ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تايلاند دۆلەت مەجلىسى سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 

سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشچە: تايلاند دۆلەت مەجلىسى 11-سېنتەبىر سايلام قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قانۇنغا توزۇتۇش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ماقۇللاپ، چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بولىنىش كېلىپ چىققان بۇ دۆلەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان. بۇ يىل 12-ئايدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدىغان تايلاندنىڭ باش ۋەزىرى ئاپپىسىت مۇنداق دېگەن: ئاساسىي قانۇن تۈزۈتىلمە لايىھەسىنى ماقۇللاش چوڭ سايلامنىڭ ئالدىنقى شەرتى. توزۇتۇش كىرگۈزۈلگەن سايلام قانۇنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىتتىپاققا پايدىلىق بولۇش مۇمكىنكەن. ئاپپىسىت يېقىندا ئەگەر دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى تىنچ بولسا مەن بۇ يىل 6-ئايدا دۆلەت مەجلىسىنى تارقىتىۋېتىپ، چوڭ سايلام ئۆتكۈزمەكچى دېگەن ئىدى. بۇ ئاپىسىت ھۆكۈمىتى بۇندىن ئۇچ يىل ئىلگىرى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈلۈشى.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!