جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ماي خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئىراق باغداد تۈرمىسىدە 5-ئاينىڭ 8-كۈنى توپىلاڭ يۈز بېرىپ، 6 نەپەر ساقچى ۋە 10 نەپەر مەھبۇس ئۆلگەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 10-ئايدا چېركاۋ قانلىق دېلوسىغا قاتناشقان قوراللىق جىنايەتچى باداۋى 8-ماي سوراق قىلىنغاندا، بىر ساقچىنىڭ قورالىنى تارتىۋالغان ھەمدە تۈرمىدە توپىلاڭ كۆتۈرگەن. ۋەقەدە 6 ساقچى ئۆلگەن، باداۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەپەر توپىلاڭچى ئېتىپ تاشلانغان.
باداۋى ئەل قائىدنىڭ باغداد رايونىدىكى رەھبىرى دەپ بېكىتىلگەن، ئۇ بۇلتۇر 10-ئايدا قولغا ئېلىنغان.
باداۋى سوراق جەريانىدا بىر ساقچىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن تۈرمىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. يەرلىك ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنى ئەمەلدارى بىلدۈرۈشىچە، باداۋى ۋە 10 نەپەر مەھبۇس باستۇرۇلۇش جەريانىدا ئېتىپ تاشلانغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!