ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاجىرلار مۇنبىرى» ناملىق تور پونكىتىدا 9- ئاپرېل ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى «ئامېرىكا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇشقا ئېلتىماس قىلىشى ئازىيىپ كېتىشتەك ئەھۋالغا دۇچار بولدى»
ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ھىندىستان ۋە برازىلىيەدىن كېلىپ ئامېرىكىدا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئەمما جۇڭگودىن كەلگەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازايغان. ئامېرىكا ئاسپرانت كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەلدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى بۇ يىل ئاران %1 ئاشقان.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئامېرىكا ئاسپرانت كومىتېتىدىكىلەر مۇنداق دېدى: خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىش كۆلىمى ئاستىلاپ قېلىشى جۇڭگودىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇيدىغانلار سانىنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. گەرچە ھىندىستاندىن ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ چەتئەلدىن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئالىي مەكتەپلەردە كوپ مىقداردا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئاسپرانتلار سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى مەسىلىسىنى پەسەيتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ دوكلاتتا زىيارەت قىلىنغان دۆلەت ۋە رايونلار جۇڭگو، ھىندىستان، كورىيە، جۇڭگو تەيۋەن، كانادا، مېكسىكا، برازىلىيە، ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۇڭگو، ھىندىستان، كورىيە، جۇڭگو تەيۋەن، كانادادىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ دۆلەت ۋە رايون دەپ قارىلىدۇ. جۇڭگودىن ئامېرىكىدا ئاسپرانتلىقتا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ بۇ يىلقى ئېشىش نىسبىتى %5 ئازىيىپ كەتتى، ھىندىستاندىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلار سانىنىڭ %20 ئېشىشى جۇڭگودىن بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىنىڭ ئورنىنى ئالالىدى.
بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ قېلىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئاسپرانت كومىتېتىنىڭ رەئىسى دېربا شىدىۋالتېر، گەرچە ھىندىستان ۋە برازىلىيەدىن ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىش كىشىنى ئىلھاملاندۇرسىمۇ، ئەمما جۇڭگودىن ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشىمۇ دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك، «بىز خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىدا توسالغۇ پەيدا قىلىش ئەھۋالىنى قوبۇل قىلالمايمىز، بولۇپمۇ باشقا دۆلەتلەر مەكتەپكە كىرىش بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىۋاتقان ئەھۋالدا.» ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئەنگلىيەگە بېرىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە ئالىي مەكتەپلەر بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن ئەنگلىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە جۇڭگودىن كەلگەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى %9.9 ئاشقان. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەنبە . جۇڭگۈ ئۇيغۇر رادىيۇ تورى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
