版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/106634288.html

    پېتىرنىڭ ۋەسىيەتنامىسى

    يۈسۈپجان ياسىن


              9-ئەسىردە شەكىللىنىشكە باشلىغان رۇس كىنەزلىكلىرى ئىچىدە موسكۋا كىنەزلىكى 13-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە قۇدرەت تېپىشقا باشلىدى. 1480-يىلى ئىۋانⅢ كىنەزلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، رۇسىيە موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلاندى. ئىۋان Ⅳ دەۋرىدە رۇسلار جەنۇپقا ۋە شەرققە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى. 1552-يىلىنى قازان خانلىقىنى، 1556-يىلى ئاستىرخان خانلىقىنى، 1598-يىلى سىبىر خانلىقىنى يوقىتىپ، زېمىنىنى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە كېڭەيتى. قىرىم خانلىقى بولسا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ھېمايىسىدە مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قانچە ئەسىر قوغدىدى.
              مىخائىل فېدروۋىچ(1613-1643)نىڭ تاج كېيىشى بىلەن رۇسىيە تارىخىدا 300 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن رومانوفلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتى باشلاندى.
              پېتىر دەۋرىدە(1682-1725) رۇسىيە تارىخىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. پېتىر ئىككى چوڭ ئىشنى غەلىبىلىك تاماملىدى.
              بىرى، يېڭىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى، يەنى غەربىي ياۋروپادىن ئۈگىنىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئەسلىدە شەرق مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ رۇسلارنى غەرپ مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مىللەتكە ئايلاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تېپىشقا باشلىدى.
              يەنە بىرى، ئۇ رۇسلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مىللىي ئاڭنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈپ، رۇس ھاكىمىيىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسىنى بىكىتىپ بەردى. نەتىجىدە ئۇنىڭ دەۋرىدە رۇس ئىمپېرىيىسى تەشكىل تېپىشقا باشلىدى.
              لېكىن، پېتىر تارىختا  «ساراڭ پېتىر» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. پېتىرنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بولسا «رۇسىيە كەلگۈسىدە قانداق بىر ھەرىكەت لىنىيىسىنى بويلاپ مېڭىشى كىرەك» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سىياسىي پىكىرنىڭ مۇھىم بىر نوقتىسى تۈرك مىللەت توپلىرى بىلەنمۇ ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ ناھايىتى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.
              مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تۈرك تارىخى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى دەل رۇس ئىمپېرىيسىنىڭ پېتىر دەۋرىدىن بېرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان دۇنيا سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلانماقچى ياكى بۇ مىللەتنىڭ تارىختىكى قىسمەتلىرىنى بىلمەكچى بولغان ھەر قانداق بىر ئادەم ئالدى بىلەن پېتىردىن كېيىنكى رۇس تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرۈشى كىرەك. ھەقىقەتەن، رۇس تارىخىدىكى تۈرك مىللەت تۈركۈمىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ پراگراممىسىنى تەشكىل قىلغان سىياسەت دەل پېتىرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدۇر.
              پېتىرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان كىشى فرانسۇز ئەلچىسى چېۋالېر دېئون بېئامونت دېگەن كىشى ئىدى. بۇ شەخس ياش ۋاقتىدىلا كرال لوئىس ⅩⅤ تەرىپىدىن رۇس ئايال پادىشاھى كاتېرىناⅡنىڭ ھوزۇرىغا دىپلوماتىك ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇ ناھايىتى پاراسەتلىك ۋە تەدبىرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بەكلا دىققىتىنى تارتىپ، رۇس ئوردىسىدىكى كۆپ كىشىلەر بىلەن يېقىن ئالاقە ئورناتقان. مۇشۇنداق بىر يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ سايىسىدە ئۇ پېتېرخوف سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان چار پادىشاھلىرىغا ئائىت خوسۇسىي ئارخىپلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگىمۇ ئىرىشكەن. بۇ جەرىياندا ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ساراڭ پېتىر»نىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى «ناھايىتى ئەستائىدىللىق بىلەن قۇرمۇ قۇر كۆچۈرۈپ چىققان». 1757-يىلى فرانسىيىگە قايتقاندىن كېيىن بۇ نۇسخىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنىسكە تاپشۇرۇپ بەرگەن، بېرنىس بۇنى كىرال لوئىس ⅩⅤ كە سۇنغان. لېكىن بۇ ئىككىسى پېتېرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىگە ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ۋەسىيەتنامەنى كېيىنچە چېۋالېر دېئون بېئامونت ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي خاتىرەلىرى ئىچىدە ساقلىغان.
              ۋەسىيەتنامە تۇنجى قېتىم 1878-يىلىدىكى «93 ئۇرۇشى»دا رۇس ئارمىيىسى ئىستانبۇلغا يېقىنلىشىپ ياۋرۇپادا ئەندىشە پەيدا قىلغان چاغدا، فرانسىيىنىڭ رۇھانى باشلىقى مونسېگنېر .ج. گ. گائۇم تەرىپىدىن بىر توملۇق خۇسۇسىي بىر ئەسەر قىلىپ نەشىر قىلىنغان.
              رۇس دۆلىتى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ قولدىن قوتۇلۇپ مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، تاشقى سىياسەتتە تاتار خانلىقلىرىنى يوقىتىپ، قارا دېڭىزغا چىقىش يولىنى ئېچىشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويدى. پېتىر تەختكە چىقىپلا رۇسلارنى سىياسىي، ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك ئورۇنغا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىش بىلەن بىرگە، يەنە رۇسىيىنى ياۋروپانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان، تۈركىيىنى يوقۇتۇپ، ئەنگىلىيىنىڭ ئارقا ھويلىسى ۋە بايلىق ئامبىرى بولغان ھىندىستاننى ئىگەللەپ، شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىيانى تەلتۈكۈس ئىشغال قىلىپ زېمىنىنى يىراق شەرققە قەدەر كىڭەيتكەن دۇنياۋىي بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. لېكىن، پېتىرنىڭ دەۋرىدە رۇسىيە غەرپ ۋە جەنۇپ سىياسىتىدە ئۆز پىلانىدىكىدەك غەلىبىگە ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا 1711-يىلىدىكى پرۇت ئۇرۇشىدا پېتىر تۈركلەرنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ ئار-نومۇستا قالغىلى تاس قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن پېتىر دۇنيا سىياسىتىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. لېكىن، شەرققە قاراپ كېڭىيىش ھەرىكىتىنى توختاتمىدى، پەقەت تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتتى.
              پېتىر رۇس ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەرىكەت نىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بۇ ئىدىيىسىنى رۇس چارلىرىغا ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەسىيەت شەكلىدە قالدۇردى. بۇ ۋەسىيەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن.
              ئۇنىڭ بىرىنجى قىسمىدا رۇسىيىنىڭ غەرپتە ۋە جەنۇپتا قانداق سىياسىي ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.
              ئىككىنجى قىسمىدا رۇسىيىنىڭ شەرققە كېڭىيىشتىكى ئومۇمىي مەۋقەسى كۆرسىتىلگەن .
              مانا شۇ ۋەسىيەتنامىنىڭ بىرىنجى قىسمى مۇنداق ئىدى:
              بارلىق ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرىگە ئىگە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن شۇنداق دەيمەنكى، مەن پېتىر بارلىق رۇسلارنىڭ ئىمپېراتورى ۋە مۇتلەق ھۆكۈمرانى. بارلىق ئەۋلادلىرىمىزغا، تەخت ۋارىسلىرىمىزغا ۋە رۇس دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمىتىگە شۇنداق دەيمەنكى، بىزگە ھاياتلىق ۋە تاجۇ-تەخت ئاتا قىلغان ۋە ئىلاھىي ياخشىلىقلىرىنى بىزدىن ئايىمىغان، ھەر ۋاقىت، ھەر ئىشتا بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتقان ۋە قوللىغان ئۇلۇغ تەڭرى بىزگە ئىلاھىي ھىكمەت بەردى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، رۇس مىللىتى كەلگۈسىدە ياۋروپانىڭ خوجايىنى بولۇشقا تاللانغان. بىز بۇ پىكىرنى بىر ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىمىز. ئۇ بولسىمۇ ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قېرىپ يوقىلىش ھالىتىگە كىلىپ قالغانلىقى ياكى بۇ ھالەتكە چوڭ قەدەملەر بىلەن يېقىنلىشىپ كىلىۋاتقانلىقىدۇر. نەتىجىدە ئۇلار يېڭى مىللەت كۈچەيگەن چاغدا ئاسانلا ۋە مۇتلەق ھالدا ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىدۇ. بىزگە مىراس قالغان رۇسىيە كىچىككىنە بىر ئېقىنغا ئوخشايتتى، بىز ھازىر ئۇنى دەرياغا ئايلاندۇرۇپ مىراس قالدۇرىمىز. بىزنىڭ تەخت ۋارىسلىرىمىز ئۇنى دېڭىزغا ئايلاندۇرۇپ مىراس قالدۇرۇشى كىرەك. شۇنىڭ بىلەن ئو قېقىرلىشىپ كەتكەن ياۋروپانى يېڭىدىن مۇنبەت ھالەتكە كەلتۈرسۇن. ئۇنىڭ دولقۇنلىرى زەئىپ ئەللەر تەرىپىدىن ئۆزىگە قارشى سوقۇلغان قورغانلارنى بۆسۈپ ئۆتسۈن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ تەخت ۋارىسلىرىمىزغا تۈۋەندىكى تەلىماتنى مىراس قالدۇرۇپ، ئۇلارنى بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ۋە ھەر ۋاقىت ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز:
              (1) رۇس مىللىتىنى ھەر ۋاقىت ھەربىي ھالەتتە تۇتۇش كىرەك. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئەسكەرلەرنى ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا تەييار ۋە مىللىي روھىمۇ ئويغاق ھالەتتە تۇتۇشتۇر. مىللەتنىڭ ئەقىل-ھۇشۇنى تېپىشىنى كۈتۈپ تۇرماسلىق كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا دۆلەت خەزىنىسىنى تولۇقلاپ، پات-پات قۇراللارنى يېڭىلاپ، ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇن بىر ۋاقىتنى تاللاش كىرەك. ھەر ۋاقىت شۇنداق بىر ھەرىكەت قىلىش كېرەككى، تىنچلىق ئۇرۇشقا، ئۇرۇشمۇ تىنچلىققا خىزمەت قىلسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا مەقسەت ئۈچۈن، يەنى رۇسىيىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن.
              (2) ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەر خىل ۋاسىتىلار ئارقىلىق ياۋروپانىڭ ئىلغار مەملىكەتلىرىدىن ھەربىي يىتەكچىلەرنى، تىنچلىق مەزگىلىدە بولسا ئالىملارنى جەلب قىلىش كىرەك. بۇنىڭدىكى مەقسەت رۇس مىللىتىنى باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش ۋە ئۆزىمىزنىڭكىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقتۇر.
              (3) ھەر قانداق بىر پۇرسەتتە ياۋروپانىڭ سۇيىقەستلىرىگە ۋە زىددىيىتىگە ئارىلىشىش كېرەك. ھېچبولمىغاندا گېرمانىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىغا شۇنداق قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئۇ بىزگە ئەڭ يېقىن بولۇش بىلەن بىرلىكتە، بىزنىڭ ھەممىدىن بەكرەك دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان مەملىكەتتۇر.
              (4) پولشادىكى ئىچكى قالايمىغانچىلىقنى ۋە ماجرالارنى چوڭايتىپ ئۇنى پارچىلىۋىتىش كېرەك. سالاھىيەتلىك كىشىلەرنى ئالتۇن بىلەن سېتىۋېلىش كېرەك. كىرال(پادىشاھ) سايلىمىدا بىر دەستەك تېپىش ئۈچۈن ئىسىلزادىلەرنى ۋە مىللەت مەجلىسىنى نۇپۇزىمىز ئاستىدا تۇتۇش ھەم ئۇلارنى سېتىۋېلىش كېرەك. كىرال سايلىمىدا بىزنىڭ ئارزۇيىمىزغا ئۇيغۇن كەلگەن پارتىيىلەرنى قوللاش، رۇس ئارمىيىسىنى پولشاغا كىرگۈزۈپ ئۇنى دائىم ئۇ يەردە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن باھانە تېپىش كېرەك. قوشنا دۆلەتلەر قېيىنچىلىق پەيدا قىلسا ئۇلارغا نىسىۋە بىرىش ئارقىلىق تىنچلاندۇرۇش، ئەمما بەرگەننى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈنمۇ پۇرسەت كۈتۈش .كېرەك
              (5) شىۋىتسىيىدىن مۇمكىن قەدەر كۆپ يەرگە ئېرىشىش ۋە ئۇنى بىزگە ھۇجۇم قىلدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى يوقىتىشنىڭ سەۋەبچىسىگە ئايلىنىمىز. بۇنىڭدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن شىۋېتسىيە بىلەن دانىيىنى بىر بىرىدىن ئايرىۋىتىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى گاھ ئۇنىڭغا، گاھ بۇنىڭغا پۇرسەت بىرىش ئارقىلىق چوڭايتىش كېرەك.
              (6) رۇس چار ئائىلىسىگە مەنسۇپ شاھزادىلەر ھەر ۋاقىت گېرمان كىرالىيەت ئائىلىسىگە مەنسۇپ مەلىكىلەرنى جۆرلۈككە تاللىشى كېرەك. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئائىلىۋىي باغلىنىشنى كۈچەيتىش شەكلى بىلەن مەنپەئەتنى يېقىنلاشتۇرۇش، گىرمانىيىنى بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىش ۋە نۇپۇزىمىزنى كېڭەيتىشتۇر.
              (7) تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەنگلىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسىغا ئايلىنىش يولىنى تېپىش كېرەك. بۇ دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ پلوتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىنمۇ ياردەمچىمىز بولالايدۇ. ئۇنىڭغا رۇسلارنىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرىنى ۋە باشقا ماللىرىنى بىرىپ ئۇنىڭ ئالتۇنىغا ئىرىشىش، سودىگەر ۋە دېڭىزچىلىرى بىلەن بىزنىڭ كىشىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا دائىملىق مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش كېرەك.
              (8) رۇسىيىنىڭ زېمىنى داۋاملىق ھالدا شىمالدا بالتىق دېڭىز بويلىرىغا، جەنۇپتا قارا دېڭىز بويلىرىغا قەدەر كېڭىيىش كېرەك.
              (9) مۇمكىن قەدەر ئىستانبۇلغا ۋە ھىندىستانغا يېقىنلىشىش كېرەك. كىم ئىستانبۇلنى ۋە ھىندىستاننى قولغا كىرگۈزسە شۇ دۇنياغا ھۆكۈمران بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە داۋاملىق تۈركىيە بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشى كېرەك. قارا دېڭىز ساھىللىرىدە ھەربىي پورتلارنى قۇرۇپ، بۇ دېڭىز بىلەن بىرلىكتە بالتىق دېڭىزىغىمۇ ئىگە بولۇش كېرەك. ھەر ئىككىسى پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن مۇھىم كۆۋرۈك بېشى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئىران قولتۇقىغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىراننىڭ يوقىلىشىنى تىزلىتىش، مۇمكىن بولسا سۈرىيە ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ يېقىن شەرق بىلەن بولغان قەدىمىي سودا ئالاقىسىنى جانلاندۇرۇش ۋە بۇ يولدا دۇنيانىڭ غەزىنىسى بولغان ھىندىستانغىچە يىتىپ بېرىشقا تىرىشىش كېرەك. بۇ مەقسەتكە يىتەلىسەك ئىنگلىزلارنىڭ ئالتۇنلىرىغا ئىھتىياجىمىز قالمايدۇ.
              (10) ئاۋۇسترىيە بىلەن سۈلھى كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۇنى ئەستايىدىل قوغداش كېرەك. كەلگۈسىدە ئۇنىڭ گېرمانىيىگە خوجا بولۇش ئارزۇسىنى كۆرۈنۈش جەھەتتىنلا قوللاش، ئەمما ئاستىرىتتىن گېرمان پرەنىسلىرىنىڭ ئاۋۇسترىيىگە بولغان ھەسەتخورلۇقىنى ئۇلغايتىش كېرەك. بىر قىسىم گېرمان مەملىكەتلىرىنىڭ رۇسىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ھېمايىچى بولۇش، بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ھاكىمىيىتىمىزنى ھازىرلاش كېرەك.
              (11) ئاۋۇسترىيە خانىدانىنى تۈركلەرنى ياۋروپادىن قوغلاپ چىقىرىشقا كۈشكۈرتىش بىلەن بىرلىكتە، ئىستانبۇل بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ غەزىپىنى بېسىش ئۈچۈن يا ئۇنى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇش كېرەك ياكى ئىرىشكەن تۈرك زېمىنىدىن بىر قىسىمنى ئۇنىڭغا قالدۇرۇش كېرەك. بۇنى كېيىن يەنە قايتۇرىۋالغىلى بولىدۇ.
