• 2010-12-24

    تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر (2) - [تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر]

    سىزنىڭچە ئەدەپ-ئەخلاقلىق كىشىلەر ئززەتلىنىشى، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداقمۇ؟ مېنىڭچىمۇ شۇنداق. ئەدەپ-ئەخلاقلىق كىشىلەر ئەلبەتتە ئىززەتلىنىشى، ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا ئەخلاق ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ گۇزەل ئەخلاقى بىلەن ماختىنىشقا، پەخىرلىنىشكە تامامەن ھوقۇقلۇق. ئەمما بۇ يەردە مۇنداق بىر تەتۈرلۈك باركى، جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەخلاقسىز كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرى، ھايۋان كەبى قىلىقلىرى بىلەنمۇ ماختىنىۋاتىدۇ . پەخىرلىنىۋاتىدۇ.

    مەسىلەن:

    پارخورلار ئۆزلىرىنىڭ پارىخورلىقى بىلەن ماختىنىپ پارا بەرمەيدىغان كىشىلەرنى "ئىش ئۇقمايدۇ" دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ. پارا ئالمايدىغان باشلىقلارنى "قىزىل" دەپ زاڭلىق قىلىشىدۇ. ھەتتا ئادەم توپلاشقان سورۇنلاردىمۇ تەپ تارتماستىن ئۆزلىرىنىڭ "يامان" لىقىنى كۆز-كۆز قىلىشىدۇ.

    خۇشامەتچى، سۇخەنچى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ باشلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىغىنى، "مۇناسىۋەت" ئىلمىنى قانداق ئۈگۈنۈش لازىملىقىنى، باشلىقلارنى قانداق ۋاقىتتا، قانداق يوقلاشنىڭ لازىملىقىنى كوپچىلىككە بىمالال سۆزلەپ، تاپان يالايدىغان، پەس، پاسىقلىق قىلمىشى بىلەن ماختىنىشىدۇ. خۇشامەت قىلمايدىغان، غۇرۇرلۇق كىشىلەرنى بولسا قىلچە كۆزگە ئىلمايدۇ.

    پاھىشىۋازلار ئۆزلىرىنىڭ "سەتەڭ كەلتۇرۇش" ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، نەچچىلىگەن ئاياللارنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەنلىگىنى، بۇ جەھەتتە ئاياللارنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى، 12-13 ياشلىق قىزلار بولسىمۇ بولىۋېرىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھايۋان كەبى قىلىقلىرى بىلەنمۇ ماختىنالايدۇ. بەزىلىرى ئۆزلىرى "ئوينىغان" ئاياللارنىڭ بىگۇنا ئەرلىرىنى تىللاپ بىر قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلاردىن ئاغرىنىشىدۇ- تېخى. ئەكسىچە بۇ جەھەتتە پاك بولغان، ئىستىلى دۇرۇس كىشىلەرنى ياراتمايدۇ.

    بەزى كىشىلەر مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىدا تەنقىتلىگەن ئوقۇتقۇچىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭدىن دەردىنى قانداق ئالغانلىقىنى، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سوزلىشىپ، ئۆز تۇزكورلىقىدىن ماختىنىۋاتىدۇ.

    مۇشتۇمزورلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇشتۇمزورلۇقلىرىدىن ماختىنىۋاتىدۇ.....

    ئالدامچىلارمۇ ئۆز ئالدامچىلىقىدىن ماختىنىۋاتىدۇ........

    قويمىچىلارمۇ، قىمارۋازلارمۇ، خىيانەتچىلەرمۇ، ھارامخورلارمۇ، غەيۋەتخورلارمۇ، پىتنىخورلارمۇ، ئىشقىلىپ ھاكاۋۇر-ھەسەتخورلارمۇ نومۇس قىلىش ئورنىغا، شالىسىنى چېچىپ، جاۋغايلىرى يېرىلغىچە ۋەز ئېيتىپ، ئۆز قىلىقلىرىدىن بىمالال ماختىنىۋاتىدۇ. پەخىرلىنىۋاتىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us