ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى

2011-يىلى05-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردىداغىستان جۇمھۇرىيىتىدە بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆزنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 ئادەم ئۆلگەن، 1 ئادەم يارىدار بولغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، روسىيە ئەمەلدارىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ساقچى خادىمى داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ماھاچكالادا ھۆججەت تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم قوزغىغۇچى بەدىنىگە تېڭىلغان پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلاتقان، بىر ساقچى ئۆلگەن، ئاز دېگەندە بىر ئادەم يارىدار بولغان.
دەسلەپكى خەۋەرلەردە بىر قېتىملىق ماشىنا بومبا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دېيىلگەن. ئەمما ساقچى تەرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېردىكى بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
نۆۋەتتە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!