ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ب د ت مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تايلاند كامبودژا مەسىلىسىگە مەسئۇل ئ

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

باش ئورگىنى پارىژدا تەسىس قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى 11- فېۋرال، سابىق ئىش بېجىرگۈچى ماتسۇئۇرانى تايلاند-كامبودژا مەسىلىسىگە مەسئۇل  ئالاھىدە ئەلچىلىككە تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىلىننا بۇكىۋا بۇنى تايلاند بىلەن كامبودژاغا ئۇقتۇردى.

مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى 11-فېۋرال مۇنداق دېدى: 1972-يىلى ماقۇللانغان دۇنيا مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسىغا ئاساسەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مىراسلارنى بىرلىكتە قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. بىراق تايلاند بىلەن كامبودژا ئەھدىنامىنى تۈزگۈچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن پرەخ ۋەيخېر بۇتخانىسىدىن ئىبارەت بۇ تارىخى مىراسىنى قوغدىشى كېرەك.

پرەخ ۋەيخېر بۇتخانىسى مىلادى 11-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سېلىنغان. 2008- يىلى پرەخ ۋەيخېر بۇتخانىسى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدا پرەخ ۋەيخېر بۇتخانىسىغا يېقىن رايونغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى تالىشىۋاتقانلىقتىن، ئىككى دۆلەت تارىخىدا بۇ رايوننىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ كەلگەن ئىدى.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!