ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇمۇ، «ئىسرائىلىيە دۆلىتى، ئۇسامە بىن لادىننىڭ يوقىتىلىشىدىن كېيىنكى ئامېرىكا خەلقىنىڭ خوشاللىقىنى ئورتاقلىشىدۇ... ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانى ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلغان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرى نامىدىن قولغا كەلتۈرگەن بۇ زەپىرى ئۈچۈن تەبرىكلەيمەن» دېدى.
    ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋىگدور لىئېبېرمان بولسا، «ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن مۇھىم. چۈنكى ئەلقائىدىگە قاراشلىق بارلىق تەشكىلاتلار ياكى ۋەكىللىك قىلغۇچىلار كەڭ كۆلەملىك ۋەقە پەيدا قىلىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ» دېدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    گۈل: «لادىننىڭ ئۆلۈمى باشقىلارغا ئىبرەت بولغۇسى»

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(02.05.2011) خەۋىرى:
    دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە توختىلىپ،  «تېررورچىلار ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھامان بىر كۈنى مۇشۇنداق بولىدۇ» دېدى.
    ئاۋستىرىيەگە قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن گۈل، تېررورلۇق تەشكىلاتى رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە توختىلىپ، «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقىنىڭ بۇ شەكىلدە قولغا چۈشۈرۈلۈشى ھەممىگە ئىبرەت بولغۇسى. خوشال بولدۇم» دېدى.
    سۈرىيەدىكى ۋەقەلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان گۈل، ئىسلاھاتلارنىڭ بالدۇرراق روياپقا چىقىرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلدى.
    1-ماي ئىشچىلار بايرىمىنىڭ تۈركىيە مىقياسىدا جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلىنىشىمۇ جۇمھۇر رەئىس گۈلنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.
    گۈل، «بايرام سۈپىتىگە يارىشىدىغان شەكىلدە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەبرىكلەندى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق مۇشۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. يېڭى تۈركىيەدە بايرام مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك» دېدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئۇساما بىن لادىننىڭ ئۆلۈمى خەلقئارا بازارلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى



    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(02.05.2011) خەۋىرى:
    ئەل قائىدە كاتتىۋېشى ئۇساما بىن لادىننىڭ پاكىستاندىكى پاناھگاھىدا ئۆلتۈرۈشى كۈنتەرتىپىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى.
    «زور غەلىبە» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ ۋەقە، ئەركىن بازارنى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدۈردى. تىز سۈرئەتتە ئۆسۈپ كەتكەن ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ باھاسى، تۆۋەنلەش سىگنالىنى بەردى.
    بۇ خەۋەردىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قەرەللىك ئىندېكىس توختاملىرىدا ئىجابىي نەتىجىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسا، ئاسىيا ئىندېكىسلىرىدىمۇ ئېشىش كۆرۈلدى. مال باھاسى چۈشۈپ كەتتى. بۇ كۈمۈش باھاسىدا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن بولۇپ، 11 مىنۇت ئىچىدە 12 سېنت چۈشۈپ كەتتى. ئالتۇن ۋە نېفېت باھاسى 1% ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ كەتتى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئاشتى. ئاسىيادىكى پايچىك بازارلىرىدا توكيو ۋە سىئۇل بازارلىرىدا 1.5%، ھىندىستاندا 0.5% ئېشىش كۆرۈلدى. بازارلاردىكى بۇ ئەھۋال بىن لادىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن مەيدانغا كەلدى.
    نېفېت باھالىرىمۇ تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا خام نېفىتنىڭ باھاسى 112 دوللار ئەتراپىدا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفېت باھاسى 24 دوللارغا چۈشۈپ قالدى.
    جۇڭگو، خوڭكوڭ، سىنگاپور پايچىك بازارلىرى ئىشلىمىگەن ئىدى. فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۈگۈن پايچىك بازارلىرىنىڭ ئىشلىمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: