版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/107477302.html

    تۈرك رەھبىرى دوكتور نەجمىددىن ئەرباقان


    تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى دوكتور نەجمىددىن ئەرباقان ۋاپات بولدى

    تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(27.02.2011) خەۋىرى:
    تۈركىيەگە نىسبەتەن بۈگۈن قايغۇلۇق كۈن بولدى.
    تۈركىيە سىياسىتىگە زور تۆھپە قوشقان سابىق باش مىنىستىرلاردىن نەجمەتتىن ئەرباكان تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ۋاپات بولدى.
    نەجمەتتىن ئەرباكان 2011-يىلى 3-يانۋار كۈنى تومۇر جاراھەتلىنىش دىئاگنوزى بىلەن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان ئىدى.
    دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن 21-يانۋاردا قايتىدىن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان ئەرباكان داۋالىنىۋاتاتتى.
    دوختۇرخانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرباكان بۈگۈن سائەت 11.40 ئۆتكەندە ۋاپات بولغان.
    ئەرباكان 1926-يىلى سىنوپتا تۇغۇلغان.
    1969-يىلى كونيادا مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى سۈپىتىدە سىياسەت سېپىگە كىرگەن ئەرباكان، يېقىن دوستلىرى بىلەن 1970-يىلى مىللىي گۆرۈش «مىللىيچە قاراش»نىڭ تۇنجى پارتىيەسى بولغان مىللىي نىزام پارتىيەسىنى قۇردى.
    1971-يىلى ھەربىي ئۆزگىرىشتە تاقىۋېتىلگەن مەزكۇر پارتىيەنىڭ ئورنىغا مىللىي سالامەت پارتىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى.
    1980-يىلى سىياسى جەھەتتىن چەكلەنگەن ئەرباكاننىڭ 1987-يىلى سىياسىي سالاھىيىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
    1987-يىلى رەفاھ پارتىيەسى باش سېكرىتارلىقىغا سايلىنىپ، بۇ پارتىيە بىلەن 1995-يىلى ئومۇمىي سايلاملاردا ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
    سايلامدىن كېيىن قۇرۇلغان 54-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولدى.
    28-فېۋرالدا رەفاھ پارتىيەسىنىڭ تارقىتىۋېلىشى بىلەن ئەرباكانغا 5 يىل سىياسىي جەھەتتىن چەكلىمە قويۇلدى.
    سائادەت پارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇلتايدا قايتىدىن سېكرىتارلىقىغا سايلانغان ئىدى.
    نەجمەنددىن ئەرباكاننىڭ جىنازىسى ئىستانبۇل فاتىھ جامەسىدە 2011-يىلى 1-مارت كۈنى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ئىستانبۇل مەركىزى ئەپەندى قەبرىستانلىقىدىكى ئائىلە قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئابدۇللاھ گۈل: «مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقاننى چوڭقۇر ئەسلەيمىز»

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(27.02.2011) خەۋىرى:
    جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، سابىق باش مىنىستىرلاردىن پىروفېسسور دوكتۇر نەجمەتتىن ئەرباقاننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە سۆزى ئېلان قىلدى.
    جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تەزىيە سۆزى تۆۋەندىكىچە:
    «سابىق باش مىنىستىرلاردىن سائادەت پارتىيەسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتۇر نەجمەتتىن ئەرباقاننىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتىم. داڭلىق دۆلەت ئەربابى، سىياسىيون ۋە ئالىمىمىزنى يوقىتىپ قويۇشتەك چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئەزىز مىللىتىمىزگە ئاللاھدىن سەۋر تىلەيمەن. تۈرك سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەخسلىرىدىن بىرى بولغان نەجمەتتىن ئەرباقان چوڭقۇر مەلۇماتى، بىلىم جۇغلانمىسى، كىشىلىك ئوبرازى، مول تەجرىبىسى، غايىسى، كۈرەشچان روھى، مۇھىم خىزمەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئۈلگىلىك رەھبەر ئىدى.
    سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەزگىلدە يېقىندىن تونۇش ۋە بىرلىكتە ئىشلەش شەرىپىگە نائىل بولغان نەجمەتتىن ئەرباقان، شۈبھىسىزكى يېقىن تارىخىمىزغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۆمۈر بويى ئۆتەپ كەلگەن بارلىق ۋەزىپىلەردە مىللەتكە خىزمەت قىلىشنى ھەممىدىن ئەلا كۆرگەن مەرھۇم، تۈركىيەنىڭ بارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلىشىغا ۋە كۈچىيىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
    مەرھۇمنى ھەمىشە چوڭقۇر سۆيگۈ، ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئەسلەيمىز.
    مەرھۇمغا ئاللاھدىن رەھمەت، ئائىلىسى، يېقىنلىرى، مىللىتىمىز، سائادەت پارتىيەسى ئەزالىرى ۋە بارلىق ياخشى ياخشى كۆرىدىغانلىلىرىغا سەۋر تىلەيمەن».
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    سابىق باش مىنىستىر پروفېسسور دوكتور نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ ۋاپاتى

    تۈركىيە ئاۋازى(01.03.2011) رادىيوسى:
    1996-يىلدىن 1997-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پروفېسسور دوكتور نەجمىددىن ئەرباقان، تاجىسىمان ئارتېرىيە ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نەتىجىسىدە، 2011-يىلى 27-فېۋرال كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. پروفېسسور دوكتور نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ ۋاپاتىدىن، ھەم ئەرباقاننىڭ پارتىيەسى بولغان «سائادەت پارتىيەسى»، ھەم سىياسىئونلار ھەم سودا-سانائەتچىلەر ھەمدە تۈرك خەلقى قاتتىق قايغۇردى. پروفېسسور دوكتور نەجمىددىن ئەرباقان، مەيلى سىياسىي پىكىر-تەپەككۇرلىرى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى كىشىلىك خاراكتېرى ۋە يۈكسەك ئالىي پەزىلىتى جەھەتتىن بولسۇن، پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيادىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر زات ئىدى. شەك-شۈبھىسىزكى، پروفېسسور دوكتور نەجمىددىن ئەرباقاننى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ بولغىنىدەك، ياخشى كۆرمەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇنداق ھەم تۈركىيە ھەمدە پۈتكۈل دۇنيادا چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر بىر رەھبەرنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىشى، ھەم ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى ھەمدە تۈركىيەنىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىگە نىسبەتەن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
    پۈتكۈل دۇنيادىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيەدىمۇ ھەم جەمئىيەتتە ھەمدە سىياسىي جەھەتتىن باشلامچىلىق رولى ئوينايدىغان رەھبەرلەر باردۇر. تۈركىيەدە دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى 50 يىللىق سىياسىتىنى شەكىللەندۈرگەن 5 چوڭ رەھبەر ئۆتكەن بولۇپ، بۇلار، 1973-يىلى 17-ئاپرېل كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان دۆلىتىمىزنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى تۇرغۇت ئۆزال، 1997-يىلى 4-ئاپرېل كۈنى ۋاپات بولغان ئالپئارسلان تۈركەش، 2006-يىلى 9-نويابىر كۈنى ۋاپات بولغان سابىق باش مىنىستىر بۈلەنت ئەجەۋىت ۋە 2011-يىلى 27-فېۋرال كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان پروفېسسور دوكتور نەجمىددىن ئەرباقان، ھەمدە ھازىرمۇ ھايات بولغان دۆلىتىمىزنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سۇلەيمان دەمىرەل قاتارلىق زاتلاردۇر.
    پروفېسسور دوكتور نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. نەجمىددىن ئەرباقان، ئالدى بىلەن ئاكادېمىك ساھھەدە كەڭ تونۇلۇشقا باشلىدى. نەجمىددىن ئەرباقان، ئىستانبۇل پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مېخانىكا ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، گېرمانىيەدە موتور تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاخىرىدا موتور تېخنىكىسىدا پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بىراق نەجمىددىن ئەرباقان، 1968-يىلى ئاكادېمىك ھاياتىغا خاتىمە بېرىپ، ئوڭ قانات مۇھاپازاكار پارتىيەنىڭ رامكىسى ئىچىدە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.
    نەجمىددىن ئەرباقان، سىياسىي ھاياتقا ئالدى بىلەن تۈركىيە ئۇيۇشمىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش بىلەن قەدەم قويدى، بىراق شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. نەجمىددىن ئەرباقان تۈركىيە ئۇيۇشمىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، «ئادالەت پارتىيەسى»دىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇشقا بەل باغلىدى، بىراق شۇ ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر ۋە «ئادالەت پارتىيەسى» نىڭ رەھبىرى سۈلەيمان دەمىرەل تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ناھايەت 1969-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا دۆلىتىمىزنىڭ كونيا ۋىلايىتىدىن مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى سايلىنىپ، سىياسەت دۇنياسىغا قەدەم قويدى. نەجمىددىن ئەرباقان، بۇنىڭدىن قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزى قۇرۇپ چىققان «مىللىي نىزام پارتىيەسى» ئارقىلىق سىياسىي كۈرىشىنى رەسمىيلەشتۈردى.
    ھەممىگە مەلۇمكى، نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ، ئىدېئولوگىيىسەىنىڭ ۋە قۇرۇپ چىققان پارتىيەلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. قىسقىسى، نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى «مىللىي ئىستراتېگىيە» دەپ ئاتالغان سىياسىي ھەرىكەتنىڭ تۈرتكىسىدە، تۈركىيە سىياسىتىدە قىسمەن ئىجابىي، قىسمەن تالاش-تارتىشلىق ھالدا نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. نەجمىددىن ئەرباقان ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «مىللىي ئىستراتېگىيە ھەرىكىتى»، ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگىچە سوزۇلىدىغان ئىسلام ھەرىكىتىنى يېپ-يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. نەجمىددىن ئەرباقان، تۈركىيەنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي بايلىقلىرىدىن بىرى بولغان ئىسلام تەپەككۇرى ۋە نەزەرىيەسى ۋە رېئاللىقىنى ھەم سىياسىي پارتىيەنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھەمدە دېموكراتىك ۋە تىنچ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. ئىسلام تەپەككۇرىنى ھەم خەلقنىڭ ئىرادىسىگە، ھەمدە پارلامېنت ۋە ئاساسىي قانۇنغا تايىنىپ تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇشقا تىرىشتى. شۇڭا، نەجمىددىن ئەرباقان ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «مىللىي ئىستراتېگىيە ھەرىكىتى»نىڭ رادىكال ۋە زوراۋانلىقتىن خالىي ئىكەنلىكىنى ھەممە بىردەك قوبۇل قىلىدۇ.
    نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ سىياسىي ئېڭىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
    بىرىنچىسى، تۈركىيەدە دىنىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ ئەجدادتىن-ئەۋلادقىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان بىر سىستېمىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. بولۇپمۇ لائىقلىق «يەنى دىن بىلەن دۆلەت بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىياسىي تۈزۈلمە» مەسىلىسىدە، تېخىمۇ دېموكراتىك بىر قانۇن-نىزامنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشتى.
    ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، تۈركىيە قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلىناتتى، ھەمدە ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تاپقان تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە ئىسلام دۇنياسىغا ئۈلگە بولالايتتى. نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ نىشانى، ئۆزىنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرق رايونى، بالقان رايونى ۋە كاۋكاز رايونىدىن تارتىپ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغىچە بولغان پايانسىز تېرروتېرىيەدە «ئادىل بىر سىستېما» قۇرۇپ چىقىش ئىدى.
    ئۈچىنچىسى، نەجمىددىن ئەرباقان ئەسلىدە پۈتكۈل دۇنيا سىستېمىسى ۋە قانۇن-نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى لازىملىقىنى، بولۇپمۇ جاھانگىرلىك، مۇستەملىكىچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. ئۇ ھەمىشە، «پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئادىل سىستېما ئورنىتىلىشى كېرەك» دەيتتى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى قاتارلىق غەرب مەنبەلىك تەشكىلاتلارنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىگە تەڭسىز مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ھەممىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىنى؛ شۇڭا بۇنىڭ ئورنىغا ئىسلامى قىممەت ئۆلچەملىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئادىل ۋە يېڭى بىر سىستېمىنىڭ قۇرۇلۇشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرەتتى.
    مەيلى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا «ئادىل سىستېما» بەرپا قىلىنىش نىشانىنى بويلاپ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان ئىجرائاتلىرى جەھەتتىن بولسۇن، نەجمىددىن ئەرباقان، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تەرىپىدىن «ئوتوپىيە» دەپ قارالسا، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن «خەتەرلىك كىشى» دەپ قارالدى. نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىلەن يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي ئوي-پىكىر ۋە ئاڭ بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان. نەجمىددىن ئەرباقان يولغا قويغان سىياسەتلەر ھەمدە ئۇنىڭ پات-پات ئېلىپ بارغان ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان پائالىيەتلىرى، ھەم خەلق ھەمدە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ «رەفاھ پارتىيەسى» بىلەن «توغرا يول» پارتىيەسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىللەردە يولغا قويغان سىياسەتلىرى، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. خەلقنىڭ نەجمىددىن ئەرباقان ۋە ئۇ ئۇنىڭ يولغا قويغان سىياسەتلىرىگە قارىتا ئېتىراز ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈشى ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىشكە بولاتتى. بىراق، نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ھەم غەيرىي دېموكراتىك يوللار ھەمدە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق خاتىمە بېرىلىشىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
    نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ پارتىيەسى بولغان «سائادەت پارتىيەسى»دىن باشقا يەنە، نەجمىددىن ئەرباقان تەرىپىدىن قۇرۇلغان «مىللىي نىزام پارتىيەسى»، «مىللىي سالامەت پارتىيەسى»، «رەفاھ پارتىيەسى» ۋە «فەزىلەت پارتىيەسى» قاتارلىق 4 پارتىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ئارقىلىق ياكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق تاقىۋېتىلدى. نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ لىبېرال قاراشقا ئىگە پروفېسسور دوكتور تانسۇ چىللەر بىلەن قۇرۇپ چىققان «رەفاھ-يول بىرلەشمە ھۆكۈمىتى» بولسا، «28-فېۋرال ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش باسقۇچى» دەپ ئاتالغان «پوست مودېرن» ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق تارقىتىۋېتىلدى. ئارقىدىنلا، نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ 5 يىل سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئىي قىلىندى. جۈملىدىن نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ ھەر جەھەتتىن سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ مەنئىي قىلىنىشى ئۈچۈن ئەسكىرىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىم ئىشلىتىلدى.
    «28-فېۋرال ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش باسقۇچى» نەجمىددىن ئەرباقان ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيەلەرنى ھەقىقەتەنمۇ سىياسەت سەھنىسىدىن چەتكە قاقتى؛ دەرۋەقە شۇندىن تارتىپ نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ پارتىيەسى، سايلاملاردا غەلىبە قىلالماي، پەقەت % 3 پىرسەنتتىن % 5 پىرسەنت ئەتراپىدا ئاۋازغا ئېرىشىپ كەلدى. بىراق بۇنىڭغا قاراپ، نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ سىياسىي ئېڭى، تۈركىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن تامامەن سىقىپ چىقىرىلدى، دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى نۆۋەتتە تۈركىيەدە % 47 ئاۋازغا ئېرىشىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ پارىيەنىڭ كادىرلىرىنىڭ ئەسلىدە نەجمىددىن ئەرباقان تەرىپىدىن تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان سىياسىي پارتىيەلەردە يېتىشىپ چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم.
    شۇنى ئەسكەرتىش ھاجەتكى، «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى»، نەجمىددىن ئەرباقان تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارتىيەلەر ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «مىللىي ئىستراتېگىيە ھەرىكىتى»نىڭ داۋامى تەرىقىسىدىكى بىر پارتىيە ئەمەس، چۈنكى «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى»نىڭ ئىستراتېگىيەسى، «مىللىي ئىستراتېگىيە ھەرىكىتى» نىڭ نىشانى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بۇنى ھەر ئىككى تەرەپمۇ ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇ ھەقتە، «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» بىلەن نەجمىددىن ئەرباقان ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «مىللىي ئىستراتېگىيە ھەرىكىتى» ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپنىڭ بارلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان.
    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خاراكتېرى، ئېسىل پەزىلىتى، يىراقنى كۆرەرلىكى، يولغا قويغان سىياسەتلىرى، ئىجابىي ۋە سەلبىي كۆز-قاراشلىرى ۋە تۈرلۈك ساھەلەردە ئېلىپ بارغان خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن نەجمىددىن ئەرباقان توغرۇلۇق كۆپ جەھەتتىن تالاش-تارتىش ئېلىپ بېرىش مۇمكىن. مەن بۇ تالاش-تارتىشلارنىڭ، ھەم دۆلىتىمىز ھەمدە پۈتكۈل دۇنياغا نىسبەتەن ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن. مەرھۇمغا ئاللاھ تائالادىن رەھىم-شەپقەت، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەۋرى-تاقەت تىلەيمەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=477
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: