• 2010-12-29

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ تەبىقىگە بۆلۈنىشى - [نادىر ئەسەرلەر]

    ئابدۇمىجىت مۇھەممەت ئىمىن ( نىجاتكار)

           ئىنسانلار توپىنى ياكى مەلۇم بىر ئادەمنى جەمئىيەتتىكى ئورنى رولى ۋە بىلىمگە ئاساسەن تەبىقىگە ئايرىش (يۇقىرى ياكى پەس ) تارىختىن بىرى داۋاملىشىپ كەلدى. بەزىدە  جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى تەرتىپى تەبىئىي ھالدا جەمئىيەت تەبىقىسنى شەكىللەندۇرگەن بولسا بەزىدە بۈيۈك ئالىملار، سىياسىئونلار ھەتتا پەيغەمبەرلەر كىشىلەر توپىنى تەبىقىلەرگە بۆلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى ئارىستوتىل ۋە چىڭڭىزخانلار، ئارىستوتىلنىڭ ئىنسانلارنى دەرىجىگە ئايرىشى بىر قەدەر ئىلمى ۋە ئادىل بولغان بولۇپ، مەلۇم مەنىدە كىشىلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ساپاسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىغا باغلىق ئىدى. چىڭڭىزخاننىڭ تەبىقىگە ئايرىشى بىۋاستە ھەربىي ۋە سىياسىي ساھەگە چىتىشلىق بولۇپ، تىپىك ھالدىكى مۇستەبىتلىكتە ئىپادىلەنگەن ئىدى. ئەمدى پەيغەمبەرلەرگە كەلسەك ئۇلار ئىلىم ۋە ئەقىدە سىستىمىسىنى، روھىيەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئايرىغان ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ تەبىقىگە ئايرىشى مەلۇم مەنىدىكى روھىي تاكامۇللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى .

            مەندە ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلار جەمئىيتىنى تەبىقىگە (يۇقىرى-پەس) ئايرىش قەلبىمدە يىلىنجىغان بولسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەت گاڭگىردىم ۋە ئىككىلەندىم. ئاخىر تەتقىق قىلىش مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئىنسانلارنى تەبىقىگە ئايرىدىم. باشقىلار ماڭا مۇنداق سۇئاللارنى ياغدۇرۋىتىشى مۇمكىن؛ سىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەبىقىگە ئايرىشقا قانداق سالاھىيتىڭ توشايدۇ؟ ئىنسانلار ئەزەلدىن باراۋەر ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇرلارنى تەبىقىگە ئايرىش يامان تەسىر پەيدا قىلمامدۇ ؟

           بىز ھازىر پەۋقۇلئاددە سىياسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. بىر ئادەم ئۆزىگىلا تەۋە بولمايدۇ، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتى بولىدۇ. گەرچە ئىنسانلار سىياسىي جەھەتتىن باراۋەر بولسىمۇ، نوپۇزى، بىلىمى جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى، پەزلىتى، ئەقلى-قابىلىيتىگە ئاساسەن مۇئەييەن پەرىق بولىدۇ. بۈيۈك ئىنسانلار ئۇلۇغلىنىشى ۋە قەدىرلىنشى كىرەك. نۇمۇسسىزلار چەتكە قىقىلىشى، بەدەل تۆلىشى كىرەك! ھېچبولمىسا روھىي جەھەتتىن بولسىمۇ.

      مەن ئۆزۈمگە نىسبەتەن كەمتەر بولۇشنى خالىمايمەن. زىيادە كەمتەرلىك بەلكىم ئۆزىنى پەسلەشتۈرۈشتۇر. ئادەملەر بەزىدە ئۆزىگە ئۆزى باھا بىرىشنى بىلىش كىرەك. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ئۆزىنى <<مەن تۈرۈكلەرنىڭ ئەڭ بىلىملىكلىرىدىن ۋە سۆزمەنلىرىدىن ئىدىم>> دىگەن ئىدى. بۈيۈك شائىر ئەلشىر ناۋايى بولسا <<مەن تۈرۈك تىلنى قۇتقۇزۇپ قالدىم>> دىگەن ئىدى.

    مەن ئۆزۈمنى شۇنداق دىيەلەيمەنكى:- مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى ئىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ قەلىب قانۇنى بىلەن ياشاپ كەلگەن ۋېجدان ساھىبى ئىدىم. مىنىڭ ئۆز جەمئىيتىمنى تەبىقىگە ئايرىشىمنىڭ تۇپكى مەقسىدى:- مىللىتىمنى قۇتقۇزۇپ قىلىش، ئۇلارنى ۋەتەن، مىللەتنى سۆيۈشكە، ئۆزى توغىرسىدا ئويلىنىپ بىقىشقا تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈندۇر.  

         مەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنى تەبىقىگە ئايرىشتا ئاساسلىقى ۋەتەننى قۇچاقلاپ؛ خەلىقنى، گۈزەللىكنى، ئادالەتنى، ئەۋلاتلىرىمىزنى، غۇرۇرنى، ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى ۋە كەلگۈسىنى سۆيۈپ تۇرۇپ پىكىر قىلدىم. خەلىقىمىزنى تەبىقىگە ئايرىشتا يوغان قورسىقىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى گىگانىت مېڭىسى ۋە مۇنبەت مەنىۋىيتىگە قاراپ تۇرۇپ پىكىر قىلدىم. بىز دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مىللەت يەھۇدىلاردىن ئۈگۈنىشىمىز كىرەك. ئۇلار 2000يىللىق سەرسان-سەرگەردانلىقنى بىشىدىن كەچۈرۈپمۇ يەنە قايتىدىن قەددىنى رۇسلىدى. بىز ھەرقانچە ئىغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان بولساقمۇ، يۇرتىمىزدىن قوغلاندى بولغۇدەك دەرىجىدىكى ئىغىر قىسمەتكە دۇچار بولۇپ باقمىدۇق. بىزنىڭ خەلىقىمىزنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىنى خاراپ قىلىشقا ھېچقانداق ھوقۇقىمىز يوق. بىز بىر مەزگىللىك مەھرۇملۇقنىڭ تېخىمۇ زور ئېرىشىشكە باشلايدىغانلىقىنى چۈشۈنىشىمىز كىرەك! قورساق ئۈچۈن ھەرقانداق قىممەتلىك نەرسىمىزنى سىتىۋىتىش ھوقۇقىمىز يوق. مەن بۇ ئەسىرىم ئارقىلىق ئۆزىنى باھالايدىغان ئەينەكنى ھەربىر ئۇيغۇرغا سوۋغا قىلماقچى بولدۇم.

    1.   تەبىقە : ئېسىللار. بۇلار:- بۈيۈك ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىدىن پەخىرلىنەلەيدىغان شائىر–يازغۇچىلار، ئۆز خەلقىنىڭ ئېتىقادى، گۇزەل ئەخلاقى-پەزىلىتى ئۈستىدە ئىزلىنىۋاتقان دىنى ئۇستازلار ۋە ئوقۇتقۇچىلاردۇر. چۈنكى بۇلارسىز نۇر چىچىپ تۇرغان گۈزەل ۋەتەننى، شۇنداقلا روھىي ۋە ئەقلى جەھەتتىن تاكامۇللاشقان، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلىپ يىتەلىگەن، ئۆزىنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرى ۋە قەيسەر خاراكتىرى ئارقىلىق باشقا مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئۇلۇغ بىر مىللەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن . بۇلار مىللەتنىڭ مەنىۋىي ئۇمۇرۇتقىسى بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ قەلىب جەھەتتىكى يىقىنلىقى ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىقى، كوللىكىتىپ كىملىكىنى تونۇشى بۇلارسىز مۇمكىن بولمايدۇ .

    2.     تەبىقە : گۈزەللەر تەبىقىسى. بۇلار ئۇيغۇر يىزىللىرىدىكى دېھقانلار ۋە گۈزەل پەزىلەت ھەم بۈيۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان سەنئەتكارلاردۇر. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيتى ۋە گۈزەل مەنىۋىيتىنىڭ رىئاللىقتا ئىپادىلىنىشىدۇر. يىزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىل مەدەنىيتى ۋە ئەنئەنىللىرىنى بىردىنبىر قوغداۋاتقان ۋە بەھرىمان بولۇۋاتقان كىشىلەردۇر. بۈيۈك پەزىلەتكە ئىگە سەنئەتكارلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى بېزىگۈچى، زامانىۋىي ئۇيغۇرچە مەدەنىيەتنى ياراتقۇچىلاردۇر، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ تەشۋىقاتچىللىرىدۇر.

