ھەسەلنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، ئۆسمىگە تاقابىل تۇرۇش ، يۈرەك ، مېڭە قان تومۇرلىرىنى ئاسراش رولى بولۇپ ، بالىلار مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدىكەن . بولۇپمۇ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان بالىلار ئىستېمال قىلسا ، بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەن . لېكىن بوۋاقلار ھەم يېشى كىچىك بالىلارغا ھەسەل بېرىشتە ئېھتىياتچان بولغان ياخشىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەسەلنى ئىلمان قايناق سۇغا تەڭشەپ ئىچسە ، ھەسەل بىلەن گۈل چېڭىنى ئارلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن . ئىز تورى بەك ياخشى
ھەسەل جەۋھىرى تەركىبدە ئاقسىل ، ئامىنو كىسلاتاسى ، ۋىتامىن ناھايىتى مول . ئادەتتە تېنى ئاجىز كىشىلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ . لېكىن ھەسەل جەھىرىنى سۈت بېزى ، بالىياتقۇ ئۆسمىسى بارلار ، مەزى بېزى ئاغرىقلىرى ئەڭ ياخشىسى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .
ھازىر ھەسەل،گۈل چېڭىدىن باشقا يەنە ھەرە يېلىمىمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشغا ئېرىشمەكتە . ھەرە يېلىمىمۇ باشقا ھەسەل مەھسۇلاتلىرىدەك تەبىئىي ئوزۇقلۇق بولۇپ ، ناھايىتى ياخشى بولغان ساغلاملىق ئۈنۈمىگە ئىگە . ھەرە يېلىمى تەركىبىدە رۇتىن ، ۋىتامىنE، ۋىتامىنC قاتارلىق ماددىلار بولۇپلا قالماي ، سېلىن ، سىنىك ، تۆمۈر قاتارلىق ئادەم بەدىنى جىددىي ئېھتىياجلىق مىكرو ئېلېمېنتلارمۇ مول بولۇپ ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭشەش ، جىگەر ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى ئاسراش قاتارلىق روللىرىمۇ بار . ھەرە يېلىمى سېتىۋالغاندا ، مۇنتىزىم زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .