بۇ يەردىكى ئارتۇقچىلىق بولسا سىز قىلالايدىغان ۋە قوللىنالايدىغانلىرىڭىز، قابىلىيىتىڭىز ، تېخنىكا بىلىملىرىڭىز ، ۋە ئەخلاقىي – پەزىلىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئارتۇقچىلىقلارمۇ سىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىراق ، بەزى ئادەملەر بولسا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا توغرا باھا بىرەلمەي ،كەمتەرلىكنى جايىدا ئىشلەتمەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە ، ئۆزى مەلۇم بىر ساھەدىكى ئىقتىدارىنى ئىنكار قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىنى توغرا دەپ قارىمايدۇ ، ئۆز- ئۆزىگە سەمىمىي بولمايدۇ .
ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جەزىملەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ پوچىلىق ھېسابلانمايدۇ . ئەكىسچە بۇ ئۆز-ئۆزىگە سەمىمىي بۇلۇشنىڭ ئىپادىسى . ئىز تورى بەك ياخشى
سىزدە قانداق ئارتۇقچىلىقلار بار ؟ بۇ سىزگە ئېنىقمۇ ؟ ھەممە ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى بىلەمسىز ھەمدە سۆزلىيەلەمسىز؟
ئادەتتە كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەشنى خالىمايدۇ . ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەشنى بىر خىل سەمىمىيەتسىزلىكتەك ، توغرا ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ. باشقىلار سۇئال سورىغاندا بولسا: “بىلمەيمەن ” دەپلا جاۋاپ بىرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەپ بولسا ئۇلار:” مەندىكى ئارتۇقچىلىقلار باشقىلار تەرىپىدىن كەمچىللىك ھېساپلانسا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئەخلەت ھېساپلانمامدۇ؟” دەپ ئويلاپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن بولساكېرەك .
ھەممىلا ئادەمدە بىر خىل قاراش بار . ئۇ بولسىمۇ :”ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەش خاتا ، كەمچىللىكلىرىنى سۆزلەشنى بولسا چۇقۇم قىلىش كېرەك .” دەيدىغان . شۇڭا سىزنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈڭ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت بولسا ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكلەرگە توغرا باھا بىرىپ شۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشتىن كىلىدۇ.
مىسالغا ئالساق ، بەزىلەر سىز سەي قورۇشقا ئۇستا دەپ ماختىغاندا ، بەلكىم سىز :”نەدىكىنى ،بەلكىم قورۇغىنىم خېلىلا ياخشى بۇلۇپ قالغاندۇ،ئەمەلىيەتتە مەن ئانچە ئۇستا ئەمەس .” دىيىشىڭىز مۇمكىن .ياكى “نەدىكىن بۇ بولسا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر ئالاھىيدىلىك “دەپ جاۋاپ بىرىشىڭىز مۇمكىن .لىكىن سەي قورۇلۇشتا ھەقىقەتەن ياخشى قورۇلغان .راستىنلا ئالاھىيدە بولغان بىر خىل قابىلىيەت .ئەگەر بىرى سىزدىن “سىز تېلىفوندا راستىنلا پاراڭغا ئۇستا .” دىگەندە ، سىز بەلكىم تېلىفوندا گەپ قىلىش ناھايتى ئاسان دەپ جاۋاپ بىرىشىڭىز مۇمكىن .بىلىشىڭىز كېرەككى ،، نۇرغۇن ئادەملەر تېلېفوندا سۆزلىشىشنى ئىنتايىن تەس دەپ ھېساپلايدۇ. ئىز تورى www.iz.la
شۇڭا بۇمۇ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر خىل ئارتۇقچىلىقتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس .
كىچىك ۋاقتىمدا ، ئاكامغا دائىم ھەۋەس قىلاتتىم .چۈنكى ئۇ ناخشا ئېيتالايتتى ، رەسم سىزالايتتى ، ئېغىز گارمۇنى چالالايتتى .ئەنە شۇ چاغلاردا باشقىلار مىنى ھېچقانداق قابىلىيىتى ، ئىقتىدارى يوق دەيتتى.شۇڭا ئاكامغا ھەۋەس قىلاتتىم.چوڭ بولغاندىن كىيىن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ياخشى سۆزلەرنى قىلالايدىكەنمەن ، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىكەنمەن .، باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتەلەيدىكەنمەن . مەن بىلەن مىنىڭ مۇشۇ قابىلىيىتىم ، كىيىنچە ، ئۆز –ئۆزەمنى تەربىيلىيەلىدىم .، چۈنكى مەن دەل ۋاقتىدا ئۆزەمنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىمنى بايقىيالىغان ئىدىم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇڭا ، ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاش بولسا ، ئۆز ئەقلىي قابىلىيىتىنى جارىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ .ئۇنداقتا ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قانداق بايقاش كېرەك؟
مىنىڭچە ، چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈڭ . ئالدى بىلەن ،ئۆزىڭىزنى قايتىدىن بىر تەكشۈرۈپ چىقىڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى تەسىرىڭىزنى بارلىققا كەلتۈرۈڭ .ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز تەسەللىي بىرەلەيدىغان بىر ياخشى مۇھىتنى ئىجات قىلىڭ .
كىچىىك ۋاقتىمدا ، ظاتا – ئانام ھەممەيلەنگە ئىنتايىن ياخشى كۆيىنەتتى .بىراق ئۆيدە پۇل بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ، ھەمىشە مەدىكار
ئىشلەپ پۇل تېپىشقا مەجبۇرىي بولاتتىم .بۇ ئىشلار بەكلا ئېغىر بولغاچقا مەن باشقىلار بىلەن مەر-مەر تاش ئويناپ ئۇتۇپ ، بازارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىپ پۇل تېپىپ، مەكتەپكە تاپشۇراتتىم.بۇ ماڭا نىسبەتەن بىر ئۇيۇن بولۇپلا قالماي بەلكى ماڭا پۇل تېپىپ بىرەتتى ھەم باشقىلار تەرىپىدىن كۆپلەپ ماختىنىلاتتىم . شۇڭا مەن ئائىلەمنىڭ نامرات بۇلىشى ماڭا ياخشى نەرسە ئېلىپ كەلدى دەپ جوشال بولاتتىم .چوڭ بولغاندىمۇ ، ئاشۇ ۋاقىتتىكى شارائىت ماڭا ھەقىقەتەن بىر پۇل تېپىشنىڭ يۇلىنى ئۆگەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.شۇڭا بۇ بىر تەجىرىبە . مىنىڭ تەجىربەم دەل ئىز تورى www.iz.la
مەر – مەر تاش ئويۇنىنى لايىھەلەش + ئىجاتچانلىق = پۇل تېپىش
سىزمۇ ئىلگىرىكى تەجىرىبىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ . ئلگىرىكى تەجىربىڭىزدىن سىز قانداق ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاپ چىقتىڭىز؟يۇمۇرىستىك ھېسسىيات ؟ ئىرادە؟ ئۆگىنىشنى قىزغىن سۈيۈش ؟ تۇرمۇشقا بولغان ئوبىيېكتىپ پوزىتسىيە ؟سىز يەنە قانداقراق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتىسىز؟