app دېتالى
رەسىملىك تەۋىسسيە
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىش بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق

ۋاقتى:2013-04-18 12:35مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى بالىلارنىڭ مەكتەپتە چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشى ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش، ئىش – پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل سۇسان خالىم: «چالغۇ چېلىش ئادەمنىڭ سول مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، چالغۇ چېلىشنى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئادەتتە، ئۇچۇرلارنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى 5/1 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىچىك مۇزىكا ئەترىتىدە چالغۇ چېلىش بالىلارنىڭ بىر – بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى، ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىنى چەكلەپ تۇرۇشىغا پايدىلىق » دېگەن. ئىز تورى بەك ياخشى

خالىمنىڭ بۇ تەتقىقاتى ئەنگلىيە بالىلار، مەكتەپ ۋە ئائىلە مىنىستىرلىكىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ نۇرغۇن بالىنىڭ چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشىگە ئىلھام بەرگەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر مەكتەپ ئىچى – سىرتىدا 330 مىليون فوندستېرلىڭ مەبلەغ سېلىپ، بالىلارنىڭ چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بەرگەن. ھازىر ئەنگلىيە مەكتەپلىرىدە 1 مىليون ئۆسمۈر چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەنگلىيە بالىلار، مەكتەپ ۋە ئائىلە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ئەيدى بارس: مۇزىكا ئەنگلىيە مودا مەدەنىيىتىنىڭ يادروسى، بالىلار قىزىقىدىغان مۇھاكىمە تېمىسى. بىز مۇزىكىنىڭ مەكتەپ تۇرمۇشىدا، شۇنداقلا بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مەنبە . جۇڭگۈ  ئۇيغۇر رادىيۇ تورى

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس