فۇجى تېغىنىڭ 2010–يىلى 2–فېۋرال بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى
26–مارت ، ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى مۇنداق دېدى : 11–مارت يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، فۇجى تېغى قاتارلىق ھەرىكەتتىكى 13 يانارتاغنىڭ ھەرىكىتى كۈچەيدى ، بۇنىڭغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك . مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ كۆزىتىش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا يېقىن بولغان فۇجى تېغى ۋە شىرانې تېغى ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئاسو تېغى ، شۇنداقلا ئىزۇ خانتو قاتارلىق 13 جايدىكى ھەرىكەتتىكى يانارتاغدا كۈچلۈك يانارتاغ ھەرىكىتى كۆرۈلگەن . كۆپلىگەن يانارتاغلارنىڭ ھەرىكىتى بىر مەزگىل ئاجىزلاپ ، يېقىنقى بىر قانچە كۈندە يەنە كۈچەيگەن، شۇڭا بۇندىن كېيىنكى بىر–ئىككى ئايدا ھوشيارلىقنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك ئىكەن .
فۇجى تېغىنىڭ 1–يانۋار تارتىلغان سۈرىتى
فۇجى تېغىنىڭ 8–يانۋار ياپونىيە پايتەختى توكيودىن تارتىلغان سۈرىتى