ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىسىر ئارمىيەسى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

مىسىر پىرېزىدېنتى مۇبارەك تۈنۈگۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ۋە ھوقۇقنى ئارمىيە دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مىسىر قوراللىق قىسىملىرى ئالىي كومىتېتى شۇ كۈنى كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىغا چىقمايدىغانلىقىنى ھەمدە ھوقۇقنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىسىر ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا 3-نومۇرلۇق بۇ ئاخباراتنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېدى: مىسىر ئارمىيە دائىرىلىرى مىسىر خەلقىنىڭ ئۈمىدىدىكى ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ھوقۇقنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەدبىرىنى جاكارلايدۇ. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ۋەزىيەت تىنچلانغاندىن كېيىن جىددىي ھالەت قانۇنىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ پارلامېنت سايلىمى نەتىجىسى توغرىسىدىكى كېسىمىنى ئىجرا قىلىمىز.ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىش ۋە پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئەركىن، ئادىل ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. باياناتدا يەنە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ نورمال تەرتىپنى ئەسلگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتىشى تەلەپ قىلىندى.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!