ئاپېلسىن پوستى قەلەمپۇر چېيى : بۇ خىل چاي ئاشقازاننى سوغۇق ئېلىپ كېتىش ، ئاشقازان ئاغرىش ۋە ئاشقازاننى سوغۇق ئېلىپ كېتىشتىن بولىدىغان ھېق تۇتۇشنى داۋالايدۇ . تەييارلاش ئۇسۇلى : ئاپېلسىن پوستىدىن ئىككى گىرام ، قەلەمپۇردىن ئۈچ گىرام ئېلىپ قايناق سۇدا دەملىنىپ تەييارلىنىدۇ ، بۇنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ، سوغۇقنى ھەيدەش ، ئاغرىقنى توختىتىش رولى بار .
ئاپېلسىن پوستى چېيى : بۇ خىل چاي ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كېتىشتىن پەيدا بولغان ئاشقازان كۆپۈش ياكى ئاشقازان ئاغرىشنى داۋالايدۇ . تەييارلاش ئۇسۇلى : يېڭى ئاپېلسىن پوستىدىن يېرىمنى ياكى قۇرۇق ئاپېلسىن پوستىدىن ئۈچ گىرام ئېلىپ ، قايناق سۇدا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بېرىلسە ، ئاشقازان ئاغرىش ۋە كۆپۈشنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئاپېلسىن پوستى زەنجىۋىل قارا شېكەر چېيى : بۇ خىل چاي سوغۇقتىن بولغان زۇكامنى داۋالايدۇ . تەييارلاش ئۇسۇلى : ئاپېلسىن پوستىدىن بىرنى ، زەنجىۋىلدىن بەش پارچە ، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەرنى قايناق سۇدا دەملەپ ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرگەندە سوغۇقنى ھەيدەپ ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ بەلغەمنى ھەيدەيدۇ .