كېلىن بىلەن قېيىنئانا مۇناسىۋىتى....

ۋاقتى:2010-10-05 01:00مەنبە: يوللىغۇچى:دەرتمەن يېگىت119 چېكىلىشى:قىتىم
  

 كېلىن بىلەن قېيىنئانا مۇناسىۋىتى.... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
توي قىلغاندىن كېيىنكى كېلىن بىلەن قېيىنئاتا، قېيىنئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بىر تەبىر بەرگەن بولسىڭىز! چۈنكى نۇرغۇن قىزلار ئۆزى رازى بولۇپ ياتلىق بولغان ئېرىنى ياخشى كۆرىدۇيۇ لېكىن شۇ ئېرىنى تۇغۇپ - تەربىيىلەپ قاتارغا قاتقان ئاتاـ ئانىنى ياختۇرمايدۇ.
بۇ ھەقتە قىز بولغۇچى پەرزەنتلىك بۇرچىنى ياتلىق بولغاندىن قانداق ئادا قىلىدۇ؟ كېلىن، قېيىنئاتا، قېيىنئانا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ ياخشى تەبىر قايسى؟
مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن بولسىلا. رەخمەت، سىلىگە ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم رەھمەت قىلغاي… مەخمۇتجان
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

www.iz.la


جاۋاب:
قېرىندىشىم! دىنىمىزدا كېلىننىڭ قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. لېكىن قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان كېلىن ئېرىگە ياخشىلىق قىلمىغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئېرىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولىدۇ.
شۇنىڭدەك كۈيئوغۇلنىڭمۇ قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. لېكىن قېيىنئاتا – قېيينئانىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان كۈيئوغۇل ئايالىغا ياخشىلىق قىلمىغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئايالىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولىدۇ.
بۇ ئىشتا قېيىنئاتا – قېيىنئانا، كېلىن ۋە كۈيئوغۇل ھەممەيلەن ئاللاھدىن قورقسا، ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلسا، ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىغان نەرسىنى تەلەپ قىلمىسا، باشقىسىغا زۇلۇم قىلىشتىن ساقلانسا، پۈتۈن كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈگەيدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
شۇنداق قېيىنئاتا ۋە شۇنداق قېيىنئانالار باركى، ئوغلىنى ئۆيلىسە كېلىنىگە ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا، يەنى ئۆز ئوغلىنىڭ ئايالىغا ئەمەس، خۇددى ئۆينىڭ خىزمەتچىسىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. كېلىنىنى دۈشمەندەك كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا رەھمەت ئېتىشنى، يامانلىقىنى ئەپۇ قىلىشنى بىلمەيدۇ.
بولۇپمۇ بەزى قېيىنئانالار ئۆيىگە كېلىن ئەكەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆزى ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە كۆرپىدىن چۈشمەي ئولتۇرۇپ، كېلىنىنى بىر چۆرىنى ئىشقا سالغاندەك ئىشقا سالىدۇ، ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ، گەپتە چېقىۋېلىپ كۆڭلىنى ئاغرىتىدۇ، پات – پات ھومىيىپ قويۇپ يۈرىكىنى زىدە قىلىدۇ، يېگەن – ئىچكىنىگە چىدىمايدۇ، شۇنداق قىلىپمۇ دەردى چىقماي ئاخشام بولسا ئۇنى ئوغلىغا چېقىپ ئىزاغا ياكى تاياققا قويۇپ ئاندىن ئارام تاپىدۇ. مانا بۇ زۇلۇمدۇر، ئىنسانلىققا خىلاپتۇر، ئاللاھدىن قورقمىغانلىقتۇر. www.iz.la
ئەسلىدە ئاتا – ئانا بولغۇچىلار كېلىنىنى ئۆز قىزىدەك كۆرۈشى، ئۇنى رەھىم – شەپقەت قاناتلىرى ئاستىغا ئېلىشى، ئۇنىڭغا ئاتا ئانىلىق مېھرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. كېلىنىنىڭ چوڭ ئۆيگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئوغلى بىلەن بىر ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقلىرى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن كېلىنىنىڭ ئۆي، قازان – قومۇچ، يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئىشلىرىنى تېزراق ئايرىم قىلىپ بېرىشلىرى ياخشى.
ئەرمۇ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى يەنى ئايالى بىلەن ئولتۇرىدىغان ئۆيىنى ۋە ئائىلىۋىي ئىشلىرىنى ئايرىم قىلىشى، ئايالىغا ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلىپ تەربىيىلىشى، ئايالى بىلەن ئاتا – ئانىسىنىڭ ئارىسىنى ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشى لازىم.
www.iz.la

خوش! ئەمدى كېلەيلى كېلىنگە، كېلىن ئەنە شۇ ياخشى كۆرىدىغان ئېرىنىڭ ئاشۇ ئاتا – ئانىنىڭ بالىسى بولغانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكى، ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلسا، ئېرىگە ياخشىلىق قىلغان بولىدىغانلىقىنى بىلىشى، ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ئۆز ئاتا – ئانىسىدەك كۆرۈشى، ئۇلارغا سوغا – سالاملار بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئۇ ئۆيدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولسا، باشقا ھېچكىمگە سەپە سالماي قىلىشى، ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشى، خۇش چىراي بولۇشى، يېقىملىق گەپ – سۆزلەنى قىلىشى ۋە ئىززەت – ئىكرام قىلىشى لازىم.
مانا مۇشۇنداق بولغاندا بۇ كېلىن ئالدى بىلەن ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ، چۈنكى قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان كېلىن، ئۇلاردىن ئەسلا ياخشى مۇئامىلە كۆرمەيدۇ، ھەتتا بۇنداق كېلىن ھاياتىدا بىرقانچە قېيىنئاتا – قېيىنئانا كۆرىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بۇنداق كېلىن ئىككىنچىدىن ئېرىگە ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلمىغان خوتۇن ئېرىگە يامانلىق قىلغان بولىدۇ.
كۈيئوغۇلمۇ قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىغا يەنى ئايالىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئەنە شۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك. ئۇلارنى ئۆز ئاتا – ئانىسىدەك كۆرۈشى لازىم. ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە توي قىلغان ئەر – ئاياللارغا مۇنداق دېگەن:
«وَعَاشِرُوەُنَّ بِالْمَعْرُوفِ»
«…ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار…»- نىسا 4/19.
بۇ ئايەتتىكى «تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن ئىپادىنىڭ ئەرەبچىسى ئاشىرۇ «عَاشِرُو» دۇر. بۇ كەلىمە «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى ئەر – ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بەجا كەلتۈرۈشىنىڭ لازىملىقىغا، بۇ بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈشتە ئايالغا قارىغاندا ئەرنىڭ بەكراق كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمە مۇفائەلە بابىدىندۇر. مۇفائەلە بابى، فائىل بىلەن مەفئۇلنىڭ ھەر ئىككىلىسى قىلغان/ قىلىدىغان، لېكىن فائىل كۆپراق قىلغان/ قىلىدىغان بىر ئىشنىڭ قىلىنىشىغا دالالەت قىلىدۇ. «چىرايلىقچە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى بولسا، بىلمەئرۇف «بِالْمَعْرُوفِ» دۇر. مەئرۇفنىڭ مەنىسى: «ياخشىلىقى ئەقىل بىلەن ياكى شەرىئەت بىلەن بىلىنگەن ئىش» دېگەن بولىدۇ. – مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تەئالانىڭ: «… وَعَاشِرُوەُنَّ بِالْمَعْرُوفِ … (… ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار …)» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: «ئى نىكاھلانغان ئەر – ئايال مۇئمىنلار! ياخشىلىقى ئەقىل بىلەن ياكى شەرىئەت بىلەن بىلىنگەن ئادەت بويىچە تۇرمۇش ئۆتكۈزۈڭلار،  بىر- بىرىڭلارغا شۇ ئادەت بويىچە مۇئامىلە قىلىڭلار. بۇنداق ياشاشقا ئەرلەر بەكراق كۆڭۈل بۆلۈڭلار» دېگەن بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەردە زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن ھەق – ھوقۇقلارغا رىئايە قىلمىغان ئەر – خوتۇن، «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك» قىلمىغان بولىدۇ. يەنى ئۇنداقلار ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقارقى سۆزىگە  ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ   
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

         مەنبە مۇسۇلمانلار تورى،،،،،،،،،،،،،

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قاتتىق كۈلۈشكە بولمايدىغان كىشىلەر

    كۈلكىنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر قاتتىق كۈلۈشتىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك ....

  • گۈل ۋە سالامەتلىك

    گۈل كىشلەرگە ھۇزۇر بىغىشلاپلا قالماي ، مۇھتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپ ، تۈرلۈك كېسەلىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . نېرۋا پائاليىتى بۇلغىنىشقا باشلىغان بەزى كېسەلكىلەرنى داۋالاشتا گۈل شىپالىق رول ئوينايدۇ .. شۇنداق بولغاچىقا بەزى مەملىكەتلەردە گۈل...

  • ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت

    ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت، - بىر كىشى ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى بىلىسە، ھەمدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، ئۇ، ئەركىن ، مەنىلىك ، ھەقىقى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغان بولىدۇ،...

  • چىش يۇيغاندا ...

    چىشنى چوتكىلاپ يۇيغاندا ئۇنىڭ توغرا ئۇسۇلنى ئىگىلەپلا قالماي ، بەلكى سۇ تېمپېراسنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇشغىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك . ئۇنداقتا چىشنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلتىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرسى زادى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بۇلىدۇ ؟ ياپۇنىيە خۇشېڭ ئۆلكىسدىكى تىببى مۇتەخ...

  • تەبەسسۇم

    تەبەسسۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن تەبەسسۇم، ئۇ، تاۋار ئەمەس، ئالدى - ساتتى قىلىدىغان ياكى پۇل ئورنىدا بانكىغا قويۇپ ساقلايدىغان . تەبەسسۇم، ئۇ، مۇغەمبەر كۈلكە ۋە خۇشامەت ﻫېجىيىشى ئەمەس، ناپاك نىيەتنى بېزەپ جۇلالاندۇرغان ۋە بىر پاشكا ئالىي ماركىلىق تاماكىدەك...

  • ئەتىگەندە ئۈچ ئىشنى ئۇنۇتماڭ

    ئەتىگەندە ئۈچ ئۈشنى ئۇنۇتماڭ كۆزىتىشلەتدىن قارىغاندا ، ئەتىگەندە تۆەندىكىدىك ئۈچ ئىشنى داۋاملىق قىلىپ بەرگەندە قۇلاقنق سەزگۈلەشتۈرۈپ ، كۆزنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ ، خىزمەت ۋە ئۆگۈنىش ئۈنۈمىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بۇلىدىگەن ________ ، 1 . كېرىلىش ، ئەتىگەندە ئورنىدىن...

  • ھەقىقىي مۇھەببەت يېنىڭىزدا !

    بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. ئەر جان-دىل بىلەن ھېلىقى قولنى چىڭ تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قويۇپ بەر...

  • كومپيۇتېر رادىئاتسىيسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ 9 تۈرلۈك ئۇسۇلى

    1.كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا بىرنەچچە تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويسا ، گۈل رادىئاتسىيسنى سۈمۈرىۋالىدۇ. 2. تۇرمۇشى جىددىي ، ئالدىراش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيسىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئامالى ھەر كۈنى 2 دىن 3 ئىستاكانغىچە يىشىل چاي...

  • بەزى بىمارلارنىڭ يانغون ئىشلەتمىگىنى ياخشى

    تۇتقاقلىق كىسىلى بارلار. ئادەتتە يانغون ئىشلەتكەندە يانغون ئىشلەتكۈچىنىڭ چوو مىڭىسى ئەتراپىدا ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئىلىكىترو ماگنىت دولقۇنىدىن 4~6 ھەسسە كۈچلۈك ئىلىكترو ماگنىت دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ. ئاز ساندىكى سۈپىتى ناچار يانغونلار پەيدا قىلىدىغان ئىلكترو ما...

  • بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى

    بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى...