app دېتالى
رەسىملىك تەۋىسسيە
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ

ۋاقتى:2013-04-15 19:03مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

مۇخبىرنىڭ 9-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاچقان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، ساغلاملىق ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى دەرسلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، ساغلاملىق ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ساپا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ بۆسۈش نۇقتىسى قاتارىدا چىڭ تۇتۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن. ئىز تورى www.iz.la

ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق دەرسلىرى پىلان بويىچە دۆلەت بەلگىلىگەن دەرس سائىتى ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدىكەن، بۇ دەرسلەرنىڭ ئورنىغا باشقا دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپلەردە دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىكەن.

مەنبە . جۇڭگۈ  ئۇيغۇر رادىيۇ  تورى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس