مەلۇم بىر قىز ياكى ئايالنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا ،ئۇنىڭ ئەخلاقىي-پەزىلىـتىگەئاساسەن باھا بېرىلىدۇ.ئەلۋەتتە .ئەگەر ھەرقانچە چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكەن ئايالمۇ ناۋادا بەدئەخلاق بولسا،ئۇچوقۇم خەلىقنىڭ ھۆرمىتىگە ئەمەس لەنەت-نەپرىتىگە ئۇچرىغېسىدۇر.ئەگەر قىز-ئاياللىرىمىز لەنەت-نەپرەتتىن يىراق تۇرايلى،دىسە ئاڭلىمىقىڭلار ئۈچۈن مەخپىي بولغان بىباھا ئەخلاقىي-نەسىيەتلەرگە قۇلاق سالغاي.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
.تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ،چىرايلىق خۇلىققا ئىگە ئاياللارنىڭ ئەرلىرىمۇ شۇنداق خۇلىققا ئىگە بولۇر ئىكەن ئەكسىچە يامان خۇلىقلىۇق ئاياللارنىڭ ئەرلىرىمۇ يامان خۇلىقبلۇق بولۇپ ،ئۇلاردا ياۋۇزلۇق ئىللەتلىرى پەيدا بولۇپ ،باشقىلار بىلەنمۇ قوپال مۇئامىلىدە بولۇر ئىكەن.ئائىلىۋى مەسلىھەتلەردە ئەر-ئايال ئارىسىدا ئىناقلىق بىلەن ئىش كۆرۈش بولمىسا ،بۇنداق ئائىلە ئازاپ ۋە مۇشەققەت ئۇۋىسغا ئايلىنار ،بۇنداق ئائىلىدىن لەززەت كېتەر ،راھەت يوقار ،بالىلارنىڭ تىنچلىقى بۇزۇلۇر ئائىلە ئەزالىرى ئارىسدا بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك پەيدا بولۇر.ئائىلىلەردە ئۇرۇش چىقماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالماق ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.ئەڭ ياخشى ئاياللار شۇنداق ئاياللاركى ،ئۇلار پەرزەنتىگە كۆيۈنەر ،ئەر بىلەن مۇرەسسە قىلىپ ياشار،ئەرنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلماس ،ئەر نىمىنى سوۋغا قىلسا شۈكرى چېھرىسىنى ئېچىپ ئۇنى خوشال قىلۇر.ئەرنىڭ تاپقىنىنى چاچماسلىققا ۋە سىرلىرىنى ئاچماسلىققا ھەركەت قىلۇر.،ئەگەر ،كىشىگە بەخىت مەدەتكار بولۇپ ،ھەر تەرەپلىمە كامالەتكە يەتكەن شۇنداق ئايالغا ئېرىشەلىسە ،ئۇ ،ئادەم ئۇنداق ئايالنى بېشىدىكى گۈھەر دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى غەنىيمەت بىلگەي ،چۇنكى ھېچقانداق خېرىدار بۇنداق قىممەت ،باھا نىمەتنى دەۋران بازىرىدىن غەيرەت دەللالنىڭ ھەركىتى بىلەن ھېچقاچفن قولغا كخرگۈزەلمەس.
ئاقىل ئايال ئۆز ئېرىنىڭ ھەقىقىي ياردەمچىسىژۇر ،بۇنداق ئايال ئۆز ئېرىنىڭ سۆزىنى ھېچ قاچان يەردە قالدۇرماس .ۋە مەنسىتمەيدىغان ئىشلارنى قىلماس .ئۇنى ھەرقانداق ئىشتا ئۇنى قوللاپ-قۇۋەتلەر.ئەمما،ئاقىل ئايال ئەرگە ئىتائەت قىلمىقى لازىم ئىكەن دەپلا ،ئەر باشلىغان ھەرقانداق قەبىھ يولدا مېڭىۋەرمەس ،ئەكسىچە ئۆز ئېرىنى يامان ۋە،جىنايەـكە ئېلىپ بارىدىغان يوللاردىن قايتۇرۇر. copyright by www.iz.la
ئەڭ ياخشى ئايال شۇنداق ئايالكى ئۇ ھايالىق ۋە نومۇسلۇق بولىدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئائىلىدە مول-كۈلچىلىك ۋە بەرىكەتنىڭ سەۋەپچىسى بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
www.iz.la