ئەي قېرىنداشلىرىم سىلەرگە تۆۋەندىكى ھەقىقى بولغان ئەھۋالنى تونۇشتۇرماقچىمەن .
2009-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى پەيزىۋات ناھىيە شاپتۇل يېزىسىدىكى توختى ئېتىزلىقىدا قوناق ئورىۋېتىپ گەپ ئاڭلىمىغان ئىسراپىلنى تىللاپ ھەيدىۋەتتى .توختى چۈشتىمۇ ئۆيگە قايتماي يالغۇز قوناق ئورۇپ ،كەچتە ئۆيگە كەلگەندە ئوغلى ئىسراپىلنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بەخىرامان ئاش ئىچىپ ئولتۇرۋانلىقىنى ،خوتۇنىمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرغان ،ئېتىزلىققا بېرىپ قوياي دىمەي ئولتۇر غانلىقىنى كۆرۇپ ئاچىچىقى كەلدى.ۋە ھەرقايسىڭ خىيالىڭغا كەلمەي بىخارامان تاماق يەپ ئولتۇرىشىسەن ئىتىزلىقتا گەپ قىلسا ئادەم با-يوق دىمەي ۋاقىرىشىسەن،دەپ قولىغا بىر گۈرجەكنى ئېلىپ ئوغلى ئىسراپىلغا ئاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىسراپىل قولىغا بىر كالتەكنى ئېلىپ دادىسى توختىنىڭ دۈمبىسىگەبىرنى ،بېشىغا ئۈچنى ،پۇتىغا ئىككىنى ئۇردى.ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەن دادا ئوغلىنىڭ قولىدىكى كالتەكنى تارتىۋىلىپ تۇرۇىشىغا يىمەي-يىدۈرۈپ باققان ئوغلى بولدى قىلماي قولىدىكى گۈرجەكنى تارتىۋىلىپ يۈزىگە بىرنى ئۇردى . ئانا <<ئۇ ئاتاڭ تۇرسا >> دېدى .ئانىسى ئوغلىنىڭ قولىدىكى گۈرجەكنى تارتىۋالدى ،لېكىن ئىسراپىل بولدى قىلماي كالتەكنى ئېلىپ ئاتىسى توختىنىڭ بېشىغا كۈچەپ ئۇرىشى بىلەن ئاتىسى جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.ئانىسى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىسراپىلنىڭ قولىدىكى كالتەكنى ئېلىۋالدى. ئىسراپىلنىڭ ئاچچىقى يانماي قولىغا جوتونى ئېلىپ ئاتىسىنىڭ تىزىغا قاتتىق بىرنى ئۇردى،ئانا قولۇڭنى تارت دەپ ئېتىلىپ بېرىپ ئوغلىنىڭ قولىدىكى جوتونى تارتىۋالدى . بىراق ئاتىسى گەپ قىلماي جايىدا ئولتۇرۇپ جان ئۈزدى . ۋاپاسىز ، ئەقىلسىز ئوغۇل ،قانۇن تورىغا چۈشتى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە :شىنجاڭ گېزىتى.
سۆز :ئاتىلارغا تىكىلىپ قاراشمۇ گۇناھ
ئەلمەساختىن تارتىپلا تاغنى تالقان ،باغنى بوستان قىلىدىغان ئاتىلارغا ئاتاپ ، ھەققانىي داستانلار، مەدىھىيىلەر ، قوشاقلار يېزىلىپ كېلىۋاتىدۇ .لېكىن ئاتىلارنى قانچە ماختايلى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجىرىنى،جاپا-مۇشەقىتىنى قايتۇرۇپ بولالمايمىز. يەنىلا پەرزەنتلەر ئاتىلارغا بىر ئۆمۈر قەزىزدار،ئەقىللىق پەرزەنتلەر بۇنوقتىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ.لېكىن ئادىمىيلىكتىن ھايۋانلىق تەبىئيتى ئېشىپ كەتكەنلەر ئاتىنىڭ ھايات دەرىخىگە پالتا چاپىدۇ.ئاتا ئائىلە،ئانا پەرزەنتنىڭ غەمگۇزارى،تۈۋرۈگى،يۈلەنچۈكى،ئاتىنىڭ تومۇرىدا قان ،خىيال-زېھنىدەپەرزەنت تەلپۈنىدۇ. ئاتىلىق مېھرى ئاتىغا خاس تەلەپ - پىكرى ، تۇيغۇ چىدام بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئاللاھ ، ھەر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ،تەۋپىق ھىدايەت ئاتاقىلسۇن ! ئاتا-ئانىمىزنى قەدىرلەيلى!