نىكاھلانغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تۇرمۇش پۇتپۇل مەيدانىغا ئوخشىسا ، نىكاھ پۇتپۇل مەيدانىدىكى ۋارتاغا ئوخشايدۇ . ئايال ئاشۇ ۋاراتانى جان تىكىپ قوغداۋاتقان ۋاراتاردۇر . ۋاراتانى قۇغداۋاتقانلار سەللا بىخەستەلىك قىلسا ، سەگەك ، چەبدەس ، ھۇشيار بولمىسا ، ماھارىتىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىسە ، قارشى تەرەپتىكى ھۇجۇمچىلار توپنى زەربە بىلەن تىپىپ ، ۋارتاغا كىرگۇزىۋىتىدۇ ، مۇسابىقە مەيدانىدىكى غالىبلاردىن بولۇپ قالغىنىغا ئوخشاش ، نىكاھلىق ئاياللار ھەر ۋاقىت ئوزىگە تەلەپچان بولمىسا ، ئوزى بىلەن قارشى مەيداندا تۇرىۋاتقان نىكاھ سىرتىدىكى < ھۇجۇمچى > لارنىڭ تەھتىتىدىن ، ئائىلىسىنى ئۇلارغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇش خەۋىپىدىن خالىي بولالمايدۇ .
پۇتپۇل مەيدانىدىكى ھۇجۇمچىلار گەرچە بەك كوپ بولمىسىمۇ ، ماھارەت ۋە تەجىربە جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەن ، ئۇستاتلىقتا ، قاقباشلىقتا ۋايىغا يەتكەن . ئۇلاردىكى بۇ پىشقان < تالانت > كىشلىك تۇرمۇشتا نىكاھلىق ئەرلەرنى ئوزىگە قارىتىۋىلىشقا ، باللارنى يېتىم ، ئائىلىنى ۋەيران قىلىشقا پاراكەندىچىلىكلەرنى تېرىشقا يېتىپ ئاشىدۇ .
ھەر قانداق قابىل ۋارتامۇ ۋاقتى كەلگەندە ، ئوزى ساقلاۋاتقان ۋارتاغا بىرەر توپنىڭ كىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىدىن خالىي بولالمايدۇ . بەزىدە سىزمۇ نىكاھ سىرتىدىكى مەلۇم ئايالنىڭ تەھدىت سېلىشىغا دۇچ كېلىسىز . بۇنىڭدىكى پەرق شۇكى ، پۇتپۇل مەيدانىدىكى تەھدېت ، كۇرەش ، رىقابەت ئاشكارا بولسا ، نىكاھغا سېلىنغان تەھدېت ، كۇرەش ، رىقابەت كۇپۇنچە يۇشۇرۇن بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇشۇنداق بولغاچقا ، نىكاھلىق ئاياللار كۇپىنچە ۋاقىتلاردا دەككە - دۇككە ئىچىدە ياشايدۇ . ۋەھالەنكى ، توپ مەيدانىدا ۋاراتاغا بىرەر توپنىڭ كىرىپ كېتىشى ھەرگىزمۇ تەلتۇكۇس ئۇتتۇرۋەتكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ . سىز بەل قۇيىۋەتمىسىڭىزلا ،سىز ئوزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قۇيالىسىڭىزلا ، زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋىلىشىڭىز مۇمكىن. مەغلۇبىيەت ئۇتۇققا ھامان يول بىرىدۇ . سىز ئۇچۇن پايدىلىق يەنە بىر ئامىل شۇكى ، مۇسابىقە مەيدانىدا سىز ئۇچۇن مەدەت بېرىدىغانلار ، سىز ئۇچۇن چاۋاك چالىدىغانلار ھامان كوپ . شۇنداق بولغانكەن ئوزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، ئوزىڭىزنى يۇقىتىپ قۇيماي ئەكسىچە ئوزىڭىزنى كۇچەيتىڭ ، شۇنداق قىلالىسىڭىزلا ، تۇرمۇشتىن ئىبارەت پۇتپۇل مەيدانىدىكى نىكاھتىن ئىبارەت ۋاراتانى ، نىكاھ سىرتىدىكى ھۇجۇمچى ئاياللارغا ھەرگىز تارتقۇزۇپ قۇيمايسىز. ئىز تورى بەك ياخشى
<شىنجاڭ ياشلىرى > دىن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن