ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلۇشۇش
يوللانغان ۋاقتى : 2011.10.26ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 15 viewsئىنكاس سانى : 0
ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلۇشۇش
ئەركىن سىدىق
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلۇشۇش
ئەركىن سىدىق
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
بەلكىم سىز يىپلىق ئاياغ كىيىدىغانسىز ، ياكى بولمىسا كىيىپ باققانسىز بەلكىم كىيىپمۇ قېلىشىڭىىز مۇمكىن ، شۇنداق چاغلاردا ئايىغىڭىزنىڭ يىڭى تولا ھالدا يىشىلىپ كېتىپ سىزنى بىزار قىلىپ قۇيىشى مۇمكىن ، ئەمدى ئۇنداق بولماسلىقىغا مەن كاپالەتلىك قىلىمەن ، سىزگە بىر ئۇسۇلنى كۆرسىتىمەن ، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئايىغىڭىزنىڭ يىپىنى چىگىپ كۆرۈپ بېقىڭ ، بەلكىم بۇ ئامال سىزگە ئەز قېتىپ قېلىشى مۇمكىن ، تەنھەرىكەت ئاياغلىرىنى كىيگەن چېغىڭىزغا مۇشۇ ئۇسۇللارنىڭ بىرسىنى قوللىنىپ ئايىغىڭىزنىڭ يىپىنى چىگىۋالسىڭىز – دە مانا كارامەت ، ھەممە سىزگە ، پۇتىڭىزغا قاراپ ( كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى پۇتىغا ، دوستى بېشىغا قارارمىش) سىزنىڭ تالانتىڭىزغا ھەيران قېلىشى مۇمكىن ، قانداق كارامەتتۇ كۆرۈپ باقايلى : ئۇنداق بولسا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدە بولسۇن ؛
ئۆزەم نۇرقۇت تورىنىڭ دائىملىق ئوقۇرمىنى شۇنداقلا نۇرقۇت تورىدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشكۈچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن نۇرقۇت تورىنىڭ قۇرىغۇچىسى ، بېكەت باشلىقىنى ئالاھىدە ھۆرمەتتە كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ، بۈگۈن بلوگ ئارلاۋېتىپ ، خالاستان بلوگىدىن تۇيۇقسىز بۇ تېمىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم – دە ، بۇ خۇشاللىنارلىق خەۋەردىن بارچە دوستلارنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن خالاستان بلوگىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپلار بلوگىمدا ئېلان قىلدىم ، خالاستان بلوگ ئاپتۇرىنىڭ بۇ قىلمىشىمنى ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن . قېنى ئەمسە تورداشلار بىرلىكتە بەھىرلەنسە ھەمدە شۇ بۇرادىرمىز ھەم دوستىمىز FinalDream ئەپەندىنىڭ كېينكى ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار تىلىسەك . تۆۋەندىكى خالاستان بلوگىدىن كەلتۈرۈلگەن يازما :
ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى (نۇرقۇت دۇنياسى ياش ماتىماتېك FinalDream ۋە يىتۈك پىروگراممېر Uyson تەرىپىدىن قۇرۇلغان) FinalDream ئەپەندىنىڭ نۇرقۇت دۇنياسى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن چىقارغان ھەسسىسىگە گۇمان كەتمەيدۇ!
ئۇيغۇلاردا تور بېكەت قۇرۇپ باققانلا ئادەم نۇرقۇت دۇنياسىنى بىلگەندەك، مۇنبەر قۇرۇپ باققان ھەر بىر ئادەم Discuz نى ھەقسىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتۈرگەن FinalDream ئەپەندى ۋە ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان Uyson ئەپەندىنى بىلىدۇ.
ئەمدى گەپنى يۇقاردا ئېنگىلىزچە ئاتىلىۋاتقان بۇرادىرىمىز FinalDream (ئەبەيدۇللا) ھەققىدە ئاڭلىساق.
بۇ تىرىشچان، ئەقىللىق ساۋاقدىشىم، بىزنىڭ ياخشى ياردەمچى، ئۇستاز سۈپەت بۇرادىرىمىز ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن يەنە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشپ، ئىتالىيەدىكى نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كومپيۇتېر كەسپىي بويىچە ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن كىردى. بۈگۈنكى كۈندە مانا ئىتالىيە تۇپرىقىدا ھىجرەت تەييارلىقلىرى بىلەن.
قىرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي، ئىسلامىي، ئادىمىي بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىدىغانلىقىغا شۇنداقلا كەلگۈسىدە بىز ئۇيغۇرلار پەخىرلەنگۈدەك كومپىيۇتېر خادىمى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىغا زور ئىشەنچ باغلاپ ئۇشبۇ تەبرىك يازمىسىنى يېزىۋاتىمەن.
ئاق يول بولسۇن، ساۋاقدىشىم! ھاياتتا ھەممە ئادەم بىزنىڭ قانچىلىك ئۇچالىغانلىىقىمىزغا قارايدىكەن، ھىچكىم قانچىلىك ھارغانلىقىمىزغا قارىمايدىكەن، ھارمىغايسەن! ئامان- ئىسەنلىك، خۇشاللىق، ئۈمۈدلۈك مىنۇتلار بىزگە يار بولسۇن!
ئاخىردا نۇرقۇت ئەھلىگە ۋاكالىتەن بۇرۇنقى نەتىجىلىرىڭگە رەھمەت ئىېيتىمەن، كىيىنكى تۇرمۇشۇڭغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن! تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ يازما كۆرەلەيسىز.
ستىۋى جوبز ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق تالانت ئىگىسى، مۇنەۋۋەر رەھبەر، قابىل باشقۇرغۇچى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى، تەپەككۇرى ۋە ئىجادىي تەسەۋۋۇرى بىلەن بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا بازارغا سېلىنغان ھەربىر مەھسۇلات جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە كىشىلەرنىڭ تالىشىپ سېتىۋالىدىغان ئەتىۋارلىق بۇيۇمىغا ئايلاندى. دېمەك، ئۇ جاھان تارىخىغا مەڭگۈ ئۆچمەس بىر نۇرلۇق ئىز سېلىپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ ئىزنالىرى يەنە نەچچە كىشىلىرىگىمۇ زور تەسىرى كۆرسىتىدۇ.
يىڭى ئىنكاسلار
بۇ ئۇسلۇبىڭىز پاكىز چىقىپتۇ. خال »
Post:2011-10-23 19:09:39بۇ ئۇسلۇبىڭىزمۇ قالتىسكەنغۇ، ئۆز »
Post:2011-10-17 19:31:42مۇنۇ ئۇسسۇل مۇ ياخشىمۇ قانداق،مە »
Post:2011-10-11 12:11:57مۇنداق ئىشلار بولۇپ كەتتى دەڭ ! »
Post:2011-10-09 06:37:48بلوگىڭىز نورمال ئۇلىنىشقا كىرمىد »
Post:2011-10-04 09:51:30بلوگىڭىز دوستانە ئۇلانمىغا قېتىل »
Post:2011-10-03 01:23:35قايىل بولمىدىم، قۇلاقنى كىسىڭە :lol:
Post:2011-09-18 17:48:38ئەلشات ئۇسلۇب بلوگىدا تارقاتقان »
Post:2011-09-16 18:32:19