جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئاپرېل خەۋىرى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10 يىل ئىلگىرى، پاكىستان ئامېرىكا بىلەن مەخپىي كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ: ئەگە پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە بىن لادىن ۋە يېقىنلىرىنى بايقىسا، ئامېرىكا ئارمىيىسى پاكىستان ئىچىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلسا بولىدىكەن.
بۇ مەخپىي كېلىشىم 2001-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى بوش ۋە پاكىستاننىڭ سابىق پىرىزدېنتى پەرۋاز مۇشەررەف بىن لادىن ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى تاشلىق رايوندىن قېچىپ كەتكەندە ئىمزالىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر كېلىشىم 2005-يىلى مۇشەررەف تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن رەسىمىي ماقۇللانغان.
پاكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدار ئەترىتىنىڭ ھەرىكىتىنى ھېچنىمىنى بىلمەيمىز دەپ ئىزچىل دەپ كېلىۋاتىدۇ، پاكىستان باش مىنىستىرى رازا گىلانى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىنى قايتا-قايتا ئەيىبلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ قايتا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتى قىلىشىغا قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مەخپىي كېلىشىمدە ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا بىن لادىننى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىغا قوشۇلغان، كېىن ئامېرىكا-پاكىستان ئىككى تەرەپ مەخپىي كېلىشىم ئىشىدا ھەرگىز ئېغىز ئاچمىغان ھەمدە پاكىستاننىڭ قارىماققا قانۇنسىز بولغان ئامېرىكىنىڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان.
ئامېرىكىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى بۇش بىلەن مۇشەررەف ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن بىن لادىنغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىشىكە ئالاقىدار كېلىشىم بارلىقىنى ئېيتقان، پاكىستان بىن لادىنغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، ئەمما بىرلا ۋاقىتتا ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى توسمىغان. پاكىستاننىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى بۇ كېلىشىمنىڭ مەۋجۇتلىقىغا سۈكۈت قىلغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!