ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كوللىكتىپ دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، مەزكۈر شەھەرنىڭ لۇڭخۇا يېڭى رايونى شۇشىياڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى لوخۇ رايونىدىكى بىر ئۆسمۈرلەر كۆڭۇل ئېچىش مەركىزىدە كوللىكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان چاغدا تۇيۇقسىز لېفىت توختاپ قالغانلىقتىن دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. نۆۋەتتە، يارىلانغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار شىنجىن شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
شىنجىن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھۆكۈمەت بىلوگىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 17-ئاپرېل سائەت 16:20 ئۆتكەندە لۇڭخۇا يېڭى رايونى شۇشىياڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقان، پائالىيەت ئاياقلاشقان ۋاقتىدا، شىنجىن شەھىرى لوخۇ ريونى دۇڭمىن كوچىسى سابۇ يولىدىكى ئۆسمۈرلەر باغچىسىدا بىر قېتىملىق لېفىت بېخەتەرلىك ھادىسسى يۈز بەرگەن ۋە سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچى يارىلانغان.
مۇخبىرنىڭ شىنجىن شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئوقۇغۇچىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. مەزكۈر دوختۇرخانا يېشىل يول جىددىي قۇتقۇزۇش مىخانىزىمىنى يولغا قويغان، ھەر قايسى ئالاقىدار بۆلۈملەردىكى تېبىي خادىملار كېچىكىپ ئىشتىن چۈشۈپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
17-ئاپرېل سائەت ئالتىدە مۇخبىر شىنجىن شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلدى، ھادىسىدە يارىلانغان ئوقۇغۇچىلار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، بالنېسىت بىناسىنىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدىكى سۆڭەك بۆلۈمىدە يارىلانغان ئۈچ ئوقۇغۇچى داۋالىنىۋاتقان ئىدى. كارۋات جىددىي بولغانلىقتىن يارىلانغان بىر ئوقۇغۇچى كارىدۇردىكى بىمارلار كارۋىتىدا ياتقان بولۇپ، ئاغرىق ئازاۋىدىن توختىماي ۋاقىرايتتى.
شىنجىن شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ما شاۋپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى كەچتە دوختۇرخانىمىز سەككىز نەپەر يارىلانغان ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى كۈزىتىش ئۆيىدە، تۆتى بالنىستتا، ئۈچنىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر. لىكىن بىرسى دوختۇرخانىدىن چىقتى. www.iz.la
مەنبە . جۇڭگۈ ئۇيغۇر رادىيۇ تورى
