مەڭگۈلۈك سۆيگۈ

ۋاقتى:2010-09-30 17:40مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۈل چېكىلىشى:قىتىم
  

بۇرۇن بىر ئاشىق مەشۇقىلار ئۆتكەن ئىكەن، ئۇلار مىڭ بىر جاپادا توي قىپتۇ، ئۇلار خېلى بىر ۋاقىقىچە بەختىلىك ياشاپتۇ. تېخى بالىلىقىمۇ بوپتۇ، ئۇلار بەختىلىك ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوۋىغا چىقىپ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەپتۇ . ئۇ بىچارە ئايال ئۈچ بالا بىلەن يالغۇز قاپتۇ . ئايال ناھايىتى قەيسەر  بۇلۇپ يولدىشنىڭ ھامىنى قايىتىپ كىلىدىغنىغا ئىشنىدىكەن ، بالىلارنىڭ باشقىلارنىڭ دادسى باركەن نىمىشقا بىزنىڭ دادىمىز يوق دەپ سورغاندا ئانا ناھايىتى ئازابلىنىدىكەن ، ئۇ بالىلارغا باللىرىم سىلەرنىڭ داداڭلار تۈگەپ كەتكەن دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ . بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ ئانا تەربىسىنىڭ ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ بالىلار بىر-بىردىن شۇنداق ئەقىللىق چوڭ بوپتۇ . ئايالىمۇ بىرمۇ بالىلىرمىنى  جاپا تارتىقۇزۇپ قويمايمەن دەپ تىرشىپ - تىرمىشىپ ئىشلەپ ئىشتىن سىرتىقى ۋاقتىلاردا باشقىلارنىڭ ئۆيىدە سائەتلىك ئۆي خىزمەتچىسى بۇلۇپ، قۇشۇمىچە تىجارەت قىلىپ يۈرۈپ ئۈچىلى بالسنى ئوقۇتۇپتۇ. ئۇلارمۇ ئانسىنىڭ جاپاسىنى بىلىگەچىكە ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇپتۇۋە بىر- بىردىن ياراملىق ئادەملەردىن بۇلۇپتۇ. ئانا ياشقا چوڭايغانسىرى تىنىمۇ ئاجىزلىشىپتۇ، بىردەمدىلا مۇمايىغا ئايلنىپتۇ . مۇماي نەۋرەلىك بوپتۇ، مۇماينىڭ بالا چاغلىرىدىكى ناھايىتى يېقىن  دوستىدىن بىرسى بار بۇلۇپ ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممە ئىشلاردىن خەۋرى بار ئىكەن. ئۇلار بۇ ئىشنى بالىلارغا ئېيىتىماسلىققا قول بىرشكەن ئىكەن . مۇماي ئاغرىپ قاپتۇ . ئۇ ئاق قان كېسلىگە گىرپتار بولغان ئىكەن. بالىلارنى مۇمايىغا ناھايىتى ياخشى قاراپتۇ ۋە ئانسىدىن ئۈمۈد ئۈزمەپتۇ . دوختۇرخاننىڭ كېسەل كارۋىتىدا ئۇزۇن مۇددەت ياتقان مۇماي بىئارام بولۇپ دۇختۇرخاندىن چىقىپ كىتىش توغلۇق بالىلارغا مەسلىھەت سالسىمۇ بالىلار بىزنىڭ ئانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغ ھەرگىز ئۇ بىزنى تاشىلاپ كەتمەيدۇ، دىگەن ئىرادە بىلەن بالىلار ئۇنماي تۇرۋالدىكەن بىر كۈنى مۇماينىڭ كېسلى ئېغىرلىشىپ كىتىپتۇبالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇق تۇققانلار ۋە مۇماينىڭ قەدىناس دوسىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئادەمىلەر مۇماينى قورشىۋالغان ئىكەن. مۇماي كۆزنى ئېچىپ ئەتىراپىدىكىلەرگە بىر- بىرلەپ قاراپ چىقىقاندىن كىيىن دوستىغا قاراپ بىر نىمىلەرنى دەپتۇ دوسىتى مۇماينىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلقىنى بىلىپ بالىلارنىڭ ئالدىدا  چاندۇرماي ھە خاتىرجەم بۇلۇڭ دەپلا گەپنى تۈگتىپىتۇ. مۇماي جان تالاشماقىتا ئىدى . مۇماي بۇ دۇنياغا تېخى تويمىغاندى ئۇ يولدىشىغا تارتىشۋاتاتتى ئۇ مەن كۆز يۇمىغىچە ئۇ چۇقۇم قايتىپ كىلىدۇ دىگەن ئۈمۈد بىلەن قىيىنىلىۋاتاتتى . ئۇ تېخى جان ئۈزمىدى مۇماينىڭ جىيەن قىزى بولسا مۇماي كېسەل