جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
مىسىرنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى سۇلايمان تۈنۈگۈن دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق، مۇبارەكنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ھەمدە ھوقۇقنى ئارمىيەگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇبارەك مىسىر قوراللىق قىسىملىرى ئالىي كومىتېتىغا دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بەردى. مىسىردا 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، مۇبارەكنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ۋە ھەر قايسى ئۆكتىچىلەرنىڭ يادرولۇق ساداسىنىڭ بىرى بولدى. مۇبارەك ئۈچ قېتىم تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى توشۇشدىن ئىلگىرى تەختتىن چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھاكىمىيەتنىڭ تىنچ ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باش ئورگىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۈبەيدە تەسىس قىلىنغان ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە: مىسىر پىرېزىدېنتى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پايتەخت قاھىرەدىن ئايرىلىپ، مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى ساياھەت شەھىرى شەمشەيىخقە كەتكەن.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت