قىزلار نىكاھ مۇقەددەسلىك سۈپىتى بىلەن ساڭا پاكلىق ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى ئاياللىق خىسلىتىنى بەخىش ئېتىدۇ.سەندە ئۆي تۇتۇشقا بولغان چوڭ روھىي تەييارلىق كېرەك.ئەمدى سەن باشقا ئائىلىگە بارىسەن.ئۇ ئائىلىگە پەزىلەت،گۈزەللىك ئالىيجانابلىقنى ئېلىپ كىر،ھەرگىزمۇ سەندىن ناپاكلىق سادىر بولمىسۇن.بىر قېتىم بولسىمۇ ئازراق خاتالىققىمۇ يول قويماسلىق كېرەك.ئەر-ئايال ئارىسىدا ئەدەب ھايا بولغاندا ،نىكاھ نىممىتىمۇ بەركاماللىق بىلەن ياشايدۇ ھەم مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ.سەن ئۆزۈڭنىڭ ساداقىتىڭ،سەمىيمىلىكىڭ،كۆيۈمچانلىقىڭ بىلەن يولدىشىڭنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلەيسەن،ئائىلىدىكى ھۆرمىتىڭمۇ يۇقىرى بولىدۇ،ئەگەر ئەقىلسىزلىك قىلىپ مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالساڭ،ئۇ ئۆي سەن ئۈچۈن دوزاھقا ئايلىنىدۇ.سەندىن مۇھەببىتى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئادەم ھەر قاچان سەندىن ئەيىب ئىزدەپ تۇرىدۇ.ياخشى ئىشلىرىڭمۇ سەت كۆرۈنىدۇ،ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىڭمۇ ئەرزىمەس ئىش بولۇپ تۇيۇلىدۇ.شۇنۇڭ بىلەن ئۆيدە جىدەل قۇرۇمايدۇ،بۇ رەۋىشتە ئۆتكەن تۇرمۇشنىڭ قىلچە لەززىتى بولمايدۇ.شۇڭا،بولمىغۇر ئىشلاردىن ،ھاياسىزلىقلاردىن،ئەدەبسىزلىكلەردىن بەك ئېھتىيات قىل.يامان كۆرۈپ قېلىش بىر قاباھەت قىزىم،تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكىن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
قىزىم،يولدىشىڭغا ئېتائەت قىل،ئۆزۈڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىل،ھەرگىز يولدىشىڭغا خىيانات قىلما،ھەرگىز ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چەگمە.بولۇپمۇ يولدىشىڭنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلما،يوق ئىشلار ئۈچۈن ئۇنى تەڭلىكتە قويما،كىيىم-كېچەك ۋە گالنى دەپ ھەرگىز ئۆزۈڭنى بۇزما،ھاياتتىكى مەخسىتىنى ياسىنىش دەپ قارايدىغان ئاياللارنىڭ ھاياتىدىنمۇ بەخىتسىز ھايات بولمايدۇ.چىراي،كىيىم-كېچەك،زىبۇ-زىننەت بىلەن بېزىنىش بىردەملىك ئۆتكۈنچى جىلۋە.بۇنىڭغا تايىنىپلا بىراۋنىڭ قىلبىدە مەڭگۈلۈك ئورۇن تۇتۇش مۇمكىن ئەمەس.ئۆمۈرلۈك مەپتونكار جىلۋە قىلىپ گۈزەللىكنى روياپقا ئېلىپ چىقىدۇ.قەلىب گۈزەللىكى ھەتتا سەت چىرايغىمۇ كۆركەملىك بەخىش ئېتىدۇ.قىلىقنىڭ سەت،قەلىبنىڭ ناپاك بولۇشى ئەڭ گۈزەل رۇخسارغىمۇ كىشىنى غەش قىلغۇدەك قارا داغ چۈشۈرىدۇ.ھەددىدىن ئارتۇق ھەشەم-دەرەم گۈزەللىكنىڭ ئېھتىياجى ئەمەس،ئاددىي-ساددىلىق گۈزەللىككە تېخىمۇ بەك يارىشىدۇ.گۈزەللىككە باشقا تەرەپلەر قېتىلغاندا،ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك تېخىمۇ جىلۋىگەر گۈزەللىك نامايەن بولىدۇ.رۇخسارى گۈزەل غۇنچىدەك تۇرۇپ،پەزىلەتسىز بولسا گۆھەرنى نىجاسەتكە ئاتقانلىق بولىدۇ.