              (12) ھۇنگرىيىدە(ۋېنگرىيىدە)، ئوسمانىيلار مەملىكىتىدە ۋە جەنۇبىي پولشادا ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئورتودوكىسلارنى رۇسىيىنىڭ ئەتراپىغا توپلاش ئۈچۈن قولدا بار بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. ئۇلارغا ئۆزىمىزنى پائالىيەت مەركىزى سۈپىتىدە تۇنۇتىشىمىز، ئۇلارنى قوللىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە دىنىي يىتەكچىلىكىمىز بىلەن ئومۇمىي بىر ھاكىمىيەت قۇرۇشىمىز ھەم ئۇلاردىن بىر مۇنچە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ۋىلايەتلىرىدە دوستلىرىمىز سۈپىتىدە پايدىلىنىشىمىز كېرەك.
              (13) شۇنداق قىلىپ شۋېتسىيە پارچىلىنىپ، ئىران يېڭىلىپ، لىخىيە بويۇنتۇرۇق ئاستىغا ئېلىنىپ، تۈركىيە ئىستىلا قىلىنىپ، ئارمىيىمىز بىر بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، قارا دېڭىز بىلەن بالتىق دېڭىزى پىلوتىمىز تەرىپىدىن مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا ھاكىمىيىتىنى بۆلۈشۈۋىلىش ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ۋە مەخپىي ھالدا ئاۋۋال ۋېرساللېس خانىدانىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋىنادىكىگە تەكلىپ بىرىش كېرەك. بۇ ئىككى خانىداندىن بىرىسىنىڭ ئاچكۆزلۈك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكى خېلىلا زورىيىپ تەكلىۋىمىزنى شۇبھىسىز قوبۇل قىلسا، ئۇنى يەنە بىرىسىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن پايدىلىنىش كىرەك. ئاخىرىدا بىز قېپقالغىنىنى يوقتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۇرۇش پىلانى تۈزۈش كېرەك. رۇسىيە پۈتكۈل ياۋروپانىڭ شەرقىگە ھۆكۈمران بولغانلىقتىن ۈە شەرققىمۇ ھۆكۈمران بولغانلىقتىن، ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدىنمۇ گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.
              (14) ئەگەر ھەر ئىككى دۆلەت رۇسىيىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسا، ئو چاغدا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ ئۇلارنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇش كېرەك. بۇنى تاكى رۇسلار پۈتۈن كۈچىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلىگۈدەك بولغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. تۇنجى قەدەمدە گېرمانىيىگە قارشى توپلانغان ئارمىيىنى ئاتلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇلغان قارا دېڭىز بىلەن بالتىق دېڭىز ساھىلىدىكى قوشۇنىمىزنىڭ ھېمايىسىدىكى مۇھىم ئىككى پىلوتىمىزدىن بىرى ئازاق دېڭىزىدىن، يەنە بىرى ئارخانگېلسك پورتىدىن ھەرىكەتكە ئاتلانسۇن. ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئاتلانتىك ئوكيانغا ئۆتۈپ، بىر تەرەپتىن فرانسىيە، يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيە ساھىللىرىنى ئىشغال قىلسۇن. بۇ ئىككى دۆلەتنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ياۋروپانىڭ قېپقالغان قىسمى ئۇرۇشسىز ۋە ئاسانلا ھاكىمىيىتىمىز ئاستىغا كىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىز ياۋروپادا غەلىبىگە ئىرىشىمىز.

              دىمەك، پېتىر ياۋروپادىكى سىياسىي غايىسى ئۈچۈن ھەربىي كۈچنى ۋە دېپلوماتىك ئويۇنلارنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئاسىيا تەرەپتە بولسا ئىلمى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى ئاساس، ھەربىي ھۇجۇمنى قوشۇمچە ئورۇنغا قويۇپ ھەرىكەت قىلدى. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەپ ئوسمان ئىمپېىيىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان بەزى ھەربىي سىناقلىرى تۈركلەرنى نوقۇل ھالدا ھەربىي كۈچ بىلەنلا يوقاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى رۇسلارغا ئېنىق تۇنۇتقان ئىدى. شۇڭا، پېتىر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ ئاجىز تەرەپلىرىنى ياخشى ئىگەللەپ ئاندىن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى مەقسەت قىلدى.
              پېتىرنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسمىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك خانلىقلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىگەن تەدبىرلىرى ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ھالدا ئاكادىمىيە قۇرۇش بىلەن باشلاندى. شەرق پەنلەر ئاكادىمىيىسىنى قۇرۇش پېتىرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ غايىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھايات چېغىدا بۇ ئاكادىمىيىنىڭ ئاساسىنى تىكلەپ، بۆلۈملىرىنى ۋە ئىقتىسادىنى بىكىتىپ بەردى، ھەتتا ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئالىملارنىمۇ ئۆزى تەكلىپ قىلدى. لېكىن، بۇ ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشقىچە ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ۋارىسلىرى بۇ مۇئەسسەنىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئۇنى رۇسلارنىڭ دۇنيا سىياسىتىگە ئۇيغۇن بىر شەكىلگە كەلتۈردى.
              ھەقىقەتەن، 1726-يىلى قۇرۇلغان ۋە بۆلۈملىرىدە گېرمان، رۇس ۋە ياۋروپالىق باشقا مىللەت ئالىملىرى خىزمەت قىلغان بۇ ئاكادىمىيىنىڭ كۆرۈنۈش جەھەتتىكى غايىسى بىلىنمىگەن شەرقنى ۋە شەرق مىللەتلىرىنى تەتقىق قىلىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رۇس ئىمپېرىيالىزىمى ئۈچۈن كەڭ زېمىن ھازىرلاش ئىدى. شەرق پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە تۈرك دۇنياسى بىر پۈتۈن ھالدا نەزەرگە ئېلىنىپ، ھەر بىر تەرەپلىرى پسىخىلوگىيە، پىداگوگىكا ۋە سوتسىيالوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسلىرى بويىچە تەتقىق قىلىنىپ، بۇلارنىڭ قانداق شارائىتتا ئاجىزلىشىپ، يەنە قانداق شارائىتتا كۈچىيىدىغانلىقى ناھايىتى ياخشى كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن رۇسلارنىڭ تاكتىكىسى مۇشۇ ئىلمىي چۈشەنچىگە ئاساسەن بىكىتىلدى.
              نەتىجىدە رۇسلار ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئاجىزلاشقان چاغدا ھۇجۇمغا ئۆتتى، كۈچەيگەن چاغدا بولسا دەرھال تىنچلىق ئەلچىسىنىڭ تونىغا ئورىنىۋالدى. «ئاۋۋال پارچىلاش، ئاندىن كېيىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش»(بۆلۈپ ئىدارە قىلىش) دەستۇرىنى ئۆزىگە باش پرىنسىپ قىلغان رۇسلار ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئىچكى ئىختىلاپقا چۈشكەن چاغدا ھەر قايسى تارماقلارنى بىر بىرىگە قارشى كۈشكۈرىتتى. تەرەپلەر ئۇرۇشۇپ ھالسىزلاشقاندا، رۇسلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئەللىرىنى بىر بىرلەپ قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ يەردە زالىملىقنىڭ ۋە ياۋايىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆرنىكىنى ياراتتى. ئۆزىنىڭ ئىشغالىيەت دائىرىسىگە ئېلىشقا ئۈلگىرەلمىگەن يەتتە شەھەر خانلىقىنى بولسا مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنى ئىقتىساد ۋە قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەش، دېپلوماتىيىدە پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىپ بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنىڭ قولى بىلەن يوقاتتى.
              دېمەك، پېتىرنىڭ شەرق سىياسىتى ئۇ ئۆلۈپ 160 يىلدىن كېيىن، يەنى 1884-يىلى تولۇق ئەمەلگە ئاشتى. پېتىرنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىدە ئىزچىل قوللانغان تۈرك دۈشمەنلىكى سىياسىتى، ۋەسىيەتنامىسىدا تىلغا ئالغان غايىلىرى ۋە شەرق پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتى ئارقىلىق رۇس سىياسىتىگە سىزىپ بەرگەن يولى ئۇنىڭدىن كېيىنكى رۇس چارلىرى تەرىپىدىن ساداقەت بىلەن قوللىنىلدى ۋە ئىجرا قىلىندى.
              قىسقىسى، رۇس چارلىرى پېتىرنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئىنجىلدەك مۇقەددەس بىلىپ ئۇنىڭغا قەتئىي ئەمەل قىلدى. لېكىن، شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، رۇس چارلىرى پېتىرنىڭ ۋەسىيىتىنى قانچىلىك سادىقلىق بىلەن ئورۇنداشقا تىرىشمىسۇن، رۇسىيە ھەرگىزمۇ ياۋروپاغا خوجا بولالمىدى، ئوسمان ئىمپېرىيسىنى يوقىتىپ ئىستانبۇلنىمۇ ئىشغال قىلالمىدى، ھىندىستانغا كىرىش چۈشىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. پەقەت شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئۈستىدىلا ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىيەلىدى.
              بۇنداق بولۇشىغا تۈۋەندىكىدەك ئامىللار مۇھىم سەۋەپ بولغانىدى:
              (1) ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى خېلى بۇرۇنلا بىر ئىجتىمائىي شىرىن ئۇيقىغا غەرق بولۇپ، نادانلىق، نامراتلىق ۋە چېچىلاڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى. ئەتراپتىكى زېمىن رەقىپ مىللەتلەر بىلەن قورشالغاچقا، ئىقتىسادى زەئىپلىشىپ، پەن ۋە مائارىپ جەھەتتە ئارقىدا قالدى.
              (2) رۇسىيىىنىڭ ساختا، لېكىن جەلىپكار تەشۋىقاتلىرىغا، سېتىۋېلىش، تەھدىت سېلىش ۋە ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئەل قىلىش ئويۇنلىرىغا ئالدىنىپ كەتتى.
              (3) مەركىزىي بىر ھاكىمىيەت ئېڭى ياكى مىللىي بىرلىك چۈشەنچىسى شەكىللەنمەي، ئەكسىچە ئىرقداشلىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۆرىشى ئەۋج ئالدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ دۈشمەن ھۇجۇمى ئالدىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش تەۋسىيىسىگە ئىتىبارسىز قارىدى. نەتىجىدە دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى بىكاردىن بىكارغا ئۇپرىتىپ تۈگەتتى.
              (4) دىپلوماتىك سەزگۈرلۈككە سەل قاراپ، پەقەت ئىچكى ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ كەتتى. رۇسىيىدىن تەكشۈرۈش ئەترىتى، سودا ئۆمىكى ۋە دىپلوماتىك ۋەكىللەر كەلسە ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلانسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي مۇدداسىنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلىنىپ باقمىدى. شۇڭا، رۇسىيىنىڭ مەقسىتىنى ۋاقتىدا ھىس قىلىپ يىتەلمىدى. لېكىن، بۇ جەھەتتە ياقۇپ بەگ سەزگۈر كەلگەن ئىدى.
              (5) ھەربىي قورال-ياراقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا دۈشمەن بىلەن پەقەت ئۇرۇش مەيدانىدىلا ئۇچرىشىش كىرەك دەيدىغان كونا پىكىرلەرگە چىڭ باغلاندى. شۇڭا، كۈچلۈك ھەربىي سانائەتكە ۋە مۇكەممەل ھەربىي تۈزۈمگە ئىگە رۇسىيە ئارمىيىسىگە قەھرىمانلىق بىلەن قارشى تۇرسىمۇ يەنىلا مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلالمىدى.
              (6) تەقدىرچىلىك ھۆكۈمران ئىرادىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ خىل روھىي ھالەت ئىچىدە ھەر نەرسە تەقدىرنىڭ ئەمرىگە تاشلاندى.
              قىسقىسى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، رۇسىيە ئىستىلا قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلچىمۇ چاندۇرۇپ قويماي ناھايىتى مەخپىي ھالدا پۈتتۈردى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرى ۋە زەئىپلىكىدىنمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلاندى. ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ھامان ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى. چار رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيادا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۈگۈزگەن مىللىي سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت زوراۋانلىقى پېتىرنىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر داۋامى بولغىنىدەك، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرلىگەندىن كېيىن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا بەكرەك ئۇرۇنىشىنىمۇ يەنىلا پېتىرنىڭ ئاشۇ ۋەسىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: