app دېتالى
رەسىملىك تەۋىسسيە
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

خۇاۋېي دۇنيا تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى سەركەردىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن

ۋاقتى:2013-04-25 12:33مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

 

copyright by www.iz.la

نەچچە كۈن بۇرۇن، ئېرىكسون شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى كىرىمى خۇاۋېي بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن بولسىمۇ، ساپ پايدىسى خۇاۋېينىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ بولغان. بۇ خۇاۋېي نىڭ Ericssonنى بېسىپ چۈشۈپ، دۇنيا تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سەركەردىسىگە ئايلىنىش پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مالىيە دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئېرىكسون شىركىتىنىڭ پۈتۈن يىللىق سودا كىرىمى 227 مىليارد 800 مىليون شىۋېتسىيە كىروناسى (تەخمىنەن 35مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، پۈتۈن يىللىق ساپ پايدىسى 5مىليارد 900 مىليون شىۋېتسىيە كىروناسى (تەخمىنەن 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتىنچى پەسىلدىكى زىيىنى 6 مىليارد 300 مىليون شىۋېتسىيە كىروناسى(تەخمىنەن 1مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)غا يەتكەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  خۇاۋېينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان كەسىپ نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلىدىكى كىرىمى تەخمىنەن 35مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، يىللىق ساپ پايدىسى 2مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، كەسىپنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئورنىدا تۇرغان ئېرىكسون شىركىتى بىلەن خۇاۋېي شىركىتىنىڭ نەتىجە سېلىشتۇرمىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىككىسىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئاساسەن تەڭلەشكەن، لېكىن خۇاۋېينىڭ ساپ پايدىسى ئېرىكسوندىن جىق ئېشىپ كەتكەن.ئۇچۇر-ئالاقە كەسپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخ ئارتۇقچىلىقى خۇاۋېينىڭ ساپ پايدىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن، دەپ قارايدۇ. كەسىپ سەركىسى مەسىلىسىدە، مۇتەخەسسىسلەر خۇاۋېينىڭ ئېرىكسوندىن ھەر جەھەتتە تولۇق ئېشىپ چۈشۈپ، بىر مەزگىل ئالدىدا ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن يەكۈن چىقىرىشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

مەنبە . خەلق تورى

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس