ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

چىلىدىكى مىس كانىغا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى

2010-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    چىلى سان خوسې مىس كانىدا ، چىلى زۇڭتۇڭى پىنيېرا (ئوڭدىكى كىشى) تۇنجى بولۇپ كان ئاستىدىن يەر يۈزىگە قۇتقۇزۇپ چىقىلغان كان ئىشچىسى فلورېنسىئو ئاۋالوس بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەكتە    شىنخۇا تورى ، چىلى سان خوسې مىس كانى 13–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : شۇ يەر ۋ
  

    چىلى سان خوسې مىس كانىدا ، چىلى زۇڭتۇڭى پىنيېرا (ئوڭدىكى كىشى) تۇنجى بولۇپ كان ئاستىدىن يەر يۈزىگە قۇتقۇزۇپ چىقىلغان كان ئىشچىسى فلورېنسىئو ئاۋالوس بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەكتە

   شىنخۇا تورى ، چىلى سان خوسې مىس كانى 13–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : شۇ يەر ۋاقتى 13–ئۆكتەبىر سەھەردە ، چىلى سان خوسې مىس كانىدىكى كۆمۈركان ئىشچىلىرىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى باشلىنىپ بەش سائەتتىن كېيىن ، كان ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بەش نەپەر كان ئىشچىسى قايتا يۇرۇقلۇققا ئېرىشتى . 

   شۇ جاي ۋاقتى 13–ئۆكتەبىر سائەت 4 دىن 10 مىنۇت(بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15 دىن 10 مىنۇت) ئۆتكەندە ، كانغا قاپسىلىپ قالغان 33 نەپەر كان ئىشچىسى ئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك بولغان ، 19 ياشلىق گىمى سانچېز مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىقىلدى . كان ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان سانچېز قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دېدې : مەن قۇدۇق ئاستىدا تۇرغان بۇ كۈنلەردە ، تۇرمۇشىمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەكمۇ -يوق؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزچىل ئويلاندىم .

 
 قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى

   شۇ جاي ۋاقتى 13-ئۆكتەبىر سائەت 0 دىن 12 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11 دىن 12 مىنۇت) ئۆتكەندە ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى 31 ياشلىق كان ئىشچىسى فلورېنسىئو ئاۋالوسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىققان . ئارقىدىن ، مارىئۇ سېپۇلۋېدا ، خۇئان ئىلىئانس ۋە بولىۋىيەلىك كان ئىشچىسى كارلوس مامانى ئارقا-ئارقىدىن كان ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىلغان . كان ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان كان ئىشچىلىرى قايتىدىن يۇرۇقلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ، خۇشال ھالدا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن بولۇپ ، قارىماققا ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئىدى . مارىئۇ سېپۇلۋېدا 700 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇق ئاستىدىن بىر ئاز تاش پارچىلىرىنى يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىپ ، بۇنى ھالاكەت گىردابىدىن قۇتۇلۇش سەرگۈزەشتىسىنىڭ ‹‹ خاتىرە بۇيۇمى›› قىلغان .

 
لۇيىس ئۇرسۇيا(سولدىكى كىشى) يەر يۈزىگە چىققاندىن كېيىن چىلى زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى

    13–ئۆكتەبىر كەچ ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى سان خوسې مىس كانىغا قاپسىلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر نەپەر كان ئىشچىسى لۇيىس ئۇرسۇيانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەر يۈزىگە قۇتقۇزۇپ چىققان . بۇنىڭ بىلەن ، مىس كانىغا قاپسىلىپ قالغان 33 نەپەر كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا يەر يۈزىگە قۇتقۇزۇپ چىقىلىپ ، نەچچە ئايغا سوزۇلغان قۇتقۇزۇش خىزمىتى تاماملانغان .

   بۇ يىل  5–ئاۋغۇست ، چىلىنىڭ شىمالىدىكى سان خوسې مىس كانىدا كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 33 نەپەر كان ئىشچىسى 700 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇق ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان . ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەييارلىق خىزمىتىدىن كېيىن ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئاخىرى قۇتقۇزۇش قانىلىنى قېزىپ چىقىپ ، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئۆكتەبىر كەچتىن باشلاپ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان . 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!