بەزى ۋاقىتتا ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى تۆۋەن بولىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا روھىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ:
غەمكىن بولغان ۋاقىتتا كۈن نۇرى تېگىدىغان جايغا بېرىش كېرەك. كۈن نۇرى غەمنى باسىدۇ. تەتقىق قىلىنىشىچە، كۈن نۇرى كىشىنى خامۇش قىلىپ قويىدىغان ھورموننى تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدىكەن.
ئۆز- ئۆزىگە سوۋغات ئېلىش كېرەك. بۇ ئۆزىگە تەسەللىي بولىدۇ.
ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن دوست- بۇرادەرلىرىگە تېلېفۇن بېرىش كېرەك.
كىچىك بالىلار بىلەن بىللە بولۇش ھەم سەيلە قىلىش كېرەك. چۈنكى كىچىك بالىلارنىڭ گەپ- سۆزلىرى، قىلىقلىرى كۆڭۈلنى ئاچىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۆيدە گۈل ئۆستۈرۈش ھەم شۇ گۈللەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى تەپسىلى كۈزىتىشمۇ ئىچ پۇشۇقنى ئالىدۇ.
مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش كېرەك.
تىنىچ ئولتۇرۇپ ئويلىنىش، ئىلگىرى ئۆتكەن كۆڭۈللۈك ئىشلارنى ئەسلەش كېرەك.
ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان ناخشا- مۇزىكىلارنى ئاڭلاشمۇ روھىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.