    3.   تەبىقە : تۆھپىكارلار تەبىقىسى. بۇلار غۇرۇرى كۈچلۈك ۋە قىنى ساپ جەسۇر سىياسىئونلار، ھالال ۋە زىرەك سودىگەرلەر ، كارخانچىلاردۇر. بۇلار مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، غۇرۇرنى ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە زىرەك ئەقلى بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ؛ ۋەتەندىكى مولچىلىقنى، روھىيتىمىزدىكى قىممەتلىك يوسۇن ۋە پەزىلەتلىرىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. پەن-تېىخنىكا خادىملىرى، ئىلىكتۇرۇن مۇتەخەسىسىلىرى، دوختۇرلار ۋە تەنتەربىيە ماھىرلىرىنىمۇ مۇشۇ تەبىقىگە تەۋە دىيىشكە بولىدۇ.

    4.     تەبىقە : پاھىشىلەر تەبىقىسى. بۇلار پەس تەبىقە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تېنىنى ساتقۇچىلاردۇر. ئۇلار تېنىنى سىتىپلا قالماي، جەمئىيەتنى چىرىك ۋە چۈشكۈن تەرەپكە يۈزلەندۈرۈدۇ. شۇنداقلا گۈزەل ئائىللەرگە ئىقتىسادى روھىي جەھەتتىن ۋىرۇس يۇقتۇرىدۇ. نۇرغۇن ئائىللەرنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇلار باشقىلار تەرپىدىن دەپسەندە قىلىنىشنى خورلۇق دەپ بىلمەي، ھەتتاكى ئىرىق، مىللەت ئايرىماي ئۆزىنىڭ تىنىنى يالاڭاچلاپ، ناپاك تىنى بىلەن ۋەتەننى بۇلغايدۇ، شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ. ياشلارغا، نارىسىدىلەرگە يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ھەر خىل يامان سۈپەتلىك كىسەللەرنى تىنىدا ساقلاپ تارقىتىپ يۈرىيدۇ.  

    5.     تەبىقە : ھېيىز ( ھەزىلەكلەر ) تەبىقىسى. بۇلار پاھىشىدىنمۇ بىر دەرىجە پەس ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ روھىغا مۇخالىپ يول تۇتۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ئىززەت–ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغان، ئىنسانىيەتكە ئاسىيلىق قىلغان، ھەم تەبىئەتنىڭ قانۇنىيتىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان، ئەر تۇرۇپ پاھىشەلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا رازى بولغان، ئەركەكلەرنىڭ سۆگەللىرىدۇر. بۇلارغا ئاساسەن ھېجىقىزلار، غىتمەك، ئاقچىلار، نەشىكەش-بەڭگىلەر، قىمارۋازلار، ئوغرى-يانجۇقچىلار، بۇلاڭچىلار، زابۇيلار، سولامچى-دەللاللاردىن ئىبارەت شەرمەندىلەر كىرىدۇ. چۈنكى بۇلار  ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس ھايۋانى-نەپسى، كەيپى ۋە پۇل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك سۈرىتىنى، ياشاش سالاھىيتى جەھەتتىن سالاھىيتىنى يوقاتقان گۇرۇھتۇر. جەمئىيەتتە بۇلارغا ئوخشاش مىتىلەر بولغاچقا ئاممىۋى ئادالەتسىزلىك ۋە پاھىشىلەر پەيدا بولغان. بۇلارنىڭ زور كۆپ ساندىكىسى قىز-ئاياللىرىنى  پۇل تىپىشقا زورلاپ ئۆزىنىڭ ئەركەكلىك مەسئۇلىيتىنى ئۇنۇتقان، شۇنىڭ بىلەن پاھىشەلەر مەيدانغا كەلگەن، شۇنداقلا ئايرىم يەرلەردە ھالال- ھارام، دىيانەت ۋە پەسكەشلىك ئايرىلمايدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ قىممەت قارشىغا ئىنتايىن ناچار تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ كوللىكىپ كىملىكىنى ئەمەس، شەخسى مەسئۇلىيتىنىمۇ پۇتۇنلەي ئۇنتۇغان، مۇقىم قىممەت قارشى ۋە ئەقلىدىن ئايرىلغان بىغەرەزلەر بولۇپ، جەمئىيەتكە نىسبەتەن پۈتمەس-تۈگىمەس بالا - قازادۇر. پاھىشىلەر ئۆز تىنىنى ساتسا،  بۇلار پاھىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچى، ئۇلارغا شارائىت ھازىرلىغۇچى ۋە ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئەرلىكى ۋە روھىي ئەركەكلىكىنى ساتقۇچىلاردۇر. شۇڭلاشقا پاھىشىلاردىنمۇ پەس ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار مىللەت، ۋەتەن ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىنىلا ئەمەس، خوتۇن - قىزلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەتلىرىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيتىدىن مەھرۇم بولغان. ئۇلار ئەڭ ئەقىلسىز ھايۋانلارغا (ئەقىللىق ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.) ئوخشاش نوقۇل جىسمانىي ئىھتىياجى ئۈچۈن ياشاۋاتقان ۋەتەننىڭ ماددى بايلىقىنى ئىسراپ قىلىۋاتقان پارىزىتلاردۇر. بۇلارنىڭ ھاياتلىقى مىللەتكە بالا- قازادۇركى، جەمئىيەتكە ھېچقانداق پايدىسى يوق.

    6.     تەبىقە : ئەشەددىي پەسلەر (مەرەزلەر).   نۆۋەتتە بۇ تەبىقىنىڭ چىتىلىش دائىرسى ئىنتايىن كەڭرى ھەم بىر قەدەر تىز تەرەققى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى: مۇناپىقلار، ساتقۇن-خىيانەتچى سىياسىئونلار، خۇشامەتچى، يۇندىخور پاسىقلار، بىرەر قىتىممۇ خەلىقنىڭ تارىنى چەككۈدەك ئەسەر ياكى ئاپتۇر يارىتالمىغان، ئەدەبىياتنى سىياسىنىڭ غالچىسىغا (قۇلىغا) ئايلاندۇرۇپ قويغان نەشىرىياتچى ۋە تەھرىرلەر. يۈرىكىنى ئەمەس كۆتىنى سىلاپ تۇرۇپ ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى - شائىرلار، تەتقىقاتچىلار، سەنئەتكارلار، بالىلارنى ۋەتەننىڭ يۈرىكىنى سىلاپ ئەمەس، ئۆزىنىڭ يوغان قورساقلىرىنى سىلاپ تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە گىلى يوغان موللىلار ۋە باشقا ھەرقايسى ساھەلەردىكى يامانغا يانتاياق بولىدىغان غالچىلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا باللىرىنى ئۆز ئانا تىلىدىن مەھرۇم قىلغان، باللىرىنى ھېچقانداق نىشانسىز تەربىيلەيدىغان، ئۆزىنىڭ ۋېجدانى نىداسىنىڭ ۋارىسى قىلالمايدىغان باققۇچىلار (ئاتا - ئانىلار) دۇر. (ھايۋانلارمۇ پەرزەنىتلىرىنى باقىدۇ) ۋاھالەنكى بۇخىلدىكى ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلىرىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنىڭ سولامچىلىرىدۇر. سىلەر بۇ تەبىقىنى نېمە ئۈچۈن پاھىشە ۋە ھەزىلەكلەردىنمۇ پەس ئورۇنغا قويدۇڭ؟ دەپ سورۇشىىڭلار مۇمكىن. چۈنكى پاھىشە ۋە ھېجىقىزلار ئۆز تىنىنى ۋە خوتۇن-باللىرىنى ساتقۇچىلار بولسا، بۇلار ئۆز ۋەتىنىنى ۋە نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە خەلىقنىڭ روھىيتىنى ۋە قىممەت قارشىنى، شۇنداقلا ئانا تىلنىڭ غۇرۇرىنى ساتقۇچىلاردۇر.

    جەمئىيەتتە مانا مۇشۇنداق <<ئادەم>> لەر بولغاچقىلا، پاھىشە ۋە ھېجىقىزلار تەبىقىسى بارلىققا كەلگەن. جەمئىيەتتە مانا مۇشۇنداق <<ئادەم>> لەر بولغاچقىلا ھەققانىيەت، ئادالەت، گۈزەللىك ۋە غۇرۇر تۇيغۇسىنى يوقاتقان ئادەملەر بارلىققا كەلگەن!! بۇلار كىشىلىك جەمئىيەتتىكى بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي كىسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى. شۇڭلاشقا بۇلار ھازرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئەڭ ئەشەددىي پەس تەبىقىدۇر.

             سۆيۈملۈك تورداشلار! ئوقۇرمەنلەر! بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن، ماڭا پىكىرداش بولدىغانلاردىن تىللايدىغانلار كۆپ چىقىدۇ. بىراق، ھىچقىسى يوق. ئۆزۈڭلار توغىرسىدا سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ياققان بولسا توردىن چۈشۈرۋىلىشىڭلارنى، دوسلىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد  قىلىمەن.

    2010- يىل 7 – دىكابىر.  سەيشەنبە   . خوتەن.

    <<باس-باس مۇنبىرى>> دىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us