ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى:زور تۈركۈمدىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبور بولدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:jahan123 تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى:زور تۈركۈمدىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبور بولدى كېرمىل سارىيىمۇ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قاتتىق تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى،ئەمەلىيەتتە روسىيەنىڭ خەلقئ
  

سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى:زور تۈركۈمدىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبور بولدى

كېرمىل سارىيىمۇ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قاتتىق تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى،ئەمەلىيەتتە روسىيەنىڭ خەلقئارا دېپلوماتىيە سەھنىسىدىكى كوزىرىنى قاتتىق ئاجىزلاشتۇرۇپ تاشلىدى.1998-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى بىر تەرەپلىمە ھەركەت قوللىنىپ ئىراقنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلدى،ئەينى چاغدا كېرمىل سارىيى قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى،خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا قىسمەن دېڭىز،ھاۋا ئارمىيىلىرى ۋە يادرو قورالى قىسىملىرىنىڭ ھوشيار ھالەتكە كىرىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.ئەمما ئامېرىكا ئارمىيىسى كېرمىل سارىيى ۋە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر قەغەر يولۋاس ئىكەنلىكىنى ئاللا بۇرۇن كۆرۈپ يەتكەن،قىلچىمۇ پىسەنت قىلمىغان.

ئوخشاش ئەھۋال 1999-يىلى ش ئا ئە ت يۇگۇسلاۋىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندا يەنە كۆرۈلدى.يۇگۇسلاۋىيە بولسا روسىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا،ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يۇگۇسلاۋىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشى ئەمەلىيەتتە روسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك چېقىلغانلىق ئىدى،ئېغىرلىق دەرىجىسى ئىراققا قىلغان ھۇجۇمدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدۇ.بۇنىڭغا قارىتا كېرمىل سارىيى قارا دېڭىز فىلوتىنى ئىشقا سېلىپ ئوتتۇرا دېڭىزغا بارىدىغانلىقىنى دارۋاڭ قىلىپ،ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن قارشىلىشىش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى،بىراق ئەڭ ئاخىرىدا يېلى چىقىپ كەتتى.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!