版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/106636988.html

    دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن «100 كىتاب»

    دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن «100 كىتاب»نىڭ تىزىملىكى:
    (1) ئىنسانىيەت ئىدىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئۇتوپىيە لايىھىسى  ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ناملىق كىتابى
    (2) ئىكىسپلاتاتسىيە سىنىپى سىياسەتشۇناسلىق سىستېمىسىنىڭ باشلىنىشى-ئارىستوتىلنىڭ «سىياسەتشۇناسلىق» ناملىق كىتابى
    (3) ھىندىستاننىڭ قەدىمكى قانۇنىغا دائىر بىباھا ۋەسىقە-«مەنۇ قانۇنى» ناملىق كىتابى
    (4) ئىلاھىيەتشۇناسلىقتىن مۇستەسنا سىياسەتشۇناسلىق-ماكياۋېللىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل شاھ» ناملىق كىتابى
    (5) «بىلىم-كۈچ»-بىكۇننىڭ «يېڭى قورال» ناملىق كىتابى
    (6) «بىزنىڭ بىردىن-بىر ئىنتىلىش نىشانىمىز ھەقىقەتكە ئىنتىلىش»-پوئىنكارېنىڭ «ئىلىم-پەننىڭ قىممىتى» ناملىق كىتابى
    (7) پادىشاھلىق ھوقۇقنى تەڭرى ئاتا قىلغان دېگەن تەلىماتنى تەنقىدلەپ ، دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەلىمات بەرپا قىلىش-لوكنىڭ «ھۆكۈمەت توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
    (8) ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋىتىش تەلىماتى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ-مونتىسكيۇنىڭ «قانۇننىڭ روھى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
    (9) بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ نەزەرىيىۋى پىروگىراممىسى-روسسونىڭ «ئىجتىمائىي ئەھدىنامە» ناملىق كىتابى
    10. «مىنىڭ ھەق-تەلەپ قانۇنۇم مەڭگۈ مەۋجۇد»-«ناپولېئون قانۇنى» ناملىق كىتابى
    11. «ئۇرۇش-سىياسىينىڭ داۋامىدۇر»-كىلاۋسېۋېتىزنىڭ «ئۇرۇش نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
    12. ئامېرىكا دىموكىراتىيىسى تەتقىق قىلىنغان كلاسسىك ئەسەر-توكۋىلنىڭ «ئامېرىكا دىموكىراتىيىسى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
    13. ياپونىيە كاپىتالىزمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆككە كۈتۈرىدىغان مەشھۇر ئەسەر-فوكوساۋا يوكسىنىڭ «مەدەنىيلىك ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات» ناملىق كىتابى
    14. غەرب ئەللىرىدىكى خەلقئارا قانۇنغا ئائىت نوپۇزلۇق دەستۇر-«ئوپېنخېي خەلقئارا قانۇنى» ناملىق كىتابى
    15. دېڭىز تەۋەسىنى قولغا كەلتۈرۈش قىبلىنامىسى-ماخاننىڭ «دېڭىزدىكى ئەمەلىي كۈچنىڭ تارىخقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» ناملىق كىتابى
    16. ناتسىسزمنىڭ خىتابنامىسى-گىتلېرنىڭ «مىنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابى
    17. غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى تۇنجى ئابىدە-ھېرودوتنىڭ «تارىخ» ناملىق كىتابى
    18. غەرب كلاسسىك تارىخشۇناسلىقىدىكى ئۆرنەك-توكيدېسنىڭ «پېلوپېننىس ئۇرۇشى تارىخى» ناملىق كىتابى
    19. غەرب ئەللىرى تارىخشۇناسلىقىدىكى ئەتىۋارلىق ماتېرىيال-سېنوفوننىڭ «ئۇزۇن سەپەر خاتىرىسى» ناملىق كىتابى
    20. قەدىمكى رىم تارىخشۇناسلىق تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك مۇۋاپپەقىيىتى-تاسىتۇنىڭ «يىلنامە» ناملىق كىتابى
    21. غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى «باشتىن-ئاخىر سىستېمىلىق خاتىرىلەپ مېڭىش ئۇسلۇبى»نىڭ ئىجاد قىلىنىشى-ئاپپىيانۇسنىڭ «رىم تارىخى» ناملىق كىتابى
    22. ئادەملەرنى تاڭ قالدۇرىدىغان كىتاب-«ماركو پولۇ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق كىتاب
    23. يېقىنقى زامان تارىخ پەلسەپىسى ئۈچۈن ئاساس سالغان-ۋېيكونىڭ «يېڭى پەن» ناملىق كىتابى
    24. تارىخىي چىنلىققا ئەڭ يېقىن بولغان تەسىرلىك ئەسەر-مىگېنتنىڭ «فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى» ناملىق كىتابى
    25. دىن ئىسلاھاتىنىڭ ئەينىكى-رەنكېنىڭ «پاپا تارىخى» ناملىق كىتابى
    26. لېنىن، سىتالىنلارنى زىيارەت قىلغان ئەنگىلىيىلىك بىر يازغۇچىنىڭ قۇلىدىن چىققان ئەسەر-ۋېللىسنىڭ «دۇنيا تارىخى تېزىسى» ناملىق كىتابى
    27. «مەدەنىيەت فورماتسىيىسىچە تارىخ قارىشى»غا ئاساس سالغان زور ھەجىملىك ئەسەر-تويىنبېنىڭ «تارىخ تەتقىقاتى» ناملىق كىتابى
    28. غەرب پەلسەپىسىنىڭ «ئىنجېلى»-ئارىستوتىلنىڭ «مېتافىزىكا» ناملىق كىتابى
    29. قەدىمكى ئاتوم نەزىرىيىسىنىڭ قىممەتلىك مەنبەسى-لوكرىتئوسنىڭ «ماددا خاراكتېرى تەلىماتى» ناملىق كىتابى
    30. «ئىدراك يېتىپ كەلگەن كۈنى سىلەر غال-غال تىتىرەيسىلەر!»-ۋولتېرنىڭ «پەلسەپە لۇغىتى» ناملىق كىتابى
    31. يېقىنقى زامان تەجرىبىچىلىكىنىڭ لوگىكىلىق خاتىمىسى-خۇمېنىڭ «ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
    32. ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايرىقى-دىدېرونىڭ «قامۇس» ناملىق كىتابى
    33. ئەزەلىيەت پەلسەپىسىنىڭ ئاددىي تېزىسى-كانتنىڭ «كەلگۈسى مىتافىزىكا مۇقەددىمىسى» ناملىق كىتابى
    34. ئىنسانىيەت روھىغا سەپەر-گىگېلنىڭ «روھ فېنومېنولوگىيىسى» ناملىق كىتابى
    35. «دۇنيا كەم-كۈتىسىز تەسەۋۋۇر ۋە ئىرادىدۇر»-شوپېنخاۋېرنىڭ «ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇر ھېسابلانغان دۇنيا» ناملىق كىتابى
    36. «ئىلاھىيەت سىرلىرىنىڭ ئۆزى دەل ئىنسانشۇناسلىقتۇر»-فېييېرباخنىڭ «خرىسىتىيان دىنىنىڭ ماھىيىتى» ناملىق كىتابى
    37. ئاتەشپەرەس دىنىنى ياراتقۇچى زوروئاستىر نامىدا نېتچېنىڭ ھالقىغان ئادەم تەلىماتىنى تارقىتىشى-نېتچېنىڭ «زورو ئاستر شۇنداق دەيدۇ» ناملىق كىتابى
    38. ھازىرقى زامان پىسخولوگىيىسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەر-فرېئودنىڭ «روھى ئانالىز يىتەكچىسى» ناملىق كىتابى
    39. بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەخلاق قارىشى ۋە سودا دەستۇرى-ۋېبېرنىڭ «پروتېستانت دىن ئەخلاقى ۋە كاپىتالىزم روھى» ناملىق كىتابى
    40. ئارىستوتېل ۋە گېگېلغا جەڭ ئېلان قىلىش-روسسېلنىڭ «غەرب پەلسەپە تارىخى» ناملىق كىتابى
    41. ئىزدەپ تېپىشىمىز زۆرۈر بولغان «كەم ھالقا»-فرانكنىڭ «ئىلمىي پەلسەپە» ناملىق كىتابى
    42. «مەۋجۇدىيەت» ئۇقۇمىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەرگەن پەلسەپىۋى-ھىيدېگېرنىڭ «مەۋجۇدىيەت ۋە زامان» ناملىق كىتابى
    43. دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كەڭ تارقالغان مۇقەددەس كىتاب-«ئىنجىل» ناملىق كىتاب
    44. مۇقەددەس «ۋەھىي»-«قۇرئان كەرىم» ناملىق كىتاب
    45. غەرب دۇنياسىنىڭ تارىخ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۆلمەس ئەسەر-ئادام سمىتنىڭ «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابى
    46. كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى-رىكاردونىڭ «سىياسىي ئىقتىساد ۋە ئۇنىڭ باج-سېلىق پرىنسىپى» ناملىق كىتابى
    47. غەرب ئىقتىساد نەزەرىيىسىنىڭ ۋايىغا يىتىشى-يوھان مىلنىڭ «سىياسىي ئىقتىساد پرىنسىپى» ناملىق كىتابى
    48. بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن ئابىدە-ماركسنىڭ «كاپىتال» ناملىق كىتابى
    49. چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن كېينېس ئىنقىلابى-كېينېسنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئۆسۈم ۋە پۇل ئوبوروتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
    50. يېڭى كلاسسىك ئۇنىۋېرسال سىستېمىنىڭ دۇنياغا كېلىشى-ساموئېلسوننىڭ «ئىقتىسادشۇناسلىق» ناملىق كىتابى
    51. مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچنىڭ نامايان قىلىنىشى-ھومېرنىڭ «ئىلئادا» ناملىق داستانى
    52. ئەرەب ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئۆزگىچە گۈل-«مىڭ بىر كىچە» ناملىق كىتاب
    53. ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرىلا جۇڭگوغا تۇنۇشتۇرۇلغان مەشھۇر ئەسەر-«ئېزوپ مەسەللىرى» ناملىق كىتاب
    54. ئىنسانپەرۋەرلىك نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان ئېپوس-دانتىنىڭ «تەڭرى كومېدىيىسى» ناملىق كىتابى
    55. يېقىنقى زامان ھىكايىچىلىقىنىڭ باشلىنىشى-بوككاسيۇنىڭ «ئون كۈنلۈك سۆھبەت» ناملىق كىتابى
    56. ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپا فېئودال كۈچلىرىنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇلغان خەنجەر-سېرۋانتېسنىڭ «دون كىخوت» ناملىق رومانى
    57. كىشى قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان تراگېدىيىلىك ئوبراز-شېكېسپېرنىڭ «ھاملېت» ناملىق تراگېدىيىسى
    58. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە ئوبرازىنى نامايان قىلىش-دېفونىڭ «دېڭىز سەرگەردانى-روبىنزون كرۇزو» ناملىق رومانى
    59. ناپولېئون يەتتە قېتىم ئۇقۇپ چىققان كىتاب-گېئوتىنىڭ «ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى» ناملىق كىتابى
    60. « تالانتلىق بىشارەتشۇناس»-شېللېينىڭ «ئازاد بولغان پرومېتېئوس» ناملىق كىتابى
    61. ئاچكۆز بېخىلنىڭ جانلىق تەسۋىرى-بالزاكنىڭ «يېۋگېنې گراندې» ناملىق رومانى
    62. سەمىمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئەدەبىياتى-ھيوگونىڭ «خارلانغانلار» ناملىق رومانى
    63. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ بوران-چاپقۇنىدىكى ھاياتلىق كارتىنىسى-دىككېنىسنىڭ «قوش شەھەر خاتىرىسى» ناملىق رومانى
    64. مۇرەككەپ پىسخىكىدىكى زىددىيەتلىك ئوبرازلار-تۇرگېنېفنىڭ «ئاتا ۋە بالا» ناملىق رومانى
    65. قۇرۇلمىسى سەلتەنەتلىك ئېپوس شەكلىدىكى بۈيۈك ئەسەر-لېۋ تولستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» ناملىق رومانى
    66. ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقالغان پاھىشە تېمىسىدىكى ئەسەر-كىچىك دىيۇمنىڭ «چوغلۇق قىز» ناملىق رومانى
    67. ئاياللار ئازادلىقى ئۈچۈن چۇقان سېلىش-ئىبسېننىڭ «قونچاقلار ئائىلىسى» ناملىق درامىسى
    68. سەمىمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئەدەبىياتى-مارك تۋېننىڭ «تام سۇپئېرنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى» ناملىق رومانى
    69. «چوڭ ئۇرۇش قوزغىۋەتكەن كىتابنى يازغان خانىم»-ستوۋ خانىمنىڭ «تام تاغىنىڭ كەپىسى» ناملىق رومانى
    70. ئۇلار نېمە ئۈچۈن سۇنۇپ سەرسان بولۇپ كېتىدۇ-ستېنبېكنىڭ «قەھرلىك ئۈزۈم» ناملىق رومانى
    71. فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش سىگىنالى-ھېمىڭۋاينىڭ «ماتەم قوڭغىرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى» ناملىق رومانى
    72. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى ۋە ئالىم-ئىساك ئاسىموۋنىڭ «سىز بىلەمسىز ؟-ھازىرقى زامان ئىلىم-پەندىكى 100 مەسىلە» ناملىق كىتابى
    73. تاشقى پىلانېتلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان يازغۇچى-كارل ساگاننىڭ «برۇكانىڭ مېڭىسى-ئىلىم-پەندىكى ئاجايىباتلار توغرىسىدىكى ئويلىنىش» ناملىق كىتابى
    74. ئاسماندىكى ئاينىڭمۇ دېغى بار-مىچېلنىڭ «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» ناملىق رومانى
    75. تەبىئىي پەنلەرنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى-كوپېرنىكنىڭ «ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكەت نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
    76. يېقىنقى زامان فىزىكىسى دەرۋازىسىغا تۇتاشقان يول-گالىلېينىڭ «ئىككى خىل يېڭى پەن» ناملىق كىتابى
    77. مېدىتسىنادىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاش-خارېنىڭ «يۈرەك قان ھەرىكىتى نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
    78. تەبىئىي تاللىنىشتا ماسلىشالىغانلار ھايات قالىدۇ-دارۋىننىڭ «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابى
    79. دارۋىندىن ئىلھام ئالغان ئارخېئولوگىيە ئالىمى-رىچارد لېكېينىڭ «ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابى
    80. ئىنسانشۇناسلىق تەرەققىياتىدىكى يېڭى سەھىپە-مورگاننىڭ «قەدىمكى جەمئىيەت» ناملىق كىتابى
    81. ھازىر زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىگە ئاساس سالغان ئەسەر-خاددونىڭ «ئىنسانشۇناسلىق تارىخى» ناملىق كىتابى
    82. ئىنسانىيەت ئەقىل پاراسىتىنىڭ نەمۇنىسى-نيۇتوننىڭ «پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق ئاساسى» ناملىق كىتابى
    83. بۇرۇنلا كۈمۈلۈپ قالغان ئۇل تاش-مېندېلنىڭ «ئۆسۈملۈكلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسى» ناملىق كىتابى
    84. ھازىرقى زامان بىئولوگىيە تارىخىنىڭ دەستۇرى-ئاللېننىڭ «20–ئەسىردىكى ھاياتلىق ئىلمى» ناملىق كىتابى
    85. بىئولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى بىر سەمەرە-ئېيگېننىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى دەۋرىي قىلىش نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
    86. ئىنسانلار مۇھىت ئېڭىنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن يېقىلغان نۇرلۇق چىراغ-راچېل كارسوننىڭ «تىمتاس باھار» ناملىق كىتابى
    87. فىزولوگىيە ۋە مېدىتسىنا بۇيىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم-فرانسىس كرىكنىڭ «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىياس-روھ توغرىسىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىش» ناملىق كىتابى
    88. دەۋر ھالقىغان ئابىدە-ئېينىشتېيننىڭ «كەڭ مەنىدىكى ۋە تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە قىسقىچە ئىزاھ» ناملىق كىتابى
    89. پۈتۈنلەي يېڭى بولغان يەر شارى قارىشى-ۋېگېنېرنىڭ «ماتېرىك ۋە دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ شەكىللىنىشى» ناملىق كىتابى
    90. پسىخولوگىيە ماياكى-پاۋلىننىڭ «تەجرىبە پسىخولوگىيىسى تارىخى» ناملىق كىتابى
    91. كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرانە خەزىنە-جوزېف لىنىڭ «جۇڭگو پەن-تېخنىكا تارىخى» ناملىق كىتابى
    92. زامانىمىزدىكى تىل تەتقىقاتىنى ئالغا سۈرگەن بۈيۈك ئەسەر-برونېلدنىڭ «تىل نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
    93. «سەنئەت بىلەن ئىلىم-پەن ئوخشاشلا تەكتىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر نەرسە-گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ»-س چاندراسېكھارنىڭ «شېكېسپېر، نيۇتون ۋە بېتخوۋىن» ناملىق كىتابى
    94. ئېينىشتېيىندىن كېيىنكى ئەڭ نوپۇزلۇق فىزىكا ئالىمى-خاۋكىڭنىڭ «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابى
    95. دولقۇن مېخانىكىسىغا ئاساس سېلىپ ، پۈتكۈل فىزىكا ساھەسىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئالىم-ئېرۋىن شرودىنگېرنىڭ « ھاياتلىق دېگەن نېمە» ناملىق كىتابى
    96. تامسىز داڭلىق ئۇنىۋېسىتېت-«بىرىتانىيە قامۇسى» ناملىق كىتابى
    97. خىمىيە ۋە تىنچلىق تۈرى بۇيىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم-پاۋلىنگنىڭ «ئۇرۇش بىلەن خوشلىشىش : بىزنىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرىمىز» ناملىق كىتابى
    98. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنى كەلگۈسىنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۈندىگەن مەشھۇر ئەسەر-توفلېرنىڭ «كەلگۈسىنىڭ زەربىسى» ناملىق كىتابى
    99. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكە ئىنقىلابىنىڭ ئىدىيىۋى قورالى-پەيىننىڭ «ئومۇمى ساۋات» ناملىق كىتابى
    100. «ھەممە كىشى ئەجىر قىلسۇن»-ساينت سىموننىڭ «سودا-سېتىق سىستېمىسى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى

    (مەنبە: «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب»تىن ئېلىندى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://ketmenbay.blogspot.com/2008/12/dunyagha-tesir-korsetken-yuz-kitab.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: