• سىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان<<ئالما دەرىخى>> - [رەسىملەر دۇنياسى]

    سىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان<<ئالما دەرىخى>>

     

    بىر تۈپ ئالما دەرىخى بار ئىكەن...

    ئۇ بىر بالىغا بەك ئامراق ئىكەن، ئوغۇل بالا ھەر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىدىكەن.

    ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يىغىپ، يوپۇرماقتىن تاج ياساپ، ئورمان پادىشاھى سىياقىدا ياسىنىدىكەن.

     بالا دەرەخ غولىغا يامىشىپ چىقىدىكەن.

    دەرەخنىڭ شاخلىرىغا ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچىدىكەن.
    ئالمىلارنى يەيدىكەن.
    ئۇلار بىرلىكتە مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئوينايدىكەن.
    ئويناپ ھارغاندا  بالا بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا ئۇخلايدىكەن.
     بالا بۇ دەرەخنى بەك... بەك ياخشى كۆرىدىكەن، دەرەخ ناھايىتى خۇشال ئىكەن.
    كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈپتۇ.
     بالا چوڭ بولۇپتۇ.
    دەرەخ دائىم يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
    بىر كۈنى  بالا دەرەخ تۈۋىگە كەپتۇ. دەرەخ:
    -كەل بالام، كەل، غولۇمغا ياماش، شاخلىرىمغا ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچ، ئالمىلاردىن يە، سايەمدە خۇشال-خورام ئوينا!،- دەپتۇ.
    -مەن ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، دەرەخكە يامىشىپ ئوينىمايمەن،- دەپتۇ  بالا،- مەن بىر نەرسە سېتىۋېلىپ ئوينايمەن، ماڭا پۇل كېرەك، بىر ئاز پۇل بېرەلەمسەن؟
    -ھەقىقەتەن خىجىلمەن،- دەپتۇ دەرەخ،- مەندە پۇل يوق، پەقەت يوپۇرماق ۋە ئالمىلىرىملا بار. بالام، ئالمىلىرىمنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ ساتقىن. شۇنداق قىلساڭ پۇلۇڭ بار بولىدۇ، خۇشال-خۇرام ئۆتىسەن،- دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل بالا دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ ئالمىلارنى ئۈزۈپ، بىرنىمۇ قالدۇرماي ئېلىپ كېتىپتۇ. دەرەخ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ.
     بالا ئۇزاققىچە قايتىپ كەلمەپتۇ... دەرەخنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپتۇ.
    بىر كۈنى  بالا قايتىپ كەپتۇ، دەرەخ خۇشال بولغىنىدىن تىترەپ كېتىپتۇ، ئۇ:
    -كەل! بالام، غولۇمغا ياماش، شاخلىرىمغا ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچ، شادلان،- دەپتۇ.
    -مەن بەك ئالدىراش، دەرەخكە ياماشقۇدەك ۋاقتىم يوق،- دەپتۇ  بالا،- مەن ئىسسىق بىر ئېغىز ئۆيۈم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، مېنىڭ خوتۇن-بالىلىق بولغۇم بار، شۇڭا مەن بىر ئېغىز ئۆيگە ئېھتىياجلىق. ماڭا بىر ئېغىز ئۆي بېرەلەمسەن؟
    -مېنىڭ ئۆيۈم يوق،- دەپتۇ دەرەخ،- ئورمانلىق مېنىڭ ئۆيۈم. بىراق سەن شاخلىرىمنى كېسىپ ئاپىرىپ ئۆي سالساڭ بولىدۇ، شۇنداق قىلساڭ خۇشال-خۇرام ئۆتىسەن.
    شۇنىڭ بىلەن بالا دەرەخنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ، ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىپتۇ.
    دەرەخ بۇرۇنقىدەكلا ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ.
    ئەمما بالا شۇ كەتكەنچە ئۇزاققىچە قايتىپ كەلمەپتۇ. شۇڭا بالا يەنە بىر قېتىم كەلگەندە دەرەخ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ، خۇشاللىقىدىن ئاغزى گەپكە كەلمەي قاپتۇ:
    -كەل! بالام،- دەپتۇ ئۇ ئاستاغىنا،- كەل، ئوينىۋال!
    مەن قېرىپ كەتتىم ھەم كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ، ئوينىغۇدەك ماجالىم يوق،- دەپتۇ بالا ،- بىر كېمەم بولسا، ئۇنىڭ بىلەن يىراقلارغا كەتسەم، دەيمەن. ماڭا بىر كېمە بېرەلەمسەن؟
    -مېنىڭ غولۇمنى كېسىپ ئاپىرىپ كېمە ياسا،- دەپتۇ دەرەخ،- شۇ چاغدا يىراقلارغا سەپەر قىلالايسەن، خۇشال بولىسەن.
    شۇنىڭ بىلەن بالا دەرەخنىڭ غولىنى كېسىپ بىر كېمە ياساپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ كېتىپ قاپتۇ.
    دەرەخ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ...، لېكىن بۇ قېتىمقىسى ھەقىقىي خۇشاللىق ئەمەس ئىكەن.
    ناھايىتىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ، ھېلىقى بالا يەنە قايتىپ كەپتۇ.
    -بەك خىجىلمەن، بالام،- دەپتۇ دەرەخ،- ساڭا بەرگۈدەك ھېچنەرسەم قالمىدى. ئالمىلىرىم تۈگىدى.
    -بۇ چىشلىرىم بىلەن ئالما يېيەلمەيمەن.
    -شاخلىرىم يوق، ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچالمايدىغان بولدۇڭ.
    -مەن بەك قېرىپ كەتتىم، ئىلەڭگۈچ ئۇچالمايمەن،- دەپتۇ بالا .
    -غولۇم يوق،-دەپتۇ دەرەخ،- يامىشالمايدىغان بولدۇڭ...
    -مەن بەك چارچاپ كەتتىم، ياماشقۇدەك ماجالىم يوق،- دەپتۇ بالا .
    -بەك خىجىلمەن،- دەرەخ ئۇھ تارتىپتۇ،- مېنىڭ راستتىنلا ساڭا بىرەر نەرسە بەرگۈم بار ئىدى... بىراق مۇشۇ قېرى يىلتىزىمدىن باشقا ھېچنېمەم قالمىدى. مېنى كەچۈر...
    -ماڭا ھازىر كۆپ نەرسە كېرەك ئەمەس،- دەپتۇ بالا ،- پەقەت جىمجىت، ئولتۇرۇپ ئارام ئالغىدەك جاي بولسىلا بولدى، مەن بەك ھېرىپ كەتتىم.
    -بولىدۇ،- دەرەخ شۇنداق دېگەچ قەددىنى رۇسلاپتۇ،- ئوبدان گەپ، قىرى يىلتىز ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەل، بالام، ئولتۇر، ئولتۇرۇپ ئارام ئال.
    بالا ئولتۇرۇپتۇ، دەرەخ خۇشاللىققا چۆمۈپتۇ.
    بىر تۈپ دەرەخ بار،
    باھاردا ئۇنىڭغا يۆلىنىپ خىيال سۈرىمىز؛
    يازدا ئۇنىڭغا تايىنىپ باراقسانلايمىز؛
    كۈزدە ئۇنىڭغا تايىنىپ پىشىپ يېتىلىمىز؛
    قىشتا ئۇنىڭغا يۆلىنىپ چوڭقۇر ئويغا چۆمىمىز؛
    بۇ دەرەخ--- ئاتا-ئانا.
     بارلىق ئاتا-ئانىلار سالامەت، تىنچ-ئامان بولسۇن!




    评论

  • تېگى بار ھېكايىكەن ، نېمە دىگەن پەلسەپىۋىلىككە تويۇنغان -ھە؟!
  • تولىمۇ تەسىرلەندىم، مۇشۇ ئەسەرنى يازغان توردىشىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن........!!!!!!!!!!
  • راس كۆڭلۇم بىرقىسىم بولۇپ قالدى . بىزمۇ زە.. ئىلىشنىلا بىلىمىز ، بىرىشنى بۈلمەيمىز ....
  • تەسىرلىككەن ~~~