دانالار سۆزى(قىز تەربىيىسى2)

ۋاقتى:2010-07-16 21:16مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلبوستان چېكىلىشى:قىتىم
  

كونىلاردا <ئەرنى ئەر قىلغانمۇ ئايال،يەر قىلغانمۇ ئايال>دېگەن گەپ بار.مال-دۇنيا بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدىغان گۈزەل ۋە بەخىتلىك تۇرمۇشنى ياخشى خۇلق-مىجەز بىلەن قولغا كەلتۈگىلى بولىدۇ.يولدىشىڭ بىلەن ياخشى ئۆت،ساڭا ياخشىلىق قىلسۇن ياكى يامانلىق قىلسۇن،ھەتتا ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولساڭلارمۇ ئۇنىڭ چوڭ-كىچىك سىرىنى ئاشكارلىمىغىن.ئۇ سېنىڭ يولدىشىڭغا قىلغان زىيانكەشلىكىڭ بولۇپلا قالماي،بەلكى ئۆزۈڭگە ققىلغان زىيانكەشلىكىڭ بولۇپ قالىدۇ.كىشىلەر سېنى ئەسكى ناچار ئايالكەن دەپ سەندىن قاچىدۇ.ھەرقانچە ئاچچىقىڭ كەلسىمۇ ئۆزۈڭنى بېسىۋال،ئېغىزىڭنى ئەسكى،ناچار سۆزلەردىن يىراق تۇت،يولدىشىڭغا قول ئۇزاتما.ناچار،ئەسكى سۆز بىھايا ئادەملەرنىڭ ئىغىزىدىن چىقىدۇ،ئۇنداق ئاياللارنى كىشىلەر جەددال دەيدۇ.تۇرمۇشتا قانائەتلىك بولغىن،بۇ سېنىڭ بەخىتلىك بولۇشۇڭنىڭ ئاساسى،قانائەتلىك بولۇش ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلەتلىرىدىن بىرى.يولدىشىڭ باي بولسۇن،كەمبەغەل بولسۇن ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنى ئاتىغىن.ئىمكان قەدەر بارىغا قانائەت قىلىپ تىجەشلىك،ئىقتىسادچىل بولغىن،ئۆيۈڭ تېخىمۇ باياشادچىلىققا چۆمىدۇ،كۆڭلۈڭمۇ ئارامىدا بولىدۇ،بىر كىيىم ئۈچۈن خاپىلىقنى سېتىۋالىدىغان بېشەم ئاياللاردىن بولما،يولدىشىڭ كەمبەغەل بولۇپ كەتسە،ئۇنىڭغا ئېلھام بەر،كۆڭلىنى ياسا،يولدىشىڭنى خىجالەتقىلىپ ئۆزۈڭنى گۇناھكار قىلما،ھەرقانداق تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بەرگىن.يولدىشى نامراتلاشسا يۈز ئۆرۈگەن ئايال ئەڭ ئىپلاس بولىدۇ،ئايالنىڭ ئەڭ ئېسىلى ئۇ يامان كۈنگە قالغاندا دائىم ئۇنىڭغا تەغدىرداش بولالىغان ئايالدۇر.قانائەتسىزلىك يامان كېسەل.ئۇ سېنى ئاچكۆزلۈك،نەپسانىيەتچىلىككە گىرىپتار قىلىدۇ.ئايالنىڭ ۋەزىپىسى ئەر كىشىنىڭ قەلىب دىتىنى،ئۇنىڭدىكى ئالىيجاناب ھېس-تۇيغۇنى يالقۇنجىتىش،مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ۋە يۈكسەكلىك،بۈيۈكلۈككە بولغان قىزىقىشىنى قوللاپ-قۇۋەتلەشتىن ئىبارەت.ئايالنىڭ قىممىتى ئەنە شۇ.بۇ قىسمەت ئۇلۇغ ھەم مۇقەددەستۇر.سېنىڭ ئاياللارغا خاس نازاكىتىڭ يولدىشىڭغا قانائەت بېغىشلىسۇن،ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە،ئۆي ئىچىدىمۇ پاكىز،رەتلىك ياسىنىپ يۈرگىن.ئايال كىشى ئاخىرىغىچە ئاياللىق نازاكىتىنى ساقلىيالىسا،ئۇ كۆپرەك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ،ئەگەر سەن ئۆزۈڭدىكى ئايللىق پەزىلەتلەردىن يىراقلاپ،ئەرلىك خىسلەتلىرىڭنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنساڭ،بۇ ھال ئۆزۈڭگە زىيان يەتۆۈزىدۇ،مەردلىك ئەرلەرگە خاس.ئاياللار ئۈچۈن ئەيىپ،مال-دۇنيانىڭ قەدرىگە يەتكەن ئايال بىر چىمدىم ئۇننىمۇ بۇزمايدۇ،ناننى ھاجەتتىن ئارتۇق سۇندۇرمايدۇ،،نان پارچىلىرىنى خالىغان جايغا تاشلىمايدۇ.شۇ بىر نان ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر كەتكەنلىكىنى ئەسلەش كېرەك.بىر بۇردا نان ئۈچۈن قانچىلىغان كىشىلەر جان بەرمەكتە.ئۆلم گىردابىغا بېرىپ قالغان كىشىگە دالىدا يولۇققان بىر چامادان پۇلدىن كۆرە بىر بۇردا نان ئەۋزەلغۇ.ئەگەر سېنىڭ ئىسراپخۇرلۇقۇڭ سەۋەبىدىن يولدىشىڭنىڭ ئىشتىنى تىزىدىن ئاشماي ناتوغرا يولغا ماڭغۇدەك بولسا،بۇنىڭ گۇناھىمۇ ساڭا بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

پاكىزلىقنى ئادەت قىلغىن،شەخسى تازلىققا بەك ئەھمىيەت بەرگىن.ھەرگىز تاھارەتسىز يۈرمە،ناپاكلىق شۇملۇقنى ۋە بەخىتسىزلىكنى چىللايدۇ.سەن بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولىدىغان ئادەمنى ئوبدان تاللىغىن.پەزىلەتلىك ياخشى ئاياللار بىلەن سۆھبەت قىل،بۇزۇق،سۇخەنچى ئايالنى ئۆيۈڭگە يولاتما.ياخشىلار بىلەن بولغان سۆھبەتكە ياخشىلىققا سەۋەپ بولسا،يامانلار بىلەن بولغان سۆھبەت يامانلىققا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.يامان ئايال ئايال ئەمەس،بەجايىكى بېشەم شەيتاندۇر.ئۆزۈم ياخشى بولغاندىكىن،ئۇنىڭ يامانلىقىنىڭ نىمە زىيىنى دېمگىن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ھېكايە قىلىنىشىچە؛كاتتا سودىگەر بىر چاكار سېتىۋالماقچى بولۇپتۇ.ساتقۇچى؛

ئىز تورى www.iz.la

_بۇ قۇلنىڭ بىر ئەيىبى بار،_دېدى ئۇ،_ئۇ بولسىمۇ سۇخەنچىلىقتۇر.

www.iz.la

_قۇل سۇخەنچى بولسا نىمە بولاتتى؟_دېدى سودىگەر.چاكار سودىگەرنىڭ ئايالىغا؛

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

_ھەي ئاغىچام،خوجايىننىڭ سىزنى قويۇپ بېرىپ بىر ئايال ئېلىش نىيىتى بار ئىكەن_دېدى،ئاغىچا بەك پەرىشان بولدى.ئۇ يەنە؛ ئىز تورى بەك ياخشى

مەن تىلسىم بىلىمەن،ئەگەر خالىسىڭىز خوجايىننى سىزگگ مۇھەببەتلىك قىلاي،_دېگەنىدى،ئاغىچا خوش بولۇپ كېتىپ ئۇ چاكارغا كۆپ ئىلتىپاتلار قىلدى.ئۇ بىر كۈنى؛ 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

_غوجام ئۇخلىغاندا سىز ئۇستىرا بىلەن ساقىلىنىڭ ئۇچىدىن بىر ئاز كېسىپ ماڭا بېرىڭ،ئۇنىڭغا ئەپسۇن دۇئاسى ئوقۇپ بېرەي،ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىڭ،_دېدى.ئاندىن سودىگەرنىڭ قېشىغا كېلىپ؛ copyright by www.iz.la

_ھەي خوجايىن،سىزنىڭ مەندە تۇز ھەققىڭىز بار،مەن بىر خەۋەرئاڭلىدىم، ئېيتمىسام ساداقەتسىزلىك بولىدۇ،ئايالىڭىز بىر كىشىگە كۆڭۈل بېرىپتۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى ئۆلتۈرۈشكە نىيەت قىلىپتۇ.ئەگەر بۇ گېپىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئۆيگە بېرىپ ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋىلىڭ،نېمىلەرنى كۆرەرسىزكىن،_دېدى.خوجايىن ئۆيگە كېرىپ ئاش-تائام يەپ،تەكىيگە باش قيۇپ ئۇخلىغان بولۇپ ياتتى.ئايالى ئەمدى ئۇخلىغاندۇ دەپ ئۇستىرىغا ئىنتىلدى،خوجايىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،ئايالنىڭ قولىدىن تۇتتى،ئۇستىرىنى تارتىۋىلىپ ئايالنىڭ بېشىنى كەستى.ئايالنىڭ تۇغقانلىرى كېلىپ،شاھقا ئەرز سۇنۇپ،ئايالنىڭ خۇن ھەققى ئۈچۈن ئۇ سودىگەرنى ئۆلتۈردى.ئۇ سۇخەنچى غۇلامنىڭ شۇملۇقىدىن ئەر-ئايال ئۆلۈپ ئەسلى-ۋەسلى ۋەيران بولدى. www.iz.la

كۆردۇڭكى،سەيتان بىلەن بولغان دوستلۇقتىن كىم پايدا كۆرگەن.يامان ئاياللارنىڭ ھىيلە-مىكرى ئىبلىسنىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.بۇنداق ئايال ئىز باسقان ئۆيدىن بەرىكەت كۆتۈرۈلىدۇ،ئىناق مۇھەببەتلىك تۇرمۇش جاڭجالغا ئايلىندۇ.بەخىتسىزلىك بەخىتنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.ھەرقانچە زېرەك بولساڭمۇ،ئۇنىڭ پىتنە-پاساتلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىسەن.ئۆزۈڭنى ھەر قانچە تارتاي دېسەڭمۇ بارا-بارا ئۇنىڭ سېھرى يىپىغا ئىلىنىپ قالىسەن،ئۇ ھە دېگەندە سېنى ماختايدۇ،باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىدۇ،ساڭا ئىنتايىن كۆيۈنۈۋاتقاندەك پوستۇڭغا كىرىپ قېنىڭنى ئىچىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la

قىزىم،ئۆزۈڭنى ۋە يولدىشىڭنى بەخىتلىك قىلاي دېسەڭ،يۈزۈڭنى يورۇق،بېشىڭنى ئېگىز قىلاي دېسەڭ،قارنى كۆكسۈڭنى كەڭ قىل.قىيناتا-قىينانىلرىڭنى بەك ھۆرمەت قىل.چۇنكى ئۇ سېنىڭ ئىكىنچى ئاتا-ئاناڭ،يولدىشىڭنىڭ مېھرىبان دادىسى ۋە ئانىسى.سەن ئۇلارغا چىن كۆڭلۈڭدىن ھۆرمەت بىلدۈرسەڭ،يولدىشىڭمۇ سەندىن خۇرسەن بولىدۇ.سېنى سۆيىدۇ.سەن ئۇلارغا ئۆز قىزىدەك كۆيۈن،پۇت-قوللىرىنى تۇتۇپ قوي،كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بەر،كۆڭلى قانداق غىزا تارتىدۇ،سوراپ تۇرغىن،ھەرگىز ئۆز بېشىمچىلىق قىلما،كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۇلاردىن مەسلىھەت سورىغىن،سىرتتا ھەرگىز ئۆينىڭ گېپىنى قىلما،ئۆيدە بولغان ئىشلارنى سىرتقا كۆتۈرۈپ يۇرسەڭ،كۆڭلۈڭ ئارام تاپمايدۇ،بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىساڭ ئىچىڭدە بىل،بېرىپ ئاناڭغا دەردىڭنى تۆكمە،ئۇنداق قىلساڭ بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تېخىمۇ چوڭايتىۋىتىسەن.ئارىغا بىر قېتىم سوغاقچلىق چۈشۈپ قالسا ئۇنى ئىللىتماق تەس،كىچىككىنى ئىشلارنى باھانە قىلىپ كۈدە-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈپ يامانلىما،ئەگەر ئاشۇ ئۆينى مەڭگۈ تۇتۇش نىيىتىڭ بولسا،خېلى چوڭ ئىشلار بولسىمۇ يامانلىما،ئىكىنچى بارماسلىققا نىيەت قىلغان بولساڭ،يامانلا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

يولدىشىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلىرىگە ھەم ياخشى مۇئامىلىدە بول،ئۇلارنى ھۆرمەتلە؛<بۇغداي نېنىڭ بولمىسا،بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى>دېگەندەك،ئۇلارغاچوڭ ئىشلارنى قىلىپ بېرەلمىسەڭمۇ ئېغىزىڭدا بولسىمۇ،كۆڭلۈڭنى ئىزھار قىل.ئۆزۈڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلىرىڭگە قانداق مۇئامىلە قىلغان بولساڭ،يولدىشىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلىرىگە ۋە مېھمانلىرىغا ئوخشاش پوزىتسىيىدە بول،ھەتتا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلىدە بول،بۇ ئەلۋەتتە يولدىشىڭنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى،قەدر-قىممىتىنى قىلغىنىڭ بولىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

    ھەر قېتىم ئانامغا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمراھ بولۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكل...

  • قىزىم ساڭا ئېيتمەن

    قىزىم ساڭا ئېيتمەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن قىزىم ساڭا ئېيتىمەن مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ ئۇنى كىم ۋە قاچان يەنى ئەقىللىق پاكىزە قەلىبى گۈزەل ھالغا يەتكۈزىدۇ؟ خوش ئەگەر بىزھەم ئاشۇ مۇنىسە ئاياللارغا ئو...

  • ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق توغىرىسدا

    ئىنسانغادۈشىمەن بولىدىغان يات قىلىقلاردىن بىر ۋەدىگە ۋاپ قلىماسلىقتۇر. بۇ بىر خىل ناچا ئىللەت بولۇپ، ئۆزىنىڭئابريى ،ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، يالغان ۋەدىگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، دىلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ كىشىدە ۋەدىگە ۋاپ قىلمىغان كى...

  • بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كىرەك...

    بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قى...

  • بالىلار يېتىلدۈرۈشكە تېگشلىك ساپا

        مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى يىقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى:     ئۆز –ئۆزىگە ئىشىنىش . ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.     قىزغىنلىق . قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بو...

  • ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

    (مۇلاھىزە ماقالە) مۇساجان تۇردى       ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمە...

  • چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى

       ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت    ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كە...

  • بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندە نېمىلەرگە دىقەت قىلىش كېرەك ؟

        1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.      2. نوقۇل ئالىي دەرىجىل...

  • بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە ھېكىمەتلەر

        بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى  بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن  ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر.     بالىڭىز...

  • قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

     پاتىمە ھۈسەن    بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ك...