ئىز تورى بەك ياخشى
ئىز تورى www.iz.la
www.iz.la
A
تىپلىق تارقىلىشچان زوكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
1- قېتىق : قېتىقنىڭ تەركىبىدىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەر ئۈچەي يولىنى قوغدايدۇ ،كېسەللىك مىكروبى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2 -تاتلىق بەرەڭگە: تاتلىق بەرەڭگە (خۇڭشۇ) تىرىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.تىرە ئادەم بەدىنىنىڭ مىكرۇبقا ،ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتىكى تۇنجى توسۇق .ۋىتامىن A تىرە توقۇلمىللىرىنى بىرىكتۈرۈش جەريانىدا موھىم رول ئوينايدۇ .ۋىتامىن A نى تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى يېمەكلىكتىن كارتىن قوبۇل قىلىش ،تاتلىق بەرەڭگىنىڭ تەركىبىدە كارتىن ناھايتى مول بولۇپ ،ئىسىقلىق مىقدارىمۇ تۆۋەن .
3 -چاي: تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە ،ئۇدا ئىككى ھەپتە ھەر كۈنى بەش ئىستىكان قىزىل چاي ئىچىپ بەرگەن كىشىنىڭ بەدىنىدە ۋىروسقا قارىشى تۇرىدىغان ئىنتېرفېرون شەكىللىنىدىكەن ،ئۇنىڭ مىقدارى چاي ئىچمەيدىغانلارنىڭ بەدىنىكىنىڭ 10 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن،بۇخىل يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇىدىغان ئاقسىل ئادەم بەدىنىنىڭ تارقىلىشچان زوكامغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ،يارا ئېغىزى يۇقۇملىنىش ،بېرى – بېرى كېسىلى ،ئۆپكە تىبىركىلىيۇز كېسىلى ۋە بەزگەكنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئالىدۇ .
4 -توخۇ شورپىسى: توخۇ گۆشىنى شورپا قىلىپ قايناتقاندا پەيدا بولىدىغان
سىستېئىن كاناي ياللۇغىنى داۋالايدىغان دورا ئاتسېتىل سىستېئىنغا ئوخشاپ كېتىدۇ،تۇزلۇقراق توخۇ شورپىسى بەلغەم كۆپ بولۇش كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ،چۈنكى توخۇشورپىسىنىڭ تەركىبى يۆتەل دورىسىنىڭ تەركىبى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ،توخۇ شورپىسىنى قايناتقاندا ،ئازراق پىياز ۋە سامساق سېلىۋتسە ،ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ .
5-گۈمبەمەدەك: گۈمبەمەدەك (موگۇ) ئاق قان ھۆجەيرىلىرىنى جانلاندۇرۇپ ،يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرىدۇ .ئاق قان ھۆجەيرىللىرىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە ھەركىتىنى تىزلىتىپ ،بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
6 -سامساق: مەلۇم بولۇشىچە ،سامساق ئىستىمال قىلغاندا،زوكام بولۇش نىسبىتىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىم تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن .سامساقنى دائىم چايناپ بەرسە ،بوغماق ئۈچەي راكىغا ۋە ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن .شۇڭا ھەر كۈنى ئىككى باش سامساقنى خام تەپ بېرىش ،تاماق ئەتكەندە سامساق سېلىش كېرەك ئىكەن .
ئەمگەك قىلغاندا بەلۋاغنى چىڭ باغلىۋەتمەڭ
www.iz.la
كۆپىنچە كىشىلەر ئەمگەك قىلغاندا بەلۋاغنى ھەددىدىن ئارتۇق چىڭ باغلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە مۇشۇنداق ئىشلىگەندە ئادەمنىڭ غەيرىتى ئاشىدۇ،دەپ قارايدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلەش ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا،سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ.
تېنى ئاجىزلار بەلۋاغنى ھەددىدىن ئارتۇق چىڭ باغلىۋالسا ،قورساقنىڭ قان تومۇرلىرى سىقىلىپ،قاننىڭ نۇرمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .
بەلۋاغنى چىڭ باغلىغاندا،چوڭ ئۈچەينىڭ قان تومۇرلىرى بېسىمغا ئۇچراپ ،كۆپلىگەن قان يىغىلىپ قالىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن قان تىقىلىپ قېلىپ مەقئەتتە نۇرغۇن كىچىك قىزىل مۇنچاقلار تومپىيىپ چىقىپ ،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بۇۋاسىر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم سوڭ چىقىپ قالىدۇ .بەلۋاغنى ھەددىدىن ئارتۇق چىڭ باغلىغاندا كىچىك ئۈچەيدە گازلىق سانجىق پەيدا قىلىپ،ئۈچەي،ئاشقازاننى بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىششىنى پەيدا قىلىدۇ .شۇڭا ئەمگەك قىلغاندا بەلۋاغنى ھەددىدىن ئارتۇق چىڭ باغلىۋەتمەڭ
ئاياللارنىڭ دوستى - گىلاس
copyright by www.iz.la
گىلاس شەربىتىنى يۈز ۋە قورۇق چۈشكەن جايلارغا سۈرۈپ بەرسە،يۈز تىرىسىنى يۇمرانلاشتۇرغىلى ،قىزارتقىلى ۋە قوروق،داغلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
ئىز تورى www.iz.la
گىلاس ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ ئېسىل دورىسى ،50-30گىرام گىلاس يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ ،سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ،مىجەزنى تەڭشەش ،قاننى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
100 گىرام گىلاس بىلەن 30گىرام قارا شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ ،قىزىقىدا ئىچىپ بەرسە ،رىماتىزىملىق بەل ئاغرىقى،پۇت – قول ئۇيۇشۇش ،پالەچ كېسەللىلكلىرىنى قوشۇمچە داۋالىغىلى بولىدۇ.گىلاس يوپۇرمىقىنىڭ ئاشقازاننى ئىللىتىش ،قان توختىتىش ،قىزىتمىنى ياندۇرۇش رولى بار.
تۇرمۇشتا ........
تىزگىنەكتىكى باتارىيە تۈگىگەندە ،باتارىيەنى شامالدۇرغۇچتا بەش مىنۇت شامالدىتىپ ،تىزگىنەككە سالسا يەنە ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
توخۇمنى سوغۇق سۇغا چىلىغاندا ئەگەر توغرىسىغا تۈز تۇرسا ،توخۇمنىڭ ئىنتايىن يېڭىلىغىنى ،ئەگەر قىيپاش تۇرسا ،3كۈندىن5 كۈنگىچە ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ،تىك تۇرسا 10كۈندىن ئارتۇق ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ،ئەگەر سۇدا لەيلىسە ،سۇپېتى ئۆزگۈرۈپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە :پاشا يوقۇتۇش مەھسۇلاتىنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ زەھەر تەركىبى بار ئىكەن ،ماركىسى ئوخشىمايدىغان پاشا قوغلاش ئىسرىقىنىڭمۇ ،تەركىبى ئوخشىمايدىكەن ،دائىم ئوخشىمايدىغان ماركىدىكى پاشا قوغلاش ئىسرىقىنى ئىشلەتكەندە ،ئوخشاش ماددىنىڭ ئۇزاققىچە سۈمۈرلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەركەت قىلغاندا تەر چىقمىسا ھەركەتنى توختىۋىتىڭ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نورمال ئەھۋالدا ھەركەت قانچە كۈچلۈك بولسا ،چىقىدىغان تەرمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ ،لېكىن ھەركەت قىلغاندا چىقدىغان تەرنىڭ ئاز – كۆپلىگى ئادەمگە قاراپ بولىدۇ ،ھەركەتتىن بۇرۇن ئىچكەن سۇنىڭ قانچە بولىشى چىقىدىغان تەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئەگەر ھەركەتتىن ئىلگىرى كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىلسە ،بەدەندىكى سۇيۇقلۇق كۆپىيىپ تەرنى كۆپەيتىۋىتىدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا شۇكىشىنىڭ بەدەن ساپاسىغىمۇ قاراش كېرەك .بەدىنى كۈچلۈك مۇسكۇلى ۋە ھەركەت ئەزالىرى بىر قەدەر ساغلام كىشىلەر كۈچلۈكرەك ھەركەت قىلسىمۇ ھېچقانچە كۈچ سەرىپ قىلمايدۇ . چىققان تەرمۇ تەبى ئاز بولىدۇ ،ئەكىسچە بەدەن ساپاسى ئاجىزلار ،يېنىڭ ئازراق ھەركەت قىلسىمۇ ،چىپىلداپ تەر ئاقىدۇ.
ھەركەت قىلغاندا تەر چىقمىسا ،ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ ،نۇرغۇن كىشى دائىم 40-30مىنۇت ھەركەت قىلغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا تەر چىقمايدۇ ،بىراق تىرىسى ناھايتى قىزىپ كېتىدۇ ،بۇنىڭ سەۋەبى بەدەندىكى تەر سۇيۇقلىقى چىقالماي ،بەدەن تېمپىراتۇرسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدۇ ،ئەگەر بەدىنى قىزىپ كەتكەن بولسا دەرھال ھەركەتتىن توختاش كېرەك ،بولمىسا ئاسانلا دېمى سىقىلىش ،بېشى قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ،بولۇپمۇ تومۇز كۈنلىرى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئېھتىمانلىقى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ ،بۇۋاقىتتا ئازراق سوغۇق سۇ ئىچسە ،سوغۇق لۆڭگىنى پىشانىسىگە قويسا ياكى دەرھال كىچىك تەرەت قىلسا بولىدۇ ،بۇلار بەدەن تېمپۇراتۇرسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ،
تەر چىقمايدىغان ھەركەتلەرنى قىلغاندا چىپىلداپ تەر ئاققان بولسا ،رىماتىزىمدىن ئېھتىيات قىلىڭ .بەدەن ساپاسى ياخشى بولمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا تەر بەكلا كۆپ چىقسا ،ئادەم بەدىنىنىڭ سۇ سىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،بۇنداق بولغاندا باش قېيىش ،كۆز تورلىشىش ،قورساق ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ،بەدەن ساپاسى ياخشى بولمىغان كىشىلەردىن باشقا يەنە پىيادە مېڭىش قاتارلىق كۆپ تەر چىقمايدىغان ھەركەت قىلغاندىمۇ تەر كۆپ چىقسا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ رىماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرە ئىز تورى بەك ياخشى
قانداق ئادەملەرگە ئاسان ئىسىق ئۆتۈپ قالىدۇ؟ ئىز تورى بەك ياخشى
.1بالىلار : بالىلارنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بەدەننىڭ تېمپىراتۇرا تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىز ،تېرە ئاستى ياغلىرى بولۇپمۇ ئىسىق ساقلاش رولىغا ئىگە قوڭۇر رەڭلىك ياغ مىقدارى ،نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا ،ئۇلارنىڭ ئىسىقلىق تارقىتىشى ئانچە ياخشى بولمايدۇ ،بۇنىڭ بىلەن بالىلارغا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ .
.2ياشانغانلار: ياشانغانلاردىكى تىرە تەر بەزلىرىنىڭ يىگىلىشى ۋە قان ئايلىنىش سېستىمىسىنىڭ چېكىنىشى ،ئىسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
.3 تۇغۇتلۇق ئاياللار : تۇغۇتتىن كىيىن بەدەن قۇۋىتى زور دەرىجىدە خوراپ ،بەدەن ئاجىزلاپ كېتىدۇ ،ئەگەر ھاۋا ئالمىششى ناچار ،تېمپىراتۇرسى نىسبەتەن يۇقۇرى ،ئۆيلەردە تۇرىۋەرسە ئاسانلا ئىسىق ئۆتۈپ قالىدۇ .
.4 يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بارلار: تومۇز ئىسىق ئادەمنىڭ سىنپاتىك نېرۋىللىرىنى غىدىقلاپ ،يۈرەك قان تومۇر سېستىمىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ،بولۇپمۇ يۈرەك فونكىسىيە بىنۇرمال ئاغرىقلارنىڭ،بەدىنىدىكى ئېنىرگىيە ۋاختىدا تىرىگە يۆتكىلەلمەي بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ .
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
.5تىرە قېتىش كېسىلى ۋە ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەنلەر: بۇخىل ئاغرىقلارنىڭ تەر بەزلىرى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەنلىكىدىن،ئىسسىقلىق تارقىتالمايدۇ ،نەتىجىدە ئىسىقلىق بەدەندە ساقلىنىپ قېلىۋىرىپ،ئاسانلا ئىسىق ئۆتۈپ قالىدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى
.6 يۇقۇملىنىش كېسىلى بارلار : باكتىرە ياكى ۋىروسلۇق يۇقۇملىنىشلارمۇ بىر خىل ئىسسىقلىق پەيدا قىلىش مەنبەسى بولۇپ،بەدەننىڭ ئىسسىقلىق ئاجىرىتىشىنى تىزلىتىدۇھەمدە كۆپ مىقداردا كاتىفولامىن تۈرىدىكى ماددىلارنى ئاجرىتىدۇ،بۇ ماددىلار قانغا كىرگەندىن كىيىن،قان تومۇرلارنى سىپازمىلاپ،ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
.7 دىئابىت كېسىلى بارلار: بۇكېسەلدە قەنىت سۈدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىپ،سۇۋە ئېلىكتىرولىتلارنىڭ ئالمىششىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدۇ ھەمدە يۈرەك قان تومۇر سېستىمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋىلىرىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىپ،ئورگانىزىملارنىڭ تېمپىراتۇرا ئۆزگۈرىشىگە بولغان ئىنكاسىنى سۇسلاشتۇرۋىتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئىسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.
.8 ئوزۇقلۇق كەمچىل كىشىلەر : ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولسا،بۆرەكنىڭ قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،قان بېسمىنى تۆۋەنلىتىپ،قان تومۇرلارنىڭ رىفلىكىسلىق قىسقىرشىنى پەيدا قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە دائىم ئىچى سۈرۈپ،سۇ سىزلىنىدۇ ۋە ئېلىكتىرولىت ماددىلار قالايمىقانلىشىدۇ شۇڭا ئاسان ئىسىق ئۆتۈپ قالىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قاشتېشى كومپىيۇتېر مەكتىپى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور