ئامېرىكا « مۇداپىئە ئاخباراتلىرى » تورىنىڭ 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، EADS شېركىتىدىن Louis Gallois نىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇلتۇر EADS شېركىتى A400M تۈرىدە ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرگەن، « بۇ ئېھتىمال يېقىنقى نەچچە يىلدىكى ئەڭ ياخشى ئۇچۇر بولىشى مۇمكىن. توختام پات ئارىدا ئىمزالىنىدۇ، بىز ئېغىر خەۋپ-خەتەرنى يوقاتتۇق » دېگەن.
Gallois نىڭ كۆرسىتىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى خام چوت كومىتىتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى گېرمانىيەنىڭ 20 مىليارد ياۋرولۇق A400M تۈرى توختامىغا ئىمزا قويۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى توسالغۇ ئىكەن. گېرمانىيە A400M ترانسىپورت ئايروپىلانىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى ئىكەن، 60 دانىنى زاكاس قىلغان، فرانسىيە 50 دانىنى زاكاس قىلغان. ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تىپىدىكى A400M ترانسىپورت ئايروپىلانى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى قايتىدىن باشلانغان. 2010-يىلى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە، 7 خېرىدار دۆلەت، بېلگىلىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ليۇكسۇمبېرگ، ئىسپانىيە ۋە تۈركىيەلەر تەننەرخىدىكى ئېشىپ كەتكەن %10 قىسىمىنى تۆلەشكە ماقۇل بولغان. 4 دانە A400M ترانسىپورت ئايروپىلانى رەسىمىي سىناق ئۇچۇرۇلغان.
Gallois نىڭ بىلدۈرىشىچە، EADS شېركىتى پۈتۈن دۇنياغا 400~500 دانە A400M ئايروپىلانى سېتىشنى پىلانلىغان.
مەنبە:جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكىسى ئۇچۇرلىرى تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!