ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن دەرھال ئورۇن يىغماسلىق لازىم ئىز تورى www.iz.la
مۇتەخىسىسلەرنىڭ ئۆلچەپ بېكتىشىگە قارىغاندا ، ئادەمنىڭ تەرىدىن پارلىنىپ چىققان خىمىيىلىك ماددا نەپەسلەنگەندە چىقىرىدىغان خىمىيىلىك ماددىن كۆپ بولىدىكەن . ئەتىگىنى ئورۇندىن تۇرۇپلا ئورۇن - كۆرپىلەرنى يىغقاندا يوتقان ئىچىدىكى نەملىك ۋە گازلار تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ . نەتىجىدە ، يوتقان نەملىشىپ ۋە خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ بولغۇشىغا ئۇچراپلا قالماي ، بەلكى سېسىق پۇراق پەيدا بولۇپ ، يوتقاننىڭ ئۆمرىگە ۋە تەن ساغلاملىققا زىيان يېتىدۇ . توغرا ئوسۇل شۇكى ، ئەتىگىنى ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن يوتقانلارنىڭ ئىچىنى تېشىغا قىلىپ ئۆرۈپ قويۇپ دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىش كىرەك . ئەتىگەنلىك تاماق يېيىلىپ يوتقاندىكى نەملىك ۋە گازلار تارقىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يوتقانلارنى يېغىۋېتىش لازىم . يوتقان - كۆرپىلەرنى يەنە دائىم ئاپتاپقا يېيىپ تۇرۇش كېرەك ، شۇ چاغدىلا يوتقان ئىچىدىكى گازلار يۇقرى تېمپىراتۇردا پارلىنىپ تۈگەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە باكتېريىلەرنىمۇ ئۆلتۈرەلەيدۇ .