كارۋىتىغا چىققاندىن بۇيان مۇماينىڭ بارماقىلىرنى ئۇۋلاپ كىلىۋاتاتتى. مۇماي خىيالىدا مىنىڭ باللىرىمنىغا قىلىپ بەرمەكىچى بولغان نۇرغۇن ئىشلىرىم ۋە ئۇلارغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى دىگەندەك خىيالىلار ئارقلىق بارغانسىرى ھۇشسزلنىۋاتاتتى . ئۇنىڭ يۈرىكى بىر نەرسىگە تارتىشىۋاتاتتى ئۇ بولدى شۈكىرە قانائەت قىلاي مىنى 20يىل يالغۇز قالدۇرغان ئادەمنى يەنە ئەڭ ئاخىرىقى نەپسىمىدە ئويلاپ قانداق قىلاي دىگەنلەنى ئويلاپ بولدى دىگىنىچە كۆزنى يۈمىدى بالىلار ئالاقىزادە بۇلۇشۇپ مۇماينىڭ ئېغىزىغا سۇ تېمىتتى مۇماي سۇنى بىر يۈتۈم ئىچىپلا كۆزىنى يۇمدى مۇماينىڭ تېخى جېنى چىقىمىغان ئىدى. مۇماي بىريۈتۈم سۇ ئىچىكىنىچە ئۈچ كۈن يا گەپ قىلالمىدى يا بىر نەرسە گېلىدىن ئۆتمىدى. بالىلارنىڭ ھەممسى مۇماينىڭ بېشىدا كىچىنى - كىچە دىمەي كۈندۈزنى - كۈندۈز دىمەي ئولتۇراتتى. بالىلارنىڭ ئانسىنىڭ بىر ئېغىز گەپ قىلىشنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتەتتى مۇماينىڭ جىيەن قىزى تېخىچە مۇماينىڭ بارمىقىنى ئۇلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالغانچە ئولتۇراتتى. مانا مۇشۇ پەيىتتە ئېغىر قەدەمىلەر بىلەن بىر بوۋاي يىنىك قەدەم تاشلاپ كىرىپ كەلدى،- دەپ ئىشكىنى چىكىپلا كىرۋەردى. بوۋاي كەچۈرۈڭلار مەن ئۇنى بىر كۆرۋالىسام بۇلامىدۇ ؟دىگەندى مۇمايىنڭ كىچىك ئوغلىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ گەپ قىلاي دەپ بولغىچە مۇماينىڭ سىرداش دوسىتى بالىلارنى بىر چەتكە ئۆتۈشىكە ئىشارەت قىلىدى بالىلار نارازلىق بىلەن بوۋايىغا يول بوشاتتى بوۋاي مۇماينىڭ قېشىغا كىلىپ بۇلدۇقىلاپ يىغىلاپ كەتتى،مۇماي كۆزلىرىنى ئاچالماي كۆزلىرىدىن ئازابلىق ياشلىرى تۆكۈلۋاتاتتى، مۇماي كۆزنى ئاچاي دىدىيۇ بىراق ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆزنى ئاچالمىدى. بوۋاي بىر ھازا يىغلىغاندىن كىيىن يانچۇقىدىن بىر قەغەز قەلەمىنى چىقىرىپ خەت يېزىشقا باشلىدى. بوۋاي خەت يىزىش ئارلىقىدا مۇمايىغا بىر قىتىم قاراپ قۇيۇپ خەتنى يېزىۋەردى.بوۋاي خەتنى يېزىپ بۇلۇپ بۇ خەتنى ئۇنىڭىغا بىرۋالسام بۇلامىدۇ ؟ دەپ سوردى بالىلارنىڭ ئاچچىقى كەلدىيۇ ھامىسنىڭ يۈزنى قىلىپ گەپ قىلالماي قالدى.مۇماينىڭ قەدىناس دوسىتى بۇلىدۇدىگنىچە ئۆزنى تۇتىۋالالماي سىرىقا چىقىپ كەتتى . بوۋاي مۇماينىڭ قولنى تۇتۇپ يازغان باغاقچسنى مۇماينىڭ قولىغا تۇتقىزدى بالىلار ئەمدىغۇ بۇلا دىگەنتى بوۋاي ھەممىڭىلاغا رەخمەت مەن  ماڭاي دىگنىچە يىنىك قەدەمىلەر بىلەن ئاستا مېڭىپ چىقىپ كەتتى بالىلار ئانسىغا قاراپ ھەيرانلىق بىلەن قاراپ ئولتۇرشاتتى مۇماينىڭ دوسىتى كىردى . ئۇلار بىر- بىرگە قاراپ ئولتۇرشاتتى كېسەلخانا جىمىجىتلىققا چۆمىدى. ئۇ كەلدىما دىگەن ئاۋاز قەيەرلەردىنىدۇر بىر يەردىن چىقىتى جىمىجىتىلىقىنى بۇزۇپ مۇماي كۆزىنى ئاچقاندى بالىلارنىڭ كۆزى ئانسىغا تىكىلىدى. شۇنداق دىدى مۇمايىنىڭ دوسىتى . قولىڭىزدىكى باغاقچىنى قالدۇرۇپ كەتتى دىگەندى بالىلار ، ئانا بۇنى ئوقۇپ بەر دىگەندەك ئىشارەت قىلىدى . بۇ خەتتە مەن سىنى تاشىلاپ كەتمەكچى ئەمەسىتىم بىزنىڭ مۇھەبىتىمىز مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىدى .

copyright by www.iz.la

ئاپتاپ قۇياش چىقار بىركۈنى ، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

گۈللىرىمىزمۇ ئېچىلار بىر كۈنى ،

www.iz.la

سېغىنىپ كەلدىم سىنىڭ مەھەللەڭگە، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كۆرشەرمىز قاچان بىركۈنى .

ئىز تورى www.iz.la

دىگەن شىئىركەن . بۇ شىئىر ئەسلى ئۇلار يېڭىدىن تۇنۇشىقاندا يىزشىقان شىئىرلانىڭ بىر كۇبلىتى بۇلۇپ بۇۋاينىڭ بۇ شىئىرنى بۇ چاقىقىچە ئۇنتۇمىغانلىقىتىن خۇشال بولغان مۇماي ماڭا بەر دىگەن دىگەنىچە قىزىغا قاراپ نەپرەتلىك كۆزلىرنى ئېچىپتۇ قىزى گەپ قىلىمايلا باغاقچىنى ئاۋايلاپ قاتلاپ ئانسىغا بىرپىتۇ مۇماي باغاقچىنى چىڭ تۇتۇپ يۈرىكىگە باسقىنىچە جان ئۈزۈپتۇ . ئىز تورى بەك ياخشى

مەنبە ؛ جوڭگۇ ئەدەبىياتى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئانا ھەققىدە ھېكايە

    توختى مەھمۇد ئەلائى تەرجىمىسى ئانىنىڭ ئۆز بالىسىغا بولغان مېھىر- مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن ئانا ھەققىدە ھېكايە ناملىق بۇ چۆچەك ئون بەش دۆلەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، جاھاندىكى بىھىساب ئانىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. بىر ئانا ئوغلىنىڭ يېنىدا ئولتۇرات...

  • دادام ماڭا كىتاپ ئېلىپ بەردى

    مىنڭ ساۋادىم چىققاندىن بۇيان مەن كىتاپ ئوقۇشىقا بەكىمۇ ئامىراق ئىدىم. ئۆيدىكىلەر مىنىڭ كىتاپ كۆرۈشىمىگە قارشى تۇراتتى بۇلۇپىمۇ دادام ، ھېلىغۇ ھىكايە ، رومان كىتابلاركەن دەرسىلىك كىتاپ كۆرسەمىمۇ دادامىنڭ ئاچچىقى كىلەتتى ھەتتا مىنى ھۇرۇنلۇق قىلىپ كىتاپ ئوقۇ...

  • تاغامىنىڭ پۇشايمىنى

    تاغام بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئىچىدە ئەڭ ھاكاۋۇر ۋە مەنمەنچى ئىدى بوۋامىمۇ كۆپرەك ۋاقتىلاردا تاغامىغا يول قوياتتى، بىركۈنى مۇمام قاتتىق ئاغرىپ قالدى مۇمام دۇختۇرخاندا ئىدى بىزگە قاتتىق پۇلىنىڭ خورلىقى كىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكام بۇيىل ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشى...

  • مەن زادى كىم ؟

    بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەر ئەتراپىدا، S شەھىرىدىكى جەنۇبىي خەلق يولىدا بىر ئەر كىشى بىر قارا رەڭلىك پىكاپنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت پىيادىلەر يولىدىكى كىشىلەر توپىغا ئېتىلغان، نەتىجىدە نەق مەيداندا ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، يەتتە ئادەم يارىلانغان. ۋەقە يۈ...

  • نان قەدرى

    ئەنۋەر يەنە شۇ تاماق ئۈستىلىدە ئۇنى يەيمەن، بۇنى يىمەيمەن، سەپ ئانىسى بىلەن ئۇرۇشقىلى تۇردى. ئانىسى چېرايلىقچە: - ئوغلۇم، جېنىم ئوغلۇم، ئۇنداق قىلما، تاماق ئايرىما، تاماق ئايرىش ياخشى ئىش ئەمەس، خۇدا ساقلىسۇن، لېكىن بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان كۈنلەرمۇ...

  • تىلەمچىنىڭ رەسىمى

    بىر رەسسامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پولنىڭ ئۇ قېتىدا بىر تىلەمچى ئولتۇرىدىكەن. رەسسام تۇرمۇشنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، ھەممىدىن رايى قايتىپ مۇشۇ يولغا كىرىۋالغان بۇ تىلەمچىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقماقچى بولۇپتۇ. ئەمما ئۇ بىر نەچچەمۇھىم يېرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈ...

  • مۈشۈك ھەقىقىدە ھىكايە

    جەنۇپنىڭ ئالتۇن كۈزدە پەسلىدە تۈرلۈك مىۋىلەر تۆكمە بۇلۇپ، ھەممە يەر مول ھۇسۇلغا ، توقچىلىققا تولغان مەزگىلدە ،سەھرادىكى تاغامنىڭ تەكرار تەكلىپ قىلىشى بىلەن ھەپتىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئارامدا ئۈيىمىزدىكى تۆت جان،تۇققانلارنىڭ ئۈيىدە مېھمان بۇلۇشۇپ قايتىپ كەلدىم...

  • زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى

    چۈشەندۈرۈش؛زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىپتىكەن، تۇيۇقسىز جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز ۋاقىراش -جاقىراشلار، ئەرنىڭمۇ، ئايالنىڭمۇ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا...

  • ئەقىللىق نەسىردىن ئەپەندى

    كۈنلەردىن بىر كۈنى نەسىردىن ئەپەندى بىلەن پادىشاھ ئوۋغا چىققان ئىكەن . پادشاھ نەسىردىن ئەپەندىنى سىناش ئۈچۈن ، ئارام ئالغان سورۇندا نەسىردىن ئەپەندىگە قاراپ بېشنى كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇ ئاغزىنى كۆرسىتىپ . شاھ يۈزنى كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇ گېلنى كۆرسىتىپتۇ . شا...

  • ‹ئا› نىڭ ھىكايىسى

    ئا نىڭ ھىكايىسى ئاشپەز ئادىل، ئالتۇنچى ئالىمجانلار ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاداۋەتلەشكەنىدى. ئادىلنىڭ ئاغىنىسى ئالمىچى ئابلا ئايالىغا ئالتۇن ئالغىچە ،ئايزىرىلەرنى ئارتۇق ئارىلاپ ئالغۇزىۋەرگەچكە،ئالتۇنچى ئالىمجان ئاچچىقلاپ ئابلاغا ئاليىپ ئاۋازلىرىنى ئاۋۇت...