يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر :
1)تىلى كالۋالىشىپ قېلىپ، سۆزنى راۋان، توغرا تەلەپپۇز قىلالمىسا، بۇ مىڭە قان تۇمۇرنىڭ زخمىلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ھۇشيار بولۇش كىرەك.
2)كۆزى روشەن كىشىنىڭ تۇيۇقسىز كۆزى تۇتۇقلىشىپ قالسا، بۇ مېڭە قان تۇمۇرلىرى ھەرىكىتىنىڭ بىنورماللىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3)ئۇنتۇغاقلىق، ئەقلى ئىقتىدارى چىكىنىپ كىتىش-بۇ مىڭە قۇرۇشۇش بولىۋاتقانلىقىدىن، مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكىدىن بولىدۇ.
4)كۆزىگە پاشا-كۇمۇتىدەك نەرسىلەر ئۇچقاندەك كۆرۈنسە، قۇلاققا ھەر خىل شاۋقۇن ئاۋازلار ئاڭلانسا، مېڭىدە سۇيۇقلۇقنىڭ ئېشپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5)قۇلاق گاس بولۇپ قېلىش،ئاڭلىيالماسلىق،قۇلاق دائىم غۇڭۇلداش،ھەر خىل ئاۋازلار ئاڭلانغاندەك بولۇش مېڭە-قۇلاق قان تومۇرلىرىدا كېسەللىك بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
6)كۆز جىيەكلىرى بەك قورغاق بولسا مېڭىدە قۇرۇش بولىۋاتقانلىقىنى،كۆز تولا ياشاڭغۇرىسا،مېڭە ئالدىنقى قىسمىدا سۇيۇقلىقنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، كۆز قىزىرىپ قالسا ۋە ياش ئېقىپ تۇرسا مېڭىدە ئىششىق بارلىقىنى كۆرستىدۇ.كۆز ئېقى سارغىيىپ قالسا قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كۆز ئەگەردە ئىختىيارسىز يۇمۇلۇپ قالسا-مېڭىدە ئىسسىقلىقنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، كۆزنىڭ زىيادە ئولتۇرۇشۇپ ئورا كۆز بولۇپ قېلىشى، مېڭىدە كىسەل بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كۆز يۇمۇلۇپ قېلىپ ئېچىلمىسا، يامان ئاقىۋەتتىن دېىرەك بېرىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
7)يۇقىرى قان بېسىم كىسىلى ئېغىرلاشقاندا، بەدەندە پالەچلىك ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ. پالەچلىك يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىدە كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كىسەللىك بولۇپ، ئۇنى داۋالاپ ساقايتىش بىر قەدەر قىيىن .
8)يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار كىشىلەر چۇشتىن كىيىن بولۇپمۇ، ئۇخلاش ئالدىدا قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ، قان كۆپەيتىدىغان يىمەك-ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك.چۈنكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن پولۇ، كاۋاپقا ئوخشاش قۇۋەتلىك غىزالار كۆپ يېيىلسە،شۇ كېچىسى مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىشى، مېڭىگە قان چۈشۈشى، بەدەن ئەزالىرىدا پالەچلىك ئەھۋاللىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن.
9)بۇرۇنلارداياشانغانلار ۋە بەزى ئوتتۇرا ياشلىقلاردا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى كۆپ كۈرۈلگەن بولسا، نۆۋەتتە ياشلاردىمۇ بۇ كېسەل كۆپىيىۋاتىدۇ.يۇقىرى قان بېسىم كۈندىلىك تۇرمۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر قىسم كىشىلەر خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى ،ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت، ئائىلە كەيپىياتى، تۇرمۇشتىكى زىدىيەتلەر جەھەتتە بېسىمغا، جىسمانىي جەھەتتە چارچاشقا كۆپ ئۇچرايدۇ.نەتىجىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار يەنە تۈۋەندىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلسا،بۇ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
1)ھاراق، تاماكىنى قەتئىي چەكلەش،بەدەننى بىھۇدە سەمىرىتىدىغان سېمىز گۆش،ھايۋانات مېيى، تۇخۇم سېرىقى، ھايۋاناتنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى شۇنداقلا تورت، قايماق، ھالۋا، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ماي قەنت، تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماسىق لازىم.
2)قىشتا قېلىن ۋە ئىسسىق كىيىنىپ، بەدنگە سوغوق ئۆتكۈزۈۋىلىشتىن ساقلىنىش، تومۇز ئىسسىقتا بەدەنگە ئىسسىق ئۆتكۈزىۋىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
3)يۇقىرى قان بېسىم كېىسىلى بار كىشىلەرگە تولا خاپا بولۇش،ھە دىسە ئاچچىقلاپ-چېچىلىپ قايناپ كىتىش ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن،يەنە ئاسان ھاياجانلىنىش،ھەسىرەت چىكىش،قايغۇرۇش،تولا غەم يېيىشمۇ زىيانلىق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
4)دائىم ئىچۋاتقان قان بېسىمنى چۇشۇرۇش دورىسىنى دوختۇرنىڭ مەسلەھەتىنى ئالماي تۇيۇقسىز توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
5)قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش،كۈچەپ،ئىنجىقلاپ تاھارەت قىلماسلىق كېرەك.
6)يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىردا باش قېيىش،يولنى توغرا ماڭالماسلىق،كىچىككىنە ئىشلار ئۇچۇن بىئارام بولۇش،تىنىچلىنالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە،سەل قارىماي ۋاختىدا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۇرتۇش ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.
7)يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش دورىسنى كۈندە چۈشەندۈرلىشىگە ئاساسەن ئۈچ قېتىمغىچە ئىچسە بولىدۇ.لىكىن ياخشى ئۇخلىتىدۇ،دەپ ئۇخلاش ئالدىدا ئۆز مەيلىچە ئۆلچەمدىن سىرىت ئىچۋالماسلىق كېرەك.چۇنكى ئادەم ئۇخلىغاندا قان بېسىم %10 ئەتىراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.شۇڭا ئۇخلاش ئالدىدا يەنە دورا ئىچسە يۈرەك ۋە مىڭە قان تومۇرلىردا قان يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۇپ چىقىرىپ،مىڭىگە قان چۈشۈش ھادىسىس يۈز بېرىش مۇمكىن.
ئىز تورى بەك ياخشى
8)يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلىنى ساقايتىشتا،قان تومۇرلارنى ئاسىراش ۋە ئىلاستىكىلىكنى ساقلاش لازىم. زىيادە سىمىز كىشىللەرنىڭ بەدىندىكى قان تومۇرلار ئىنچىكىرەپ،قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ.ئاسان ئاچىقلىنىش،زىيادە خوشلۇق،ھاياجانلىنىش قان ئايلىنىشنى تىزلىتىدۇ.نەتىجىدە قان بېسىم ئۆرلەپ،قان تومۇرلاردا قىسمەن يېرلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدۇ.يەنە رېنتىگېن نۇرى، ئىنغىرا قىزىل نۇر،كومپىيوتىردىن چىققان نۇرلار ئېغىرىراق بولغاندا كۆزنىڭ تومۇرلىرغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.نەتىجىدە كۆز تومۇرلىرى قىچىشىش،قىزىرىش ئاغرىش،كۆزنىڭ قىل، جان تومۇرلىرى يېرلىپ كىتىش،كۆز چانىقى قاناش،كۆرۇش ئىختىدارى تۆۋەنلەش ئەھۋاللرى يۈز بىردۇ.يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ئىمكانيەت يار بەرسە،خىمىيلىك تەركىپلىك دورلارغا قارغاندا،ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغان ياخشى.چۇنكى ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرنىڭ ئەكسى تەسىرى يوق دېيەرلىك. يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرى جىسمانىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇنلانغاندا،ئۆز ئەھۋالىنى چىقىش قىلشى، ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە ئىش قىلماسلىق كېرەك.ساپ ھاۋالىق،مەنزىرلىك جايلاردا سەيلە قىلىپ،پىيادە مېڭىپ،يېنىك بولغان تەنتەربىيە ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇنلىنىشنىڭ پايدىسى كۆپ.لېكىن ئېغىر جىسمانىي ھەركەت، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش،ئۇرلۇپ- سوقۇلۇپ كىتىش زىيانلىق.ھەددىن زىيادە تار سىقىپ تۇردىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك،مايكا،كالتا ئىشتان قاتارلىق ئىچ كىيىملىرى ساپ پاختا رەخلەردىن بۇلۇش كېرەك.قەرەلىك مۇنچىغا چۇشۇش ۋە پۇت قوللارنى دائىم يۇيۇپ،ئۇۋۇلاپ بىرىش ئارقىلىق قان تومۇرلارنىڭ ئەسلى ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاش كېرەك.يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى بارلار سوغۇق سۇدا يۇينۇپ،تومۇرلاردا تاريىش يۇز بېرشىدىن ۋە بەك ئىسىق سۇدا يۇيۇنۇپ قان ئايلىنىشنى تېزلىشىپ،قان بېسمى تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىشتىن ساقلىنىش،ئىمكان قەدەر ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش لازىم.
ئىز تورى www.iz.la
9)يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى بار كىشىلەر ھەمىشە نۇقۇت ئېشى،نۇقۇت تالقىنى ئىچىش كېرەك. ئۇيىغۇر تىبابىتىدە تەجىربىدىن ئوتكەن ئىشەنچىلىك ئۇسۇل:چىلان،ئەنجۇر(ئەنجۇر قېقىمۇ بولىدۇ)نى تەڭ مىقداردا سېلىپ، قاينىتىپ، شەربىتىنى ئىچىپ بىرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى بىلەن قان قويۇقلىشىش بىللە كەلسە،چىلان شەربىتىنى قاينىتىپ، ئىچىپ بەسسە قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان بېسىمنىمۇ چۇشۇردۇ.
10)يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى بار كىشىلەر كۆپ سۆزلىمەسلىكى،ئاستا،پەسىرەك ئاۋازدا سۆزلىشى كېرەك.كۆپ سوزلىگەندە قان بېسىم ئورلەپ خەتەرلىك ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى بارلار كۆپ سۆزلىمەسلىكى، ئۆزىنى ياخشى كونتىرول قىلىپ، ئالدىرماي ئاستا سۆزلىشى، ئازىراق سۆزلىشى لازىم.
مەنبە: ھاياتلىق
يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىگى توغرىسىدىكى بىر نەچچە خىل خاتا قاراش
بىرنجى خىل خاتا قاراش : ئورۇق كىشلەر يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىگە گىرىپتار بولمايدۇ دەپ قاراش .گەرچە سىمىزلىك قان بېسىم يۇقۇرلاپ كىتىشنىڭ ئاساسلىق ۋە مۇستەقىل بولغان خەتەرلىك ئامىلى بولسىمۇ،ئەمما يۇقۇرى قان بېسىم كىسەللىكىنىڭ كىسەللىك پەيدا قىلىش مىخاينىزىمى نىسپەتەن مۇرەككەپ بولۇپ،ئىرسىيەت، مۇھىت ،ماسلىشىشچانلىق ،نىرۋا ئىچكى ئاجىرالمسى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنى ئۆز ئىچگە ئالدۇ.ناۋادا ئورۇق كىشلەر يۇقىرى قان بېسىم كسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا ،ئۆلۇش نىسپىتى سىمىز كىشلەرنىڭكىدىنمۇ يۇقۇرى بولىدۇ . شۇڭا مەيلى ئورۇق ياكى سىمىز كىشلەر بولسۇن چوقۇم قەرەرلىك ھالدا قان بېسىمنى تەكشۇرتۇپ تۇرۇشى كىرەك.
ئىككىنجى خىل خاتا قاراش:يۇقۇرى قان بېسىم كىسەللىكىدىن زىيادە ئەنسىرەش ھاجەتسىز دەپ قاراش .بەزى يۇقۇرى قان بىېسىم كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار كىسەللىك ئەھۋالى يىنىك بولغاچقا ،بەزى ۋاقىتلاردا ئازىراق ئارام ئىلۋىلىپ ياكى ئۇخلىۋىلىپلا ،ياخشلىنىپ قالغاندەك بولۇپ،دورىنى ئاز يەيدۇ ،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگمۇ ئانچە ئىتبار بىرىپ كەتمەيدۇ .ئۇلار كىسەللىك ئەھۋالغا ئاساسەنلا ئۆزىگە دىئاگۇنۇز قويىدىغان بولۇپ،كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئىغىر يىنىكلىكى بىلەن قان بېسىمنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇناسىۋتى يوقلىقنى بىلمەيدۇ .بۇنىڭ بىلەن كىسەللىك ئەھۋالى ئاستا –ئاستا ئىغىرلاپ،يۇرەك ،مىڭە،بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىقتدارى ئىغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچىراپ،ئەڭ ئاخىردا كەم قانلىق خاراكتىردىكى يۇرەك ئاجىزلىق ياكى سۇيدۇكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .ئايرىم ساندىكى كىشلەر ھەتتا مىڭىسىگە قان قۇيۇلۇش سەۋەبىدىن ئۆلۇپ كىتىدۇ .مانا بۇ دوختۇرلارنىڭ يۇقۇرى قان بېسىم كىسەللىگىنى «ئاۋازسىز قاتىل »دەپ ئاتىشىدىكى سەۋەپ. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇچۇنجى خىل خاتا قاراش:قان بېسىمىنى ئۆلچەش ۋاقىت چەكلىمسىگە ئۇچۇرىمايدۇ دەپ قاراش.نۇرغۇنلىغان كىشلەر قان بېسىمنى قانداق چاغدا ئۆلچىسە بولىۋىرىدۇ دەپ قارايدۇ .ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.ھەر قېتىملىق ئۆلچەش قىمىتىنى ئاساسى قىممەتكە يىقىنلاشتۇرۇش ئۇچۇن ،تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقىتغا دىققەت قىلش كىرەك .
1. ھەر قېتىمدا ئۇچ قىتىم ئۆلچەپ،ئۇچ قىتىملىق قان بىسىم قىممتىنىڭ ئوتتۇرچە قىمىتنى ئىلىش كىرەك .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2. .قان بىسىمنى ئۆلچىگەن ئۆي جىمجىت بولىشى ،تىمپۇراتۇرسى مۇۋاپىق بولۇشى ،قان بىسىمى ئۆلچىندىغان ئادەم ئاز دىگەندە 5مىنۇت تىنىچ ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن ياكى يىتىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن قان بىسىمىنى ئۆلچەش كىرەك .ئۆلچىگەن ۋاقىتتا ،ئىمكان بار ئۆزىنى ئەركىن تۇتىشى ،بىلەك تېڭىلغان تاسمىنىڭ ئورنى يۇرەكنىڭ ئورنى بىلەن تەڭ بولۇشى كىرەك.
3. قان بېسىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بەزى تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىردىن ساقلىنىش كىرەك .مەسىلەن :تاماكا چىكىش ،ھاراق ئىچىش،توڭۇپ كىتىش ،كۇچەپ كىىتش ،جىددىلىشش،بەزى دورىلارنى يىيىش قاتارلىقلار .
توتىنجى خىل خاتا قاراش:ھازىرىقى زامان تىببى تەتقىقاتنىڭ ئىسپاتلىشچە يۇقۇرى قان بېسىم كىسەللىكنىڭ قوزغۇلىشى بەلگىلك دەرىجىدە تۇرمۇش ئۇسۇلنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرايدىكەن .مەسىلەن:جىسمانى پائالىيەتلەر ،تاماكا چىكىش ھاراق ئىچىش،سىمىزلىك ،ماينى كۆپ يىيىش ،ئىندۇۋىداللىق ۋە پىسخىكا قاتارلىقلار.يۇقاردا ئوتتۇرغا قويۇلغان جەھەتتلەردە ،ئائىلە ئەزالىرى ئۆز ئارا بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى ئورتاق ئادەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ .شۇڭا ئائىلدىكى مەلۇم بىر ئەزادا يۇقىرى قان بېسىم كىسىىلى كۆرۇلگەندە، چوقۇم يەنە بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ تۇز ،ماي ئىستىمال قلش ئەھۋالى،ھەركەت قىلىش ئەھۋالى ۋە ئائىلە كەيپىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە مەسىلە بار يوقلىقنى ئەستايدىل تەكشۇرۇپ ،مەسىلە بولسا ئۆز ۋاقتىدا تەكشۇرۇش كىرەك .
بەشىنجى خىل خاتا قاراش ؛دورا بىلەن قان بېسىمنى تۆۋەنلەتسىلا ھىچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ دەپ قاراش .بەزى ئادەملەرنىڭ نەزىردە يۇقىرى قان بىسىم كىسەللىگى پەقەت قان بىسىمنىڭ ئازىراق يۇقۇرىلاپ كەتكەنلگىلا خالاس،ئازىراق دورا يەپ قان بىسىمنى تۆۋەنلەتسىلا ھىچ قانداق چاتاق چىقمايدۇ دەپ قارايدۇ .ئەمىليەتتە،قان بسىمنىڭ يۇقۇرىلاپ كىتىشى يۇقۇرى قان بىسىم كىسەللكنىڭ بىر تۇرلۇكلا «ئىپداسى»،ئۇندىن باشقا يەنە ،بەدەندە ماي ،قەنتنىڭ ئالمىشىشى نۇرمال بولماسلىق ،تاجىسىمان ئارتىرىيە ،مىڭە ئارتىرىيسې ،بۆرەك ئارتىرىيسنىڭ كىسەللىك ئۆزگۇرۇشلىرى ھەمدە يۇرەك ،مىڭە ،بۆرەك قاتارلىق ھاياتلىق ئورگانىزىملىرنىڭ ئىقتىدارى زەخملىنىش ،ھەتتا تاجىسىمان يۇرەك كسىلى ،مىڭىگە قان چۇشۇش قاتارلىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقىرش سەۋەپلىك ھاياتغا خەۋىپ ئىلىپ كىلدۇ .
شۇڭا ،يۇقۇرى قان بىسىم كىسەللىگىنى داۋالاش بىر «سىسىتما قۇرۇلۇشى»بولۇپ،«ئۇنۋىرىسسال تىزگىنلەشكە »توغرا كىلدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنۇملۇك بولغان قان بىسىمنى چۇشۇرۇش دورىلىرنى ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقتتا ،يۇقاردا ئىيتىلغان ئەھۋاللارغا ۋە ئۇنىڭ تەرەقىياتغا دىققەت قىلش،(مەسىلەن :قەرەرلك ھالدا قاندىكى قەنتنى ،ماينى تەكشۇرتىش قاتارلىق )ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا ئۇنۇملۇك تەدبىر قوللۇنۇپ ئالدىنى ئالغاندىلا ،ئاندىن يۇقىرى قان بىسىم كىسەللگىنى داۋالغىلى بولىدۇ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
توختىھاجى يۇنۇس تەرجىمسى