app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

خاڭجۇدىكى مەكتەپلەر H7N9 قۇش زۇكىمىدىنن مۇداپىئەلىنىشتە جىددىي ھالەتكە ئۆتتى

ۋاقتى:2013-04-12 11:43مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

 

www.iz.la

سۈرەتتە جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى يەسلىنىڭ 6-سىنىپىدىكى بالىلار تاماقتىن بۇرۇن قولىنى يۇيماقتا.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەسلى رەھبەرلىرى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ ھەرقايسى سىنىپلاردا ھاۋا ئۆتۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ سىنىپ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇردى ۋە بالىلارغا پات-پات قول يۇيۇشنى ئۆگەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ناھايىتى تېز سۈرەتتە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولغان ياشانغانلار بىلەن بالىلار پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسىغا ئايلاندى. شۇڭا جېجىياڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى دەل ۋاقتىدا «جېجىياڭ ئۆلكىسى مائارىپ نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ H7N9 قۇش زۇكىمىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ ھەر قايسى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرىدىن ئاممىۋى تازىلىق ھادىسىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، خاڭجۇدىكى بارلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر پۈتۈنلەي ئېھتىيات ھالىتىگە كىرىپ بولغان بولۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر H7N9 قۇش زۇكىمىدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان. ئىككى كۈندىن بۇيان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانىسىدا توخۇ، ئۆردەك گۆشىنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن. مەكتەپ تازىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاشپەزلەر ئەڭ ئالدىراش ھالەتكە ئۆتكەن. ئىز تورى بەك ياخشى

خاڭشى باشلانغۇچ مەكتىپىدە يېڭىچە تۈزۈم يولغا قويۇلۇپ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدا پۈتۈن مەكتەپ بويىچە بىرتۇتاش يوقلىما قىلىنىپ دەرسكە كەلمىگەن ياكى كىچىككەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى بىۋاسىتە مەكتەپ مۇدىرىغا يوللاپ بېرىلگەن. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق زۇكام ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان. تازىلىققا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار ھەر 30 مىنۇتتا بىر قېتىم سىنىپ تازىلىقىنى تەكشۈرۈپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىسى بىلەن يەرنى دېزىنفېكسىيە قىلغان. سىنىپ مەسئۇلى ھەر كۈنى 30 مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزەتكەن ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇلارنىڭ يۇقۇملۇق زۇكام توغرىسىدىكى بىلىمنى تولۇقلىغان. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خاڭجۇ شەھەرلىك سەنخى 3-باشلانغۇچ مائارىپ گۇرۇھى ئىشلەتكەن دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئالاھىدە دەرىجىلىك سۇيۇقلۇق ئىكەن. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا سىرتقا چىققاندا ياۋا كەپتەر قاتارلىق ئۇچار قۇشلار بىلەن ئۆردەك قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىغا يېمەكلىك بەرمەسلىكنى ۋە ئۇلارغا يېقىنلاشماسلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنە ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس تەييارلانغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن قولىنى يۇيۇپ تۇرۇشنى تەشۋىق قىلىپ ئۆلچەملىك قول يۇيۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن. قىزىش، زۇكامداش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى دەرھال باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىۋەتكەن. سىنىپ دېرىزىلىرىنى ئېچىۋېتىپ ئوقۇغۇچلارنى ھەر كۈنى بىر قېتىم كوللېكتىپ ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئارقىلىق قولنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا تەشكىللىگەن. 4-ئاينىڭ 8-كۈنى شاچىڭ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىقىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەمگە يېغىن ئېچىپ H7N9قۇش زۇكىمىدىن يۇقۇملىنىش يوللىرى، ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى، كېسەللىك ئالامەتلىرى قاتارلىق تەرەپلەر بويىچە مەخسۇس تەربىيىلەش ئېلىپ باردى. www.iz.la

تۈنۈگۈن چۈشتە مۇخبىر دىتيەن تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ توخۇ گۆشى، ئۆردەك گۆشىنىڭ تاماق تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىنىپ كۆپ مىقداردا كۆكتات، باشقا گۆش تۈرلىرىنىڭ قېتىلغانلىقىنى كۆرگەن. خاڭجۇ گىلاس بالىلار باغچىسىدا بالىلارنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقى سۈت بىلەن پىرەنىك،چۈشلۈك تامىقى بېلىق شورپىسى بىلەن سامساقلىق قورۇما ئىكەنلىكىنى، چۈشتىن كېيىن يېشىل پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن.
مەنبە . 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس