بۇ خىل ئاغرىقلار ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندىن كېيىن ئۈنۈملۈك ھاۋا ئالماشتۇرۇش مىقدارى ئازىيىپ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ . ئاغرىقنىڭ ئۆپكىسىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەي، نەپەسلىنىش ئىقتىدارىتوسالغۇغا ئۇچراپ كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى كىشلەردىكى ئۇيقۇسىزلىقنى نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن . بۇنداق ۋاقىتتا كېسەلنى قاراتمىلىق ھالدا داۋالىتىش ، ھەرگىز ئۇيقۇ دورىسى ئىچىش ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقنى ۋاقتىنچە تۈگىتىشنى ئويلىماسلىق كېرەك . يەنە زىققا ئاغرىقلىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچسە بولمايدۇ ،چۈنكى بۇ خىل ئاغرىقلارنىڭ كېسىلى كېچىسى ياكى سەھەردە قوزغىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندە ئاسانلا كانايچە سىپازمىلىنىش كېلىپ چىقىپ ، زىققىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسىلى بار ئاغرىقلاردا ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلگەندە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىتىش ، ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگىنىچە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
ئىز تورى بەك ياخشى
www.iz.la
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى