مۇھەببىتى ئۆلگەندىمۇ؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پاكىز چىراي،ئوماق، ئورۇققىنە كەلگەن بۇ بالىنىڭ كۆزلىرىمۇ سۆزلەيتىتى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بولۇپ، كۆز چاناقلىرىم ياش، يۈرەكلىرىم غەشلىك بىلەن تولدى. يىگىرمە ئۈچ ياشلىق بۇ بالىنىڭ ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ مەلۇم شەھەردىن بولۇپ سەككىز ياش ۋاقتىدا ئاتا–ئانىسى ئاجىرىشىپ كەتكەن بولۇپ،ئون بىر ياش ۋاقتىدا ئانىسى قايتا ياتلىق بولۇپ، بۇ بالا مومىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان. مومىسى قازا قىلىشى بىلەن بۇ بالىنڭ قىسمەتلىك كۈنلىرى باشلانغان.ئۆگەي دادىسى بالىنى ياقتۇرمىغان. ئۆز دادىسىنى ئىزدەپ بارسا ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشى، قەيسەر بولۇشى توغۇرلۇق سەپسەتە سۆزلىگەن .گۆدەك قەلبىگە بۇ ئازاپلارنى سىغدۇرالمىغان بالا ئاخىرى ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ئىككى كۈندىن كېيىن باشقا ئۈچ تۆت بالا بىلەن ئىچكىرگە ماڭغان ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە توپتوغرا ئون يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۋېتىپتۇ......
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
–ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئاساسلىق نىمە ئىش قىلىسەن؟
– يانچۇقچى.
–قايسى شەھەرلەرگە بېرىپ باقتىڭ؟
–پۈتۈن يەرگە بېرىپ بولدۇم .تۈرمىدۇ ياتتىم.
–شىنجاڭغا قايتمامسەن؟
–قايتقۇم يوق.
–ئاناڭنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ ئۇنى ياخشى كۆرمەمسەن؟
–ماڭا مېھرى–مۇھەببەت توغۇرلۇق گەپ قىلماڭ.
ۋاقىتلار ئۆتۈپتۇ. بۇ بالىمۇ جىق ئشلارنى كۆرۈپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن بۇ بالا ئىچكىردە بىر خەنزۇ بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن ئشلەپتۇ. ئۇنى ئۆز ئاكىسىدەك كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئۇ خەنزۇ يولداشنىڭ ياردىمى بىلەن مەلۇم بىر مەخسۇس ئالىى تېخنىكۇم مەكتىۋىنى ئوڭۇشلۇق پۈتكۈزۈپ ،شىنجاڭغا قايتپ،مەمۇرلار ئىمتھانىغا تىزىملىتىپتۇ. www.iz.la
تېخى خىزمەتكە چىقماي ئاتا–ئانا بالىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدا دە تالاشققا چۈشۈپتۇ.ئاخىرى بولماي سوتقا چىقماقچى بۇلۇپتۇ. ئاتا–ئانا مېھرىگە تەشنا بۇ سەبىئى يۈرەك تەسەللى تاپالماي،ئىچكىرگە قاراپ سەرگەردانلىق ھاياتىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۆتكەن يىلى ۋۇخەن شەھرىدە يانچۇقچىلىق قىلىۋېتىپ،باشقىلار تەرىپىدىن سول قولىنىڭ پەيلىرى كېسىۋېتىلىپتۇ. گەرچە داۋالاتقان بولسىمۇ سول قولى پەقەت بىر نەرسە كۆتىرەلمەيدىكەن.
بالا مەندىن سورىدى:
–ئاكا سىز ئاتا–ئانىلارنىڭ ئاجىرىشىشغا قانداق قارايسىز؟
–سەن قانداق قارايسەن؟
–بەلكى ئاتا–ئانىلار ئاجىرىشىش ئىشىنى ئەشۇ مەلۇم ۋاقىتىكى دانا تاللاش دەيدىغاندۇ. لېكىن ئۇلار بالىلىرىنىڭ ھېسىياتىنى ئويلامدىغاندۇ؟ ياكى ئۆزىنىڭ كېيىنكى خۇشال كۈنلىرىنىلا دەپ ئاجىرىشىدىغانمىدۇ؟ شۇڭا مەندە ھازىر ئادەملەر ئوتتۇرسىدا بولىدىغان مۇھەببەت يوق.مەن تېرىككەك، لېكىن تەڭسىز ئىشلارنى كۆرسەم چىدىيالمايمەن.مېنىڭ قىز دوستۇم تۇرسۇن ھازىر بىرەر ئاغىنەمۇ يوق.مەن ئادەمگە ئىشەنمەيمەن.شۇڭا مەن توي قىلمايمەن ،توي قىلىشتىنمۇ قورقىمەن.شۇ ئىشلارنىڭ مېنىڭ ئۈستىمدە قايتا يۈز بېرىشىدىن قورقىمەن.
نۇغۇن گەپلەرنى قىلىۋەتىم.مەندىن باشقىسى بولسا چوقۇم يىغلايتتى.مەنمۇ لېكىن ئارانلا قالدىم.مەقسىدىم بىراۋنىڭ سەرگۈزەشتىسىىنى يېيىپ باشقىلارنى يىغلىتىش ئەمەس.مېھرى–مۇھەببەتلىك ياشايلى!