ئائىلە تەربىيىسى جەھەتتە
1. كېتىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشكەن بالىغا تۇتقان پوزىتسىيە جەھەتتە
جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار: كەلگىن قوزام ،مەن سېنى كۆتۈرۈۋالاي.
غەربلىك ئاتا-ئانىلار :بالام باتۇرراق بولغىن، ئورنۇڭدىن ئۆزۈڭتۇر.
2. بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا نىسبەتەن
جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار :بالام ،مەن سېنى پىيانىنو ،گۈزەل-سەنئەت يېزىقچىلىق ،كۇرسلىرىغا تىزىملىتىپ قويدۇم. ياخشى ئۆگەن جۇمۇ.
غەربلىك ئاتا-ئانىلار :بالام،ئۆزۈڭ توغرا تاپقان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشقىن ،پەقەت ئۆزۈڭ ئەھمىيەتلىك دەپ ھېساپلىساڭلا بىز سېنى مەڭگۈ قوللايمىز
3. بالىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا copyright by www.iz.la
جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار : چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ . نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈشۈڭ كېرەك . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالىساڭ، كەلگۇسىدە ياخشى خىزمەتكە ئېرىشەلەيسەن.
غەربلىك ئاتا-ئانىلار : بالام رىمغا ھەر خىل يوللار بىلەن بارغىلى بولغاندەك، مۇۋەپىقىيەت قازىنىشنىڭ خىلمۇخىل يوللىرى بولىدۇ.
4. ئىمتاھان بېرىدىغان بالىلارغا
جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار: ئىمتاھاننى ياخشى بەر جۇمۇ ،ناۋادا يەنىلا لاياقەتسىز بولساڭ، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن.
غەربلىك ئاتا-ئانىلار: بالام ئىمتاھاندا تەمتىرىمىگىن ، پەقەت تىرىشساڭلا بولدى.
مەنبە ، غەرىبلىكلەرنىڭ ئائىلە تەربىيىسى دىگەن كىتاب،،،،،