版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/107474621.html

    «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا تارىخى»دىن ئۈنچىلەر

    ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئەمىن


    مۇقەددىمە

              ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ۋەتەنداشلار. سىزلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىڭلارنى تارىخ بۇلاقلىرىنىڭ زەمزەم كەبى سۇلىرى بىلەن ئازراق بولسىمۇ قاندۇرۇش مەقسىتىدە بۇ ئۈنچىلەر قىسىملارغا بۆلۈنۈپ يوللىنىدۇ.
              ھەر بىر زامان كەزگەن جەريانىنىڭ ئۆز تارىخى بولغىنىدەك، ھەر بىر ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدىن جۇغلانغان مىللىيەتلىك تارىخى بولىدىغانلىقى ھىچقانداق سىر ئەمەس. مۇئەييەن كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى قانداق مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە بولسا، ھەر بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي روھىيەت ئەنئەنىسىنى بويلاپ كەزگەن ئۇزاق مۇساپىلىق تارىخى شۇنداق يېتىلدۈرگۈچى ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشى ھاياتىدا بەزى كەچمىشلەر ئۇنتۇلىدۇ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۈمۈر جەريانلىرى ۋە روھىيەت چەمبەرلىرىگە تامغا سالغان خاتىرىلەر ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەردىن ئىبارەت. ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەر بىلەن بۇ كەچۈرمىشلەر قوينىدا ياتقان تەپەككۇر مەنىدارلىقىنى يادىغا ئالالماسلىق بىر ئىللەت. ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى ئۇنتۇغان. شۇ سەۋەبلىك ئەپسانە ياكى تارىخى مۇئەمما تەتقىقاتچىلىرى بۇ بوشلۇقنى ئۆز تەخمىنلىرى بىلەن تولۇقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىر پۇتۇن تارىخنى ئۇنتۇپ كېتىش ۋە ئۇنى قايتا بىلىپ ئېلىش زۈرۈرىيىتىنى ھېس قىلالماسلىق! ئەگەر غەيرى، زوراۋان كۈچلەر تەرىپىدىن تۇپتىن بۇرمىلانغان تارىخنى ئۆز تارىخى دەپ قاراشقا مۇپتىلا بولغۇچىلار توغرىسىدا سۆز قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئېيتىش مۇمكىنكى، بۇ كەلگۈسى تارىخ يارىتىش ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولغان ۋە بىھۇشلۇق ئۇيقۇسىدا ياتقان مىللەتنىڭ پاجىئەسىدۇر. بۇنداق مىسلىسىز پاجىئەگە غەرق بولغان ۋە ئۇنى نورمال تۇرمۇش رىجەسى دەپ بىلىشكە كۆنگەن مىللەت ھەمىشە ئۆز تارىخلىرى بىلەن مەرىپەت مەشئەلچىلىرى پاجىئەلىك دەپنە قىلىنغان لەھەت تۇپرىقى ئۈستىدە ئەمەل-مەنسەپ، يۇرتۋازلىق ۋە تۇرمۇش ھەشەمىتى ھاۋاسىدا قامغاقتەك دومىلاپ يىللارنى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەستۇر.
              مەركىزى ئاسىيا، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا «ئىچكى ئاسىيا» ياكى «قەلبى ئاسىيا» ئاسىيا قىتئەسىنىڭ دېڭىز -ئوكيانلاردىن يىراقتا تۇرغان ۋە بەھەيۋەت تاغ-دەريالارنى كۆكسىگە ئالغان بىر زونىسى. ئۇ «كونا قۇرۇقلۇق» دەپ ئاتالغان ئاسىيا-ياۋرۇپا-ئافرىقا چوڭ تۇتاشما قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيىلىك، ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى جەھەتتە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر قىسمى. مەركىزى ئاسىيا زىمىنىنى يەر شارى خەرىتىسىدىن بىر مىنۇت چىقىرىپ تاشلىغىلى بولمىغىنىدەك، بۇ رايۇننىڭ ئىنسان تۈركۈملىرى بىلەن مەدەنىيەت تارىخىنى چەتلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە خاس قىممىتى بىلەن ئۆز خەلقىگە تەۋە بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە پۇتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ كەم-كۆتىسىز بىر قىسمىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئالەمشۇمۇل ئومۇمىي كىشىلىك قىممىتىگە ئىگە.
              بىلىش ھاجەتكى، مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ھەر قايسى تارىخى قاتلاملاردىكى پائالىيەت تارىخىنى مۇستەسنا قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ، ھېچبولمىسا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى قەدىمكى خەلقلەرنىڭ تارىخىنى يورۇتۇش ئاسان ئەمەس. ئىنسانىيەت تارىخى ئۇنىڭ ھەر قايسى تۈركۈملىرى ۋە قاتلاملىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئۆزگىچىلىكلەر ئىچىدە بىر پۇتۇن ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى مەنتىقىلىرى جىلۋىلەنگەن تارىخ پەلسەپىسىدىن ئىبارەت.
