• 2010-08-02

    رۇبائىلار - [ئەدەبىيات]

    ئادەم ئۇ چۆللەرنى بوستان ياراتقان،

    ئادەم ئۇ تاغلارنى تالقان ياراتقان.

    شۇڭلاشقا ئادەمنى بوزەك ئەتمىگىن،

    شۇ بوزەك ئادەمنى ئاللا ياراتقان.

     

    ياغاچلار ئاللاغا ھال ئېيتىپ كەپتۇ،

    (تۆمۈرلەر ياغاچنى جىق كەستى دەپتۇ.)

    ئاللامۇ ياغاچنىڭ غېمىنى يەپتۇ.

    "تومۈرگە ياغاچتىن دەستە بەرمىسەڭ،

    تۆمۈرلەر ياغاچنى كېسەلمەس" دەپتۇ

     

    ئى ئاللا ئېيتقىنا، جاۋاپ بەرگىن سەن،

    بۇ نىجىس دۇنياغا نىم دەپ تۇغۇلدۇم؟

    ئاران بىر تۇغۇلغان كۆرگەن كۈنۈمدە،

    باشقىلار قولىغا نىم دەپ تۇتۇلدۇم؟

     

    پۇقراغا ئۆزەڭنى خاندەك چاغلايسەن،

    باشلىقنىڭ ئالدىدا قۇلدەك ئېغنايسەن.

    ئاللانىڭ بەندىسىگە ئادىل بولمىساڭ،

    ئاخىرقى سوراقتا نىمدەپ يىغلايسەن؟

     


    收藏到:Del.icio.us