• 2010-08-07

    مەن بلوگىمنى قانداق قۇرۇپ چىقتىم - [بلوگ ھەققىدە]

    يېقىندا تور كورىۋېتىپ 2007 يىلى ئالغان بىر ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇغۇمنىڭ بارلىغى ئېسىمگە كەلدى. ئېچىپ قارىسام.شۇ ۋاقىتتا ماڭا بىر خەت ساندۇغى بىرىش بىلەن بىرگە 163 نامىدا بىردانە بىلوگمۇ بەرگەن ئىكەن.  بۇنى كورۇپ قانداق قىلىشنى بىلمەي شۇ پېتى تاشلاپ قويدۇم. بىر كۈن تۇردى، ئىككى كۈن تۈردى. كۇنلەر ئۆتىۋەردى. بلوگمۇ تۇرىۋەردى. ئون-يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، كاللامغا "توختا بۇنداق تۇرىۋەرسىمۇ بولماس، بۇنى بىر ماڭدۇرۇپ باقمايمەنمۇ." دىگەن خىيال كېلىپ قالدى. لېكىن ۋاڭيى 163 بىلوگ سۇپىسىنىڭ ئارقا بەتكە كىرەلمىدىم. بۇنداق بولغاندا بۇ بىلوگنى خەنزۇچە ماڭدۇرماقتىن بىلەك چارە يوق ئىدى. مەن يا خەنزۇچە ئۇقمىسام، يا بىلوگ ئۇقمىسام، يا ئۇستازىم بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ بىلوگنى قانداق ماڭدۇرىمەن؟

    ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى رەسىم يوللاش ئۇسۇلىنى تاللىدىم. رەسىم ئارقىلىق ئۆز يۇرتۇمنىڭ خىلمۇ -خىل تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرەي دىدىم. بۇنداق بولغاندا خەنزۇچە بىلىشىمنىڭمۇ جىق ھاجىتى قالمايتتى. شۇنداق قىلىپ 玉郎 ( http://obul2007.blog.163.com ) دىگەن ئىسىمدا بىر بىلوگ ماڭدۇرۇپ كۆرۈپ باقتىم. بۇ بىلوگ زادى ياخشى بولدىمۇ، ياكى ياخشى ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا بىر نىمە دىگۈچىلىك سەۋىيەنى تېخىچە ھازىرلاپ بولالمىدىم. قالغىنىغا كوپچىلىك بىرنىمە دىسەڭلار، بولسا كوپرەك تەنقىدى پىكىر بەرسەڭلار مەن شۇنىڭغا خوش.

    گىپىمىزگە كەلسەك، ئادەم دىگەن ئەزەلدىن قانائەتسىز كېلىدىكەن. ئەندى ئۇيغۇرچە بىر بىلوگىم بولسا دەيدىغان يەنە بىر ئارزۇ تۇغۇلۇپ قالدى.

    يا خەنچە ئۇقمايمەن، يا بىلوگ ئۇقمايمەن، يا كود ئۇقمايمەن، يا ئۇستاز يوق. مېنىڭمۇ بىر بىلوگىم بولسىكەن دەيدىغان ئارزۇ-ئۈمۈدۈملا بار . لېكىن قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋاز كېچىش-ۋاز كەچمەسلىك ئوتتۇرۇسىدا نۇرغۇن ئىككىلىنىش، قىينىلىش باسقۇچلىرىنى بېشىمدىن كەچۈرگەندىن كېيىن قەتئى قۇرۇپ چىقىش قارارىغا كەلدىم. بۇجەرياندا مەن:

    1.          تارىم بىلوگى، بىزنىڭ بىلوگ، دۇنيا قارا بىلوگى، تەكلىماكان بىلوگى، ئورخۇن بىلوگى ۋە يۇكسەل بىلوگىدىكى بارلىق يازمىلارنى ئوقۇپ چىقتىم.

    2.          BLOGBUS سۇپىسىدىن ئىلتىماس قىلىپ "قارابەگ" نامىدا بىر بلوگ ئالدىم. ۋە ئۇ يەر، بۇيەرلىرىنى تاتلاپ يۈرۈپ، ئارقا بەتكە كىرىشنى، ۋە ئۇنىڭ بەزى-بىر ئىقتىدارلىرىنى ئۈگەندىم.

    3.          تارىم ئەپەندى تەۋسىيە قىلغان ONKYO نۇسخىسىنى چۈشۈردۈم. 6 خىل كودنى كۆرسەتمىدىكىدەك چاپلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىلوگ پۇتۇنلەي ئۇيغۇرچە بولدى دەپ ئويلاپ باش بەتنى ئاچسام يەنىلام ئاساسى قىسمى خەنچە تۇرىدۇ. بېشىم يەنە قاتتى.

    4.          يەنە ئۇ يەر،بۇ يېرىنى تاتلاپ 模板 دىگەن يەردىن 首页布局设置 دىگەن خەتنى تاپتىم-دە باستىم. چىققان كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قاتار خەتنىڭ 编辑 دىگەن خەتتىن چىققان خەتلەرنى تەرجىمە قىلدىم. باش بەتكە كىرسەم بىلوگىم تامامەن ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ بوپتۇ. ( لېكىن ئاز بولسىمۇ، بەزى-بىر نۇقسانلار يەنىلام بار ئەلبەتتە.)

    5 .          ئورخۇن بىلوگى (2008- يىللاردىكى نۇسخىسى) نى زيارەت قىلىۋېتىپ بىردىنلا چارچىغانلىغىمنى ھىس قىلدىم. سائەتكە قارىسام كېچە سائەت 3.23 بوپتۇ. ئورخۇن ئۇسلۇبى ماڭا بەك يارىغان بولغاچقا ساقلايمەن دەپ ھارغىنلىقتا 另存为 قىلىپ يېتىپ قاپتىمەن. ئاتىسى قارىسام ساقلىغان يېرىمدە تور بەتتىن باشقا بىر ھۆججەت قىسقۇچ تۇرۇپتۇ. ئېچىپ قارىسام نۇرغۇن ھۆججەتلەر بار ئىكەن ئارىسىدا بىر خاتىرە دەپتەر ھۆججىتى بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى كودنى بىلوگىمنىڭ css ھۆججىتىگە ئاپىرىپ چاپلىدىم. مانا شۇنىڭ بىلەن مۆجىزە يۈز بەردى. ئالدىمدا ONKYO ئەمەس، ئورخۇن نۇسخىسى نامايان بولدى.

    ( بۇ جەرياندا تەكرار سىناق، قارغۇلارچە ھەركەتلەر، قايتا-قايتا مەغلۇپ بولۇش.... قاتارلىق جەريانلار ئاز بولمىدى ئەلبەتتە)

    شۇنداق قىلىپ جىجاپ-سىزىپ، تىماپ-تاتلاپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپالىقتا قارابەگ بىلوگىنى قۇرۇپ چىقتىم لېكىن يەنە مەن قىلىشقا تىگىشلىك ۋە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر مېنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

     مەن ئالدى بىلەن مۇشۇ پۇرسەتتە تارىم بىلوگى، بىزنىڭ بىلوگ، دۇنيا قارا بىلوگى، تەكلىماكان بىلوگى، ئورخۇن بىلوگى ۋە يۇكسەل بىلوگىنى قۇرۇپ چىققان بىلوگگىر قېرىنداشلارغا كۆپتىن–كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن! ۋە سىلەرنىڭ نامىڭىزلار، ھۆقۇقىڭىزلار، ئىززەت ھۆرمىتىڭىزلارغا دەخلى تەرۈز يەتكۈزۈپ قويغان بولسام سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن !
    ھە راست بۇجەرياندا مەن ئورخۇن بىلوگىنىڭ 2008- يىللاردىكى نۇسخىسىنىڭ css ھۆججىتىنى ئورخۇن ئەپەندىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئىشلەتتىم. بۇ جەھەتتىن ئورخۇن ئەپەندىدىن سەمىمىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن !
    ئاخىرىدا بىلوگىمنى زىيارەت قىلىپ ماڭا يېقىندىن ياردەم قىلىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن


    收藏到:Del.icio.us