              مەركىزى ئاسىيا-ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاپىرىدىگاھلىرىدىن بىرى. مەركىزى ئاسىيا-ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى. مەركىزى ئاسىيا شىمال بىلەن جەنۇب، شەرق بىلەن غەرب مۇناسىۋەتلىرى تارىخىدا، ئاسىيا-ياۋرۇپا مىللەتلىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشى تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان، قېلىن چۆكمە ھاسىل قىلغان قاينار بۇلاق ۋە ئۆتۈشمە بەلباغ بولغان. ئۇ ئۆز قوينىغا ئارىيان ئىرقىدىكى ئىنسان تۈركۈملىرى، تۇران ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ كۆپ ۋارىيانتلىق ئېتنوگىنىزىسى ۋە مەدەنىيەت ئېتنۇلوگىيىسى تىلسىمىنىڭ ئاچقۇچىنى كۆمگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ھازىرقى زامان ئاسىيا-ياۋرۇپادىكى بىر قاتار دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئائىت بىر قاتار تېپىشماقلارنى يۇشۇرغان. ئۇ ئەركىن-ئازادە، ئىلمىي، دىموكىراتىك يېڭى تارىخشۇناسلىقنىڭ ئۆزىنى بايقىشىنى كۈتۈپ ئەسىرلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.
              مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق ئىنسان گورۇھى بىلەن سېرىق جىنىسلىق ئىنسان گورۇھىنى بىرلەشتۈرگەن، يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن بوستان مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۇرگەن. ئۈزىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئاساسىدا شەرق-غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن، ئۆزىگە خاس ۋە ئۆزىدىن ھالقىغان كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈر ۋە ژانىردىن مۈجەسسەم بولغان يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن خەلقئارا خاراكتىرگە ئىگە ئارىلاشما-سېنكىرتىك مەدەنىيەت ئىختىراچىلىرى سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈنەرلىك ئورۇن تۇتقان.
              مەركىزى ئاسىيا خەلىقلىرى ئۆزى ياراتقان ۋە ئىرىشكەن مەدەنىيەت تىپىنى ئۆزىگە مىللىيەتلىك، رىجە، مەكتەپ ۋە مۈنبەت ئانا تۇپراق قىلىشتى. ئامېرىكىلىق مورگان تەرىپىدىن «تۇرانىيە تىپى» دەپ ئاتالغان بۇ مەدەنىيەت تىپى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىشىگىچە ئۆتكەن قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئۇلىدا شەكىللەندى ۋە يىراق ئۆتمۈشتىن بېرى تارىخ دولقۇنلىرىدا تاۋلىنىپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلدى.
              مېنىڭچە، مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىنى يۇرۇتۇش ئارخىلوگىيىلىك ۋە يازما مەنبەلەردىن تاشقىرى ،يەنە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت تىپى ۋە مەدەنىيەت ئېرسىيەتچىلىكى تەتقىقاتىغا تايىنىشى لازىم.
              ئارخىئولوگىيىلىك تېپىلمىلار، ئەگەر ئۇ بىرىنچىدىن، ھەقىقىي-ياسالما تارىخ ئەمەس، ئىككىنچىدىن، بىر پۇتۇنلۇك، يەنى ئىزچىللىق ھاسىل قىلغان بولغىنىدا ئۇ تارىخنىڭ ھەقىقىي چۆكمە ئۇچۇرى ھېسابلىنىدۇ. تارىخ باشتىنلا قىيا تاشلارغا، تۇرمۇش رۇزىغارلىرىغا ئۆز ئۇچۇرىنى قالدۇرۇپ كەلگەن، بۇ يېزىقسىز ئىپادىدىن ئىبارەت.
              تارىخنى يېزىق بىلەن ئىپادىلەش، ئەگەر ئۆز تارىخچىسى، ئۆز سالنامىچىسى چىنلىق بىلەن يازغان بولماستىن، باشقا خەلقلەر ۋە ئوردا تارىخچىلىرى يازغان تارىخ مەنبەلىرى بولىدىكەن، كۆپ ھاللاردا كەمسىتىش، ئاڭلىغانلىرى بويىچە يېزىش، قىسمەنلىكنى ئۇمۇمىيلىق ئورنىغا دەسسىتىشتەك بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئابىستىراكىت ئىللەتلەردىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇ پەقەت تەنقىدىي پايدىلىنىش ئوبىكتى بولالايدۇ، خالاس.
              تارىخنى تارىخنىڭ چۆكمە ئۇچۇر تىزمىسى ۋە مىللەتنىڭ فولكلۇر-ئېتنىك مەدەنىيەت تىپى تەدرىجىي تەرەققىياتى بويىچە ئىزاھلاش، ئەڭ ساغلام، ئۆز گەۋدىسى ئارقىلىق ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش لاياقىتىگە ئىگە ھەقىقىي تارىخ تەتقىقاتىدۇر.

    (داۋامى بار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=